پېرۇدىكى بىر زەھەر تاشلاش ساغلاملىق مەركىزىگە ئوت كېتىپ 32ئادەم ئۆلدى

3 2012-01-30 11:43:11   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

شىنخۇا تورى لىما 28-يانۋار تېلېگراممىسى پېرۇنىڭ پايتەختى لىماغا جايلاشقان سانجۇن دېلۇلى رايونىدىكى بىر زەھەر تاشلاش ساغلاملىق مەركىزىدە 28-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 32 ئادەم ئۆلدى.

 پىرۇ RPPتېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئوت ئاپىتى ساغلاملىق  مەركىزىدىكى كۆمۈر گازى تۇڭى پارتلاشتىن كېلىپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما ئوت ئاپىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە، بىنانىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىكى زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ ياتىقىدىكى كارىۋات سېلىنچىسىغا ئوت كېتىپ بۇ ئاپەت كېلىپ چىققان.

ئوت ئاپىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، داۋالاشنى قوبۇل قىلىۋاتقان كۆپ قىسىم زەھەر چەككۈچىلەر قىچىپ كېتىشكە ئامالسىز قالغان، چۈنكى بۇ مەركەز سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسى قامال قىلىنغان ئورۇن بولۇپ، بەزى زەھەر چەككۈچىلەر ئىككىنچى قەۋەتنىڭ دېرىزىسىدىن سەكرەپ ئۆز جىنىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغان.

   ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر ۋە ساقچىلار ئاپەتتىن كېيىنكى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئېلىپ بارماقتا، يارىلانغانلار دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ داۋالانماقتا.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ ساغلاملىق مەركىزىدە 80گە يېقىن زەھەر چەككۈچى داۋالىنىۋاتقانىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博