ئاساسىي تېما : ئېتىقاد ۋە شانلىق ھاياتئاۋاتلىقى:162ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 3

پۈتۈك سانى: 107
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 113 نوقتا
پۇل : 1130 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:118(سائەت)

 ئېتىقاد ۋە شانلىق ھايات

    گەپنى ئاۋۋال بىرنەچچە مىسالدىن باشلاي: 1. ئادىل ھوشۇر دارۋازلىق ئىقتىدارىغا ئىشەنگەچكە، كوكلۇنغا جەڭ ئېلان قىلىپ، 1997 –  يىل 6 –  ئاينىڭ 22 –  كۈنى  40.2 مېتىر  ئېگىزلىككە تارتىلغان 641 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پولات ئارقاندىن 13 مىنۇت 48 سېكونتتا مېڭىپ ئۆتۈپ، دۇنيا رېكورتىنى ياراتتى.
    2 . ئاسترونومىيە ئالىمى بىرونونى يەرشارىنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىدىغانلىقىنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹گۇناھى›› ئۈچۈن دىنىي جەمئىيەت كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئەينى چاغدا ئۇ ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان ھەقىقەت  (قانۇنىيەت)كە قەتئىي ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆلۈم ئالدىدىمۇ ئىككىلەنمەستىن ‹‹سىلەر مېنى كۆيدۈرسەڭلارمۇ، يەر شارى يەنىلا ئايلىنىۋېرىدۇ، ئايلىنىۋېرىدۇ!›› دەپ توۋلاپ، ئۆلۈمگە مەردلەرچە يۈزلەنگەن.
   3 . ماكارېنكو ‹‹تەربىيىلىگىلى بولمايدىغان بالا يوق›› دېگەن قارىشى (ئىلمىي نەزەرىيىسى)گە قەتئىي ئىشەنگەچكە، ئائىلە تەربىيىسى، مەكتەپ تەربىيىسى كۆرمىگەن ‹‹كوچا بالىلىرى››نى يىغىپ تەربىيىلەپ، ئۇلاردىن ئاكادېمىك (ئالىم)، ۋەتەن قەھرىمانلىرى، ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئىسمى جىسمىغا لايىق ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرى بولالىغان.
     يۇقىرىقىدەك ئىشەنچ مەركەز قىلىنغان روھىيەتتىكى بىرخىل كۈچ پسىخولوگىيە ئىلمىدە ئېتىقاد، دەپ ئاتىلىدۇ. ئېتىقاد كۆزقاراش، نەزەرىيە، ئىزدىنىش، قوغداش، قەتئىي نىيەت، مۇددىئا، قىزىقىش، تىرىشچانلىق، ئىشچانلىق قاتارلىقلار ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. ئېتىقاد ئۈچ خىل بولىدۇ: 1) تۇراقسىز ئېتىقاد. ئۇ ئاجىز ۋە ۋاقىتلىق بولىدۇ. 2) بىرقەدەر تۇراقلىق ئېتىقاد. ئۇ مۇئەييەن ئاساسقا ئىگە بولسىمۇ، كۈچلۈك ئىسپات ياكى قارىشىلىققا دۇچ كەلگەندە ئاسانلا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. 3) كۈچلۈك ئېتىقاد. ئۇنىڭ يىلتىزى چوڭقۇر، ئاساسى مۇستەھكەم بولۇپ، ئىجتىمائىي بېسىم ياكى توسقۇنلۇقلارغا بوي بەرمەي، ئۆز ئىپادىسىنى نامايان قىلىۋېرىدۇ. بۇنىڭغا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان شەخسلەرنىڭ ئىش –  ھەرىكىتى مىسال بولالايدۇ.  ئېنىقكى، ناۋادا ئادىل ھوشۇر 40.2 مېتىر ئېگىزلىكتىكى پولات ئارقانغا قاراپلا ‹‹ھەي، بۇ قېتىم قانداق بولاركىن؟›› دەپ دىلىغۇل بولغان بولسا، نەتىجە قازىنالمىغان بولاتتى. دېمەك، ئېتىقاد ھەرقانداق ئىشتا كىشىگە كۈچلۈك روھى (مەنىۋى) تۈۋرۈكلۈك رولىنى ئوينايدۇ. بىرونونىڭ ھەقىقەت يولىدا قۇربان بولغانلىقى ئېتىقادنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ كۈچ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
     كىشىلىك ھايات يولى ھەمىشە ئوڭۇشلۇق بولۇۋەرمەيدۇ. دەۋرنىڭ، جۈملىدىن ناچار تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ چەكلىمىسى، ھەتتا ئايرىم شەخسلەرنىڭ پۇتلىشى ياكى ھەرخىل ھادىسىلەر تۈپەيلى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراش مۇمكىن. بۇلار شەخسنىڭ ئېتىقادىغا نىسبەتەن چوڭ سىناق ھېسابلىنىدۇ. ئاكتىپ روھىي ھالەتكە ئىگىلەر بۇنداق ھالەتكە توغرا مۇئامىلە قىلىش بىلەن بىللە، ئۇنىڭدىن تەجرىبە –  ساۋاق ئېلىپ، ئەقىل تېپىپ، توسالغۇلارنى بۆسۈپ، ئۆزىنى شانلىق ھاياتقا ئىگە قىلىدۇ. شۇڭا