ساقلىۋېلىش باش بەت قىلىش
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> خەلقئارا خەۋەرلەر >>
ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش ھەرىكىتىنى كۈزىتىش
2009-04-10 20:33:38  يازغۇچى:ئەقىدە  كىلىش مەنبەسى:شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورى  كۆرۈش سانى:  
كىچىك | نورمال | چوڭ             

            ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 7 – ئاپرېل تۈركىيىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ، تۇيۇقسىز يۆلۈنۈشنى ئۆزگەرتىپ ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتتا قىسقا ۋاقىت تۇرۇپ قالدى . ئاق ساراينىڭ بىللە ھەمراھ بولغۇچى بىر ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە ، ئوباما سەپەر قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ ئىراقتا زىيارەتتە بولۇپ ، ئىراقنىڭ چوڭ سايلام ۋەزىيىتىنى كۈزىتىدىكەن .

      ئالدى بىلەن ، ئوباما ئامېرىكا قوراللىق قىسىملىرىنىڭ باش قوماندانى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق 140 مىڭ ئەسكىرىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ . گەرچە ئوباما بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراق ئۇرۇشى قوزغىغانلىقىغا قارشى تۇرغان بولسىمۇ ، لېكىن ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ھىمايىسىدىن ئايرىلالمايدۇ . ئوباما ئامېرىكا ئارمىيىسى بازىسىدا تۆت سائەتتىن ئارتۇق تۇرغان بولسىمۇ ، لېكىن باغداتنىڭ ‹‹ يېشىل رايونى ›› دىكى ئىراق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق جايغا بارمىغان .      

     ئاندىن ، ئوباما ۋەزىيەتنىڭ ناچارلىشىشى تۈپەيلىدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش پىلانىغا تەسىر يېتىشىدىن ئەنسىرىگەن . ئوبامانىڭ يېقىندا ش ئا ئە ت ئۇچرىشىش يىغىنىدا ئىراق مەسىلىسىگە قارىتا بىلدۈرگەن ئىپادىسى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئىراقنى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلىشى مەقسىتىنى مەلۇم دەرىجىدە ئىزاھلىغان . ئوباما مۇنداق دېدى : ‹‹ ئامېرىكىنىڭ ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغىشى بىر خاتالىق .  ئامېرىكا ‹‹ مەسئۇل بولۇش ئۇسۇلى ›› بىلەن ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشى كېرەك . بۇ يەردە

 رەڭلىك قوڭغۇراق موزىكىلىرى 
دېيىلگەن ‹‹ مەسئۇل بولۇش ››— ئىراقنى تېررورچىلارنىڭ پاناھلىنىدىغان جايى قىلغۇزماسلىق ›› . بۇ يىل 2 – ئايدا ئوباما ، كېلەر يىلى 8 – ئاينىڭ 31 – كۈنىدىن بۇرۇن ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيسىنىڭ كۆپ قىسمىنى چېكىندۈرۈدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ، لېكىن بۇ ئىراقنىڭ خەپسىزلىك ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىش شەرتى ئاستىدا چىقىرىلغان قاراركەن . يېقىندا ، باغداتتا كۆپ قېتىم زەنجىرسىمان پارتلىتىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ ، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى يەنە ئەۋج ئالغان ، ئوباما بۇلاردىن ئەنسىرىمەي تۇرالمايدۇ . ئۇ ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق قىسمىغا سۆزلىگەن نۇتقىدا : ‹‹ كەلگۈسى 18 ئاي ئەڭ ھالقىلىق مەزگىل . ئىراقنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن تارتىپ تېررورچىلارنىڭ ئىراقنى پاناھلىنىش جايى قىلىشتىن ساقلىنىشقىچە بولغان مەسىلىلەردە سىلەرنىڭ رولۇڭلار ئىنتايىن مۇھىم ›› ، دېگەن .

     يەنە ، ئىراق بۇ يىل چوڭ سايلامغا دۇچ كېلىدۇ ، لېكىن ئوباما ئىراقنىڭ سىياسىي ياراشتۇرۇش بىلەن قايتا قۇرۇش مۇساپىسىدىن تەشۋىشلەنمەي تۇرالمايدۇ . ئۇ مۇنداق دېدى : نۇرغۇن ھەل قىلىنمىغان مەسىلىلەرنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇشى كېرەك . بۇنىڭ ئىچىدە ، سۇنئىي مەزھىپىنىڭ ئىراق ھۆكۈمەت تارماقلىرىدىكى ھوقۇقى ۋە ئورنى مەسىلىسى ، نېفىت چىقىدىغان مۇھىم ستراتېگىيىلىك جاي جېركۇكنى قايتۇرۋېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر بار . بۇنىڭدىن باشقا ، ئوباما ، ئىراق رەھبەرلىرىنى بالدۇرراق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ ، قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن جەھەتتىكى ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىپ ، ھەر قايسى مەزھەپلەرنىڭ يارىشىشىنى تېزراق ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ، پۇقرالارنى ھۆكۈمەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشقا ئۈندىدى . ئىراق زۇڭلىسى مالېكىي ئوباماغا ئىراقنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قولغا كەلتۈرگەن ھەر خىل ئىلگىرلەشلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى توغرىلىق كاپالەت بەردى .

