شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لىما، 8 - ئاپرېل تېلېگراممىسى: پېرۇ ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالاھىدە سوت كوللېگىيىسى تۈنۈگۈن « تۇتقۇن قىلىنغانلارنى ئۆلتۈرۈشكە قاتناشقان، ئىنسانىي ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان » دېگەن جىنايەت بىلەن سابىق زۇڭتۇڭ تىگسىنغا 25 يىللىق قاماق جازاسى بەردى.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: تىڭسىن 1990 - يىلىدىن 2000 - يىلىغىچە ئۇدا ئۈچ قېتىم پېرۇنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان، 2000 - يىلى نويابىردا ياپونىيىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ھەمدە زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن؛ 2007 - يىلى 22 - سېنتەبىر چەت ئەلدە يەتتە يىلغا يېقىن سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن تىڭسىن پېرۇغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.