
پەلەستىننىڭ مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئابباس
شىنخۇا تورى رىياد 12 – ئاپرېل تېلېگراممىسى : سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پادىشاھى ئابدۇللا 12 – ئاپرېل رىيادتا سەئۇدى ئەرەبىستاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئابباس بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە ئىككى تەرەپ پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ۋەزىيىتىنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىياتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان .
سەئۇدى ئەرەبىستانى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ئابدۇللا بىلەن ئابباس سۆھبەتتە بىردەك شەرقىي ئاسىيا رايونىدا ئادىللىق ، ئۇزاققا سوزۇلۇش ۋە تىنچلىقنى تېزراق ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك ، يەنى پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۆزىنىڭ زىمىنىدا مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشتەك قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك دەپ قارىغان .
پەلەستىننىڭ مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئابباس شۇ كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا قىسقىغىنە بىر نەچچە سائەت زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن رىيادتىن ئايرىلغان .