پەيلاسوپلار ‹‹تەقدىر بىر ئوڭۇشسىزلىقنى بەرگەندە، ئۇنىڭغا قوشۇپ ئەقىل ۋە يول بېرىدۇ››دەيدۇ. دېمەك، ئوڭۇشسىزلىق بىر ئادەمنىڭ ھايات يولىنى تىزگىنلىيەلمەيدۇ، بەلكى ئادەمنى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئەقىل  –  پاراسىتىنى ئاشۇرۇپ، قەتئىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتەك روھىي ھالەتكە ئىگە قىلىدۇ. شۇنداق بولغانلىقتىن ئامېرىكىلىق نەتىجەشۇناس ناپالون ‹‹نەتىجە قازىنىشنىڭ زۆرۈر شەرتى ئەۋزەل ئىقتىسادىي ئاساس ۋە باشقىلاردىن ھالقىغان تۇغما تالانت بولماستىن، بەلكى ئۆزىگە قەتئىي ئىشىنىدىغان ئېتىقادنىڭ بولۇشىدا. ئادەم تولۇق ئىشەنچكە ئىگە بولغاندىلا، كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، نەتىجە قازىنالايدۇ ۋە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ، ياخشى ھەرىكەتلىنىش ئوربېتىسىغا كىرەلەيدۇ. چۈنكى، ھەر قېتىملىق نەتىجە ئادەمنىڭ ئىشەنچىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ، ئۇنى يېڭى نىشانغا باتۇرانە ئىلگىرىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ››دېگەن.
     تۇرمۇشتا ئوخشاش ۋەقەگە يولۇققان ئىككى ئادەمنىڭ ئوخشاشمىغان روھىي ھالەتكە تايىنىپ ئوخشاش بولمىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىگە دائىر مىساللار ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن: مېيىپلەر ئىچىدە ‹‹نەتىجە يارىتالايمەن›› دېگەن قەيسەرلىكىگە تايىنىپ، ئەمەلىي ئەھۋالى يار بەرگەن شارائىتتىن پايدىلىنىپ، ئوڭۇشسىز مۇھىتقا تېز پۈكمەي نەتىجە قازانغانلار نۇرغۇن. ھالبۇكى، تەندۇرۇس، شەرت – شارائىتى ياخشى تۇرۇقلۇق ھۇرۇنلۇق قىلىپ، چۈشكۈنلىشىپ يۈرىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس.  دېمەك، قەيسەرلىك، تىرىشچانلىق ئېتىقادى كۈچلۈك ئادەملەرگە خاس پەزىلەت. ھالبۇكى، ئېتىقادى ئاجىز ئادەملەر ئوڭۇشسىزلىقنى كۆرگەن ھامان ‹‹مېنىڭ تەقدىرىم مۇشۇ ئىكەن›› دەپ بەل قويۇپ بېرىپ، غايىسىدىن ۋاز كېچىدۇ. پسىخىك ساپاسى ناچارلار ھەتتا  كىچىككىنە ئىشنى ئىدىيىسىدىن ئۆتكۈزەلمەي ھاياتىدىن ۋاز كېچىدۇ.
     ھايات يولى كىشىلەرنىڭ ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز ھالدا ئۆز ئوبرازىنى يارىتىش جەريانى ھېسابلىنىدۇ. شەخسلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە يۈكسەك ئوبرازغا ئىگە بولۇشى دەۋر تەرەققىياتىنىڭ تەقەززاسى ۋە شەخسلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق تەدرىجىي مەيدانغا كېلىدۇ. يۈكسەك ئوبراز دېگىنىمىز ئالىم بولۇش ياكى ئۇلۇغ زات بولۇشنىلا كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى ھەرقايسى كەسىپ، ھەرقايسى ساھەدىكىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئوبراز چەكلىمىسى (ئۆلچىمى) بولىدۇ. زىيالىيلار سودىگەرلەرنىڭ پايلىرىغا چوقۇنمايدۇ، باغۋەنلەر ئاتاقلىق ئالىم بولۇشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز ئىشىنى پۇختا قىلىپ، ئادىل، سەمىمىي، پاك – دىيانەتلىك ئادەملەردىن بولۇپ ياشاشنى ئارزۇ قىلىدۇ، شۇنداقلا  تۇرمۇشتا بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشكە تىرىشىدۇ. بۇنىڭغا كلاسسىك رومانلاردىكى قەھرىمانلار، جۈملىدىن تۇرمۇشىمىزدىكى سانسىزلىغان ئىلغار شەخسلەرنىڭ ھەممىسى ئېنىق مىسال بولالايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىشچانلىق ۋە تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئۆز ئوبرازىنى ئۆزى يارىتىپ، شانلىق ھاياتقا ئىگە بولۇشقا تىرىشىدۇ. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئېتىقاد بىلەن شانلىق ھايات دىئالېكتىك مۇناسىۋەتكە ئىگە بولۇپ، بىر – بىرىنى شەرت قىلىدۇ.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى، ئاپتورى ئەكبەرۋەلى
Posted: 2009-04-15 00:37 | [پۈتۈكچى]


دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 188
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 188 نوقتا
پۇل : 1880 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:313(سائەت)

 

ناھايىتى ياخشى گەپ .
ئادەم نىشانىنى توغرا بەلگىلەپ ،ئۆزىگە ئىشەنچ بىلەن قاراپ تىرىشقاندىلا ،ئاندىن نەتىجىگە ئېرىشەلەيدۇ .
Posted: 2009-04-15 10:52 | 1 -قەۋەت


بىزنىڭ بۇ دۇنيادىكى  بىردىن بىر ۋەزىپىمىزمەغلۇبىيە ..
دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 189
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 191 نوقتا
پۇل : 1910 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:326(سائەت)

 

شۇنداق ياخشى ماقالىنى ئوقۇيدىغان ئادەم چىقمىدىمۇ ياكى ئىنكاس يېزىشقا ھورۇنلۇق قىلىۋاتامدۇق،بۇ ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغىنى ھەممە ئۇيغۇر بىر ئوقۇپ چىقسا ئەرزىگۈدەك ھەقىقەتكەنغۇ،يېرىم-يالىڭاچ قىزلارنىڭ سۈرىتى بولسا نەچچە بەت ئىنكاس چۈشۈپ بولار ئىدى،پەلەستىندىكى بىز ئۆمۈرىمىزدە تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدىغانلار توغرىلىك خەۋەر بولسىچۇ،ھىسداشلىق قىلىپ بىر بىرىمىزنى تىللىشار بولغىيدۇق،تالىبان ياكى ئافغانىستاندىكى قەبىلىلەر توقۇنۇشى بولسىچۇ،ئۆز ئارا جەڭگى-جېدەلگە چۈشەر بولغىيدۇق،ھەربىر ئۇيغۇر ئۆز ۋۇجۇدىدىكى ئاجىزلىقنى،ھورۇنلۇقنى،زەئىپلىكنى،چۈشكۈنلىكنى تەكشۈرۈپ،سېلىشتۇرۇپ،ئانالىزقىلىپ چىقىشقا تېگىشلىك ئۆرنەك ماقالىنى كۆرىدىغان ئادەمنىڭ ئازلىغىنى توۋا...مۇشۇنداق چۈشكۈنلىكتىن قاچانمۇ قۇتۇلارمىز....
Posted: 2009-04-15 17:23 | 2 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> تەرمىلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation