
ئافغانىستان ئاگېنتلىقى، لوندون، 8 - ئاپرېل تېلېگراممىسى: ئەنگلىيىدىكى « كۈندىلىك پوچتا گېزىتى » بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەرلەردە مۇنداق دېيىلدى: يېقىندا ئافغانىستان ساقچىلىرى دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك تېررورچى گۇماندارنى تۇتتى، 11 ياشلىق بۇ گۇماندار پاكىستانلىق ئىكەن، ئۇنى تالىبان « ئادەم بومبا » قىلىپ تەربىيىلەپ چىققان.
خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلدى: ئابدۇللا ئىسىملىك بۇ بالا تالىباننىڭ بىر توپ ئادىمى بىلەن پاكىستاندىن ئافغانىستانغا كىرىۋاتقاندا تۇتۇلغان، ساقچىلار ئۇنىڭ يېنىدىن بەدىنىگە تېڭىلغان بومبىنى تاپقان .