ئاساسىي تېما : ئېغىز بالاسىئاۋاتلىقى:282ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



سەت جىن ...
دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 13

پۈتۈك سانى: 3097
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 3123 نوقتا
پۇل : 31230 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1163(سائەت)

 ئېغىز بالاسى

يەكشەنبە كۈنى .

دېھقان بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئاۋۋال بوز ئېشەككە سامان سېلىپ بەردى . ئاندىن چېيىنى ئىچىپ بولۇپ ، ئېشىكىنى ھارۋىغا قېتىپ بازارغا يول ئالدى . « ئاللاغا ئامانەت » دېدى ئايالى ئۇنى ئۇزىتىۋېتىپ . شۇنداق دەپ بولۇپلا ئايالىنىڭ تۇرۇپلا كۆڭلى ئۆيگەندەك بولدى . دېھقان بۈگۈن ئىككى ئايدىن بېرى گۆش يەپ باقمىغان تۆت بالىسىنىڭ تەلىۋى بويىچە بازاردىن يېرىم جىڭ گۆش ئېلىپ ئايالىغا چۆچۈرە ئەتكۈزمەكچى ئىدى .

دېھقان بازاردىن گۆش سېتىۋېلىپلا ، ھايال بولماي ئۆيىگە قاراپ يول ئالدى . قوشنا يېزىدىكى بىر دېھقانمۇ بازاردىن يانغان بولۇپ ، ئۇنىڭ كەينىدىن ئېشەك ھارۋىسىنى ھەيدەپ كېلىۋاتاتتى .

-- بۈگۈن بازاردا شۇنچە  جىق سودىلىق قىلساممۇ ، يەنە ئىككى مىڭ كوي ئېشىپ قاپتۇ ، -- دېدى ئۇ كەينىدىكى دېھقانغا قاراپ .
-- شۇنداقمۇ ؟ بۈگۈن بالىلارنى بىر خوش قىلىۋېتەي دەپسىلىدە ؟ -- دەپ سورىدۇ ئۇ دېھقان .

-- شۇنداق ، -- دېدى ئۇ خوشھال ھالدا .

ئۇلارنىڭ پارىڭىنى يول چېتىدە تاماكا چېكىپ تۇرغان بىر ئوغرى ئاڭلاپ قالدى - دە ، دېھقاننىڭ پېيىگە چۈشتى . ئىككى دېھقان پاراڭلاشقاچ مېڭىپ بىر ئاچا يولغا كەلگەندە ئايرىلىشتى .

ئوغرى ھېلىقى « 2000  كوي پۇلى ئېشىپ قالغان » دېھقاننىڭ كەينىدىن ئىز بېسىپ ماڭدى . يولنىڭ ئىككى تەرىپى قويۇق جىگدىلىك بولۇپ ، ئەتراپتا ھېچكىم كۆرۈنمەيتتى . پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن ئوغرى پىچىقىنى ئالدىدە ، دېھقاننى ئۆلتۈرۈپ ، يېنىنى ئاختۇردىيۇ داڭقېتىپ تۇرۇپ قالدى .

ئوغرىنىڭ قولىدا مايلىشىپ ، پۇرلىشىپ كەتكەن ئىككى موچەن تۇراتتى ...

Posted: 2009-04-14 00:03 | [پۈتۈكچى]


ئادەم بولماق تەس
دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 164
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 164 نوقتا
پۇل : 1640 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:40(سائەت)

 

ھەي نادانلىق .........................ھەي نادانلىق ....................ھەي ئىنسابسىزلىق ....................ھەي ئىنسابسىزلىق ............
ھەي ئاقكۈڭۈللۈك.......................ھەي ئاقكۈڭۈللۈك...................!!!!

بۇرۇنقى لىنىيە مۇنبىرى ۋە چايخانىسىدىكىلەر ئۆزەڭلارنى ماڭا مەلوم قىلساڭلار : 918227999 : چ چ

Posted: 2009-04-14 00:14 | 1 -قەۋەت


گۈزەل ياشلىق
دەرىجىسى:داڭدار شەخىس


جەۋھەر پۈتۈك: 14

پۈتۈك سانى: 3091
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 3119 نوقتا
پۇل : 31190 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:3525(سائەت)

 

بەزىدە ئادەم ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى دۈشمەنلەرنى پەرق ئىتەلمەيدۇ ... مەيلى پۇلنىڭ گىپى بولسۇن ۋە ياكى باشقا گەپ بولسۇن چوقۇم ئەتراپقا بىر قارىۋېتىپ ئاندىن سۆزلەش كىرەك . بىر ئېغىز گەپ بىلەن كاللا كىتىدىغان ئىشلار ئەينى زامانلاردا كۆپ ئىدى ، ھازىرمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ .

تەن ساقلىق ، زور بايلىق .