ئۇلىنىش مەنزىلى: /article/2009/0410/article_4543.html
   رەسىملىك ئۇچۇرلار
سلوۋاكىيىدە ساقچىلارنىڭ بالىلارنى خورلىغانلىقى ئاشكارىلاندى
سلوۋاكىيىدە ساقچىلارنىڭ بالىلارنى خورلىغانلىقى ئاشكارى...
فىلىپپىننىڭ قۇتقۇزغۇچى خادىملىرى ئايروپىلان ۋەقەسىدە قازا قىلغۇچىلارنىڭ جەسىتىنى تاپتى
فىلىپپىننىڭ قۇتقۇزغۇچى خادىملىرى ئايروپىلان ۋەقەسىدە قا...
گرۇزىيىدىكى ئۆكتىچىلەر پايتەخت تبىلىستا نامايىش قىلىپ ۋە يىغىلىش ئۆتكۈزدى
گرۇزىيىدىكى ئۆكتىچىلەر پايتەخت تبىلىستا نامايىش قىلىپ ۋ...
ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش ھەرىكىتىنى كۈزىتىش
ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش ھەرىكىتىنى كۈزىتىش
ئافغانىستان ساقچىلىرى ئەڭ كىچىك تېررورچى گۇماندارنى تۇتتى
ئافغانىستان ساقچىلىرى ئەڭ كىچىك تېررورچى گۇماندارنى تۇت...
پېرۇنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى تىڭسىنغا 25 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى
پېرۇنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى تىڭسىنغا 25 يىللىق قاماق جازاسى بېر...
مولدوۋادا ئۆكتىچىلەر غەۋغا قوزغاپتۇ
مولدوۋادا ئۆكتىچىلەر غەۋغا قوزغاپتۇ
خۇ جىنتاۋ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېلىمىزگە زىيارەتكە كەلگەن ۋىنسۇئېلا زۇڭتۇڭى چاۋىس بىلەن كۆرۈشتى
خۇ جىنتاۋ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېلىمىزگە زىيارەتكە كەلگە...
مەدەنىيەت بىلىملىرى
  • 8- ئەسىردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ- جۇغر ...
  • 8- ئەسىردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ- جۇغر ...
  • قىرغىزىستاندىن تېپىلغان دۇخۇەيباۋ ئا ...
  • نوۋا ئابىنكىدىن تېپىلغان تۆمۈر قورالل ...
  • ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمىي گرېك شەھىر ...
  • قەدىمكى تۈرك يازما يادىكارلىقلىرىدىك ...
  • ساسانى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىر ...
  • كۆك تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتى
  • شەرق مەدەنىيىتى تەرەققىياتىنىڭ ناماي ...
  • ئېلى دېھقانلار ئىنقىلابى ھەققىدە
  • ئۇيغۇر خانلىرى ۋە خانلىقلىرى
  • ئۇيغۇر خانلىرى
  •  
    رەڭلىك قوڭغۇراق موزىكىلىرى
    كىنو ئۇچۇرلىرى
    مۇنبەر يېڭىلىقلىرى
  • ساختا ھاراق بىلەن 11 ئادەم ئۆلدى
  • دۇنيادا ئەمدى ئۇرۇش بولمايدۇ
  • چوقۇم ياختۇرۇپ قالىسىز
  • بۇنداق يوغان ئىتنى كۆرۈپ باققانمۇ؟
  • نىكاھنى مۇستەھكەملەيدىغان سۆزلەر
  • مەسچىت ( 3dsmax مەشىق ئەسەر)
  • يېشىڭىزنى ھىسابلاپ بىقىڭ ...
  • ئىسپانىيەلىك ناخشىچىBelle Perez نىڭ Dime Que Me Quieres
  • ھەيران قالماسلىقىڭىزغا ئىشەنمەيمەن
  • تۇنجى 3d ئەسىرىم-باسباسقا سوۋغام
  • تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