
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، براتسىلاۋا، 9 - ئاپرېل تېلېگراممىسى: سلوۋاكىيىنىڭ كوشتېسدا شەھىرىدىكى ساقچىلارنىڭ بالىلارنى خورلىغان كۆرۈنىشى تۈنۈگۈن ئېنتېرنېت تورىدا ئاشكارىلغاندىن كېيىن، سلوۋاكىيە ساقچى باش مەھكىمىسى بۇ ئىشقا چېتىشلىق ئالتە ساقچىنى خىزمەتتىن بوشىتىپ قولغا ئالدى.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ساقچىلار بۇ بالىلارنى ئۆز ئارا سوقۇشقا سالغان، كىيىم - كېچەكلىرىنى سالدۇرۇپ قىينىغان، ساقچى ئاپشاركىلىرى بىلەن قوقاق سالغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ بالىلار سىگان ئىكەن. ياۋروپادا ھازىر 10 مىليون سىگان بار، ئۇلار تۇرالغۇ، ئوقۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتلەردە كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشەلمەيدۇ، تۇرمۇشى ئىنتايىن نامرات
