
شىنخۇا ئاگېنتلىقى،كاراكاس،23-مارت تېلېگراممىسى: ئەنگلىيىدىكى «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئىسپانىيە ساقچىلىرى يېقىندا بىر يۈرۈش سىپتا ئىشلەنگەن «قاچا-قۇچا» لارنى تەكشۈرۈپ تۇتۇپ قالدى، چۈنكى بۇ قاچا-قۇچىلار كوكائىننى پىرىستلاش ئارقىلىق ئىشلەنگەن بولۇپ، ئېغىرلىقى 20 كىلوگرام كىلىدىكەن.
خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، زەھەر ئەتكەسچىلىرى بارغانسېرى ھىيلىگەرلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. مارتنىڭ باشلىرىدا ئىسپانىيە ساقچى دائىرىلىرى بارسېلونا ئايرودرومدا زەھەر ئېلىپ ماڭغان بىر چىلىلىق ئەرنى قولغا ئالغانىدى، چۈنكى ئۇنىڭ سۇنۇپ كەتكەن پۇتى ئېلىنغان گىپىس كوكائىندىن ياسالغانىكەن.