
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى ياڭ گاڭ تۈنۈگۈن ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ كەسپتىكى ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزىتىش خىزمىتى تېلېۋىزىيە- تېلېفۇن يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىلقى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزىتىش خىزمىتىدە ئىشنى خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاستە، ئەڭ رىيال مەنپەئەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن باشلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ ۋە تۈزىتىپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ دېھقانلارنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان ۋە دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقوق- مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداپ، كەسىپتىكى ناتورغا ئىستىللار تۈزىتىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك."
2008 -يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك كەسپتىكى ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزىتىش خىزمىتى ئىشخانىلىرى مەركەزنى چۆرىدەپ، ئادەمنى ئاساس قىلىش، بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، كەسپتىكى ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزىتىش مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش، دېموكراتىك باھالاش، ھۆكۈمەت ئىستىلى ۋە كەسپ ئىستىلى قىزىق لىنىيىسى، خەلق تۇرمۇشى لىنىيىسى شۇنداقلا ھۆكۈمەت ئىستىلى ۋە كەسپ ئىستىلى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كۆزنىكى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، كەسپتىكى ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزىتىش خىزمىتىدە باسقۇچ خاراكتىرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

ياڭ گاڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ "11- بەشيىللىق پىلانى" نىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ھالقىلىق بىر يىل. بۇ يىلقى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور". مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ دېھقانلارنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان ۋە دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى جەزمەن تۈزىتىش؛ مەركەزلىك تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، يېمەكلىك ۋە تېببىي دورا بويۇملىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، كەسپىي جەمئىيەت ۋە بازار ۋاستىچى تەشكىلاتلىرى جەھەتلەردە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىش؛ دۆلەتنىڭ زور ئىسلاھات سىياسەت تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشىنى چۆرىدەپ، سەھىيە، مائارىپ، تاشيول قاتارلىق 3 تۈرنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىدىكى قىيىن نۇقتا مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىش؛ ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق 4 تۈرلۈك مەبلەغنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىپ، مەخسۇس تۈر مەبلىغىنىڭ بىخەتەر ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ تارماق ۋە كەسپلەرنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيەتتىن چەتنەپ كېتىش، ئالدامچىلىق، ئىسراپخورلۇق قىلىش، مەسئۇلىيەتتىن باش تارتىپ بىر- بىرىگە دۆڭگەپ قويۇش، خەلق بىلەن پايدا مەنپەئەت تالىشىشتەك ناچار كەيپىياتلارغا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك.
ياڭ گاڭ مۇنداق دېدى:" 2009- يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك كەسپتىكى ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزىتىش خىزمىتى ئىشخانىلىرى رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەنبەدىن تۈزەشتە قەتئىي چىڭ تۇرۇش ھەم خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، بۇ يىلقى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزىتىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نوقتىسىنى تەدرىجىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسپتىكى ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزىتىش خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك.".