Posted: 2009-04-14 12:22 | 2 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 1158
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1160 نوقتا
پۇل : 11600 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:543(سائەت)

 

باغرىممۇ ھېكايىنى ياخشى يازىدىغان بولۇپ كېتىپتۇ مانا!

ئىزلىرىمنى ئىزلاردىن ئىزدەيمەن، ئەنە شۇنداق بۈيۈك ئىزلارنى قالدۇرۇشقا!

Posted: 2009-04-14 13:04 | 3 -قەۋەت


بەختىم سەن نەدە!
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 463
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 463 نوقتا
پۇل : 4630 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:108(سائەت)

 

ۋاي ئىسىت! بىچارە دىھقان خاتا قىلغان بىر ئېغىز گىپى ئۈچۈن جېنىدىن ئايرىلىپتۇ

ھاياتىم ئۆركەشلەپ ئاققان شوخ دەريا!

Posted: 2009-04-14 13:16 | 4 -قەۋەت


 
دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 376
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 376 نوقتا
پۇل : 3760 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:394(سائەت)

 

پۇت يۈگۈرۈكى ئاشقا ، ئېغىز يۈگۈرۈكى باشقا ...


  قىزلار ئىچىدە بىرگە يايراپ كۈلەلمىدىم ....


Posted: 2009-04-14 13:58 | 5 -قەۋەت


ئارتۇقچە ئارزۇ تەبىئىي ھالدا ئېغىر ئۈمىدسىزلىكنى كەل ..
دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 90
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 90 نوقتا
پۇل : 900 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:133(سائەت)

 

سەھرا گۈزىلى   

Posted: 2009-04-14 18:48 | 6 -قەۋەت


بىز سىلەر بىلەن بىرگە
دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 5

پۈتۈك سانى: 775
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 785 نوقتا
پۇل : 7850 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:234(سائەت)

 

مەن بىر تونۇشۇمنىڭ ماڭا ئېيتىپ بەرگەن مۇنداق بىر ھىكايىسىنى ئەسلەپ قالدىم .
بىر كىشى يولدا كېتىپ بارسا، يول بويىدا كېسىۋېتىلگەن بىر باش تۇرغانىكەن، ئۇ كىشى چۆچۈپ كېتىپ قەدىمىنى تېز تېز .ئېلىپ مېڭىشىغا ئۇ باش زۇۋانغا كېلىپ قاپتۇ:
__ توختاڭ .
ھېلىقى كىشى چۆچۈپ كېتىپ ئۇ كاللىغا قاراپ قويۇپتۇ دە، تېز قەدەملەر بىلەن مېڭىپ كېتىپتۇ، ئاندىن شۇ شەھەرنىڭ شاھىنىڭ يېنىغا بېرىپ :
__ پادىشاھى ئالەم، بۈگۈن ئاجايىپ بىر ئىشقا يولۇقتۇم، يول بويىدا تۇرغان كېسىلگەن باش ماڭا سۆز قىلدى .
ئوردا ئىچىدىكى ھېچبىر كىشى ئۇنىڭغا ئىشەنمەپتۇ، پادىشاھ ئۇ كىشى بىلەن كېسىۋېتىلگەن كاللا تۇرغان جايغا كېلىپ ئەمىلىيلەشتۇرمەكچى بولۇپتۇ. ئەمما كېسىلگەن كاللا قەتئىي سۆز قىلماپتۇ . پادىشاھ بۇ كىشىنى شاھنى ئالدىدى دەپ نەق مەيداندا كاللىسىنى كېسىپ يەنە شۇ ئاۋالقى كېسىلگەن كاللىنىڭ يېنىغا قويۇپ كېتىپ قاپتۇ. ئەسلىدىكى كاللا يېنىدىكىسىدىن سوراپتۇ :
_ سەن نىمە بولۇپ كېلىپ قالدىڭ . (يېڭى كېسىلگەن كاللا جاۋاب بېرىپتۇ)
_ ئېغىزىمنى ئىتتىكلىك قىلىپ .
Posted: 2009-04-15 00:05 | 7 -قەۋەت


ئىزدىسەڭ تاپارسەن...
دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 375
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 375 نوقتا
پۇل : 3750 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:6218(سائەت)

 

ئەپەندىم بىرسى بىلەن ئىشەكلىك  بىللە كېلىۋېتىپ، ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، تەكەللۇپ يۈزىسىدىن ئۇ كىشىگە : «ئۆيگە كىرمەملا؟» دەپ قويۇپتۇ، ئۇ كىشى «ماقۇل» دەپلا ئىشىگىنى يېتىلەپ ھويلىغا كىرىپ : «ئەپەندىم ئىشەكنى نەگە باغلايمەن؟» دەپ سورىسا، ئەپەندىم زەردە بىلەن : «ئۆيگە كىرمەملا دېگەن تىلىمغا باغلىسىلا~!» دېگۈدەك...

Posted: 2009-04-15 01:02 | 8 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> ھىكايە ۋە نەسىرلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation