ساقلىۋېلىش باش بەت قىلىش
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ئىجتىمائىي خەۋەرلەر >>
گۇاڭخۇي كوماندىسىغا‹‹ئۆچ››ئالىدىغان پۇرسەت كەلدى
2009-04-13 13:25:19  يازغۇچى:ئەقىدە  كىلىش مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى  كۆرۈش سانى:  
كىچىك | نورمال | چوڭ             

 

  جياڭسۇ كوماندىسى 2005 – ۋە 2006 – يىللىق CBA نىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچتىكى مۇسابىقىدە ئۇدا ئىككى قېتىم شىنجاڭ گۇاڭخۇي كوماندىسىنى شاللىۋەتكەنىدى. بۇ قېتىم كونا رەقىبلەر يەنە ‹‹تار يول››دا دوقۇرۇشۇپ قالدى. شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى تالىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىش – ئېرىشەلمەسلىكى جياڭسۇ كوماندىسىدىن ‹‹ئۆچ››ىنى ئېلىش – ئالالماسلىقىغا باغلىق بولۇپ قالدى.

       شىنجاڭ گۇاڭخۇي كوماندىسى ھەل قىلغۇچ باسقۇچتىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە ئۆز مەيدانىدا 79: 99 نەتىجە بىلەن جيېجياڭ گۇاڭشا كوماندىسىنى يېڭىپ، تۇنجى قەدەمنى غەلىبىلىك باسقاندىن كېيىن، 3 –  ۋە 5 – ئاپرېل رەقىبىنىڭ مەيدانىدا 84: 96 ۋە 107: 128 نەتىجە بىلەن يەنە ئىككى مەيدان غەلىبە قىلىپ، 0: 3 نەتىجە بىلەن جيېجياڭ گۇاڭشا كوماندىسىنى شاللىۋەتتى. گۇاڭخۇي كوماندىسى بۇ قېتىمقى غەلىبىسى بىلەن CBA غا قاتنىشىۋاتقان توققۇز يىلدىن بۇيان، ھەل قىلغۇچ باسقۇچتىكى مۇسابىقىنىڭ تۇنجى ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمەسلىك تارىخىنى ئاخىرلاشتۇرۇپلا قالماي، ئەڭ ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقىدە 128 نومۇر ئېلىپ، بۇ مۇسابىقە پەسلىدە بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئەڭ يۇقىرى نومۇر ئېلىش رېكورتىنى ياراتتى. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۈچ نومۇرلۇق توپتىن 21 نى كىرگۈزۈپ، CBA تارىخىدا بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئۈچ نومۇرلۇق توپنى ئەڭ كۆپ كىرگۈزگەن كوماندا بولۇپ

 رەڭلىك قوڭغۇراق موزىكىلىرى 
قالدى. ئۇنىڭدىن باشقا، گۇاڭدۇڭ، جياڭسۇ، دۇڭگۇەن كوماندىلىرىمۇ ئوخشاشلا 0: 3 نەتىجە بىلەن رەقىبلىرىنى شاللىۋېتىپ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 12 – ئاپرېل باشلىنىدۇ. جياڭسۇ كوماندىسى بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى ئاۋۋال شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مەيدانىدا بىر مەيدان، ئاندىن جياڭسۇ كوماندىسىنىڭ مەيدانىدا  ئىككى مەيداندىن، ئاخىرىدا يەنە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مەيدانىدا بىر مەيدان بولۇپ، جەمئىي بەش مەيدان مۇسابىقە ئوينايدۇ، ئۈچ مەيدان يەڭگەن كوماندا گۇاڭدۇڭ كوماندىسى بىلەن دۇڭگۇەن كوماندىسى ئارىسىدىكى يەڭگەن كوماندا بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشۈپ، چېمپىيونلۇقنى تالىشىدۇ. 

تۇرسۇنجان ھامۇت

ئۇلىنىش مەنزىلى: /article/2009/0413/article_4559.html
   رەسىملىك ئۇچۇرلار
300 نەچچە سۇ كالىسى كىشىلەر توپىغا باستۇرۇپ كىردى ۋە ئون نەچچە ئادەمنى يارىلاندۇردى
300 نەچچە سۇ كالىسى كىشىلەر توپىغا باستۇرۇپ كىردى ۋە ئون نە...
سەبىرى ئىراندىن ئايرىلدى
سەبىرى ئىراندىن ئايرىلدى
پاپا غەززەنى قامالدىن بوشىتىشنى تەلەپ قىلدى
پاپا غەززەنى قامالدىن بوشىتىشنى تەلەپ قىلدى
تۈركىيە زۇڭتۇڭى سۈرىيە بىلەن ئىسرائىلىيىنىڭ تىنچلىقى ئوتتۇرا ئاسىيا تىنچلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ، دەپ قارىدى
تۈركىيە زۇڭتۇڭى سۈرىيە بىلەن ئىسرائىلىيىنىڭ تىنچلىقى ئو...
ھەر قايسى جايلار A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، كونترول قىلىش مانېۋىرى ئۆتكۈزدى
ھەر قايسى جايلار A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى...
كۇۋەيتتە چاڭ – توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى
كۇۋەيتتە چاڭ – توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى
سەبىرى: ھازىرچە ئامېرىكىغا قايتقۇم يوق، دېدى
سەبىرى: ھازىرچە ئامېرىكىغا قايتقۇم يوق، دېدى
گۋاتېمالانىڭ زۇڭتۇڭى جىنايەت گۇماندارى بولۇپ قالدى
گۋاتېمالانىڭ زۇڭتۇڭى جىنايەت گۇماندارى بولۇپ قالدى
ئەدبىىيات سەنئەت بىلىملىرى
  • كەچۈرگىن ....
  • تاتار جىرى ـــ « مالىنا »
  • تاتار جىرى ـــ « كۈزلەرىڭ »
  • تاھارەت  ئىلىش  لازىم
  • چىن ئاشىق بولىدۇ شۇنداق
  • تۆرە بىلەن يازغۇچى
  • تاتار جىرى ـــ « رەيخان »
  • تاتار  جىرى ـــ « ئىركەم »
  • خەقنىڭكىدە قونۇپ قالغان قىز
  • سىنى سېغىندىم تاتلىق
  • تارتار جىرى ـــ « كۈك كۈگەرچىن »
  • تــاتــلىق چــۈشلــەر چــۈشەيــمــەن
  •  
    رەڭلىك قوڭغۇراق موزىكىلىرى
    كىنو ئۇچۇرلىرى
    مۇنبەر يېڭىلىقلىرى
  • كەچۈرگىن ....
  • خۇرازنىڭ ئۆلگەنلىگىنى كۆرگەن مىكىيان تۇخۇم تۇغالماس بۇلۇپ قالغان
  • كوت كوت 2009 نى چۈشۈرىۋېلىڭ
  • بانكىدىكى پوچىلارنى باپلاش ئۇسۇلى
  • چىن ئاشىق بولىدۇ شۇنداق
  • تۆرە بىلەن يازغۇچى
  • تۈكلۈك قىز
  • تاتار جىرى ـــ « رەيخان »
  • خەقنىڭكىدە قونۇپ قالغان قىز
  • سىنى سېغىندىم تاتلىق
  • تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