
تايلاند تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش قىلغۇچىلار تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن تايلاند ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە بۆسۈپ كىرىپ ساقچىلار بىلەن كەسكىن توقۇنۇشقان.
تايلاند زۇڭلىسى ئاپخىست تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن تۇيۇقسىز تېلېۋىزىيە سۆزى قىلىپ، پايتەخت بانكوك ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردا جىددىي ھالەت قانۇنىنى يولغا قويىدىغانلىقى، مۇئاۋىن زۇڭلى سۇتېپقا تولۇق ھوقوق بېرىپ، خەۋپسىزلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنى بۇيرىغانلىقىنى جاكارلىدى.