دانخۇرەك ئادەتتە <<ياشلىقمۇنىكى >> دەپ ئاتىلدۇ. ئۇ ياشلىق دەۋردە دائىم كۆرۈلىدىغان بىر خىلتېرە كېسەللىكى بولۇپ، كۆپىنچە يۈزدە پەيدا بولىدۇ.
بۇ تېرىدىكى تېرەماي بەزلىرىنىڭ يوغىناپ، تېرە مايلىرىنى كۆپلەپ ئاجرىتىشى، بەزتۆشۈكچىلىرىنىڭ ئېتىلىپ قېلىپ، تېرە مايلىرىنىڭ جۇغلىنىپ قىلشنىڭ نەتىجىسى.
دانخۇرەكنى ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۈچۈن، ۋىتامىن B2، ۋىتامىن B6لەرنى ئۇدا ئالتە ئاي ئىچىسە بولىدۇ.
ۋىتامىن A، ۋېتامىنE، ۋىتامىن B12 لارمۇ دانخۇرەكنى ئۈنۈملۈك داۋالايدۇ. دانخۇرەكنى ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۈچۈن يەنە:
1. بىر نەچچە تال ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزىنى ئېزىپ، تۇخۇم ئېقى بىلەن مەلھەم قىلىپ ،كەچتە يۈزگە سۈرۈپ، ئەتىگىنى يۇيۇۋەتسە بولىدۇ.
2. ھەر كۈنى ئەتىگەندە، كەچتە گۈرۈچ يۇيغان سۇدا يېرىم يىلغىچە يۈز يۇيسا، دانخۇرەك ئاستا -ئاستا يۇقايدۇ.
3. ھەر كۈنى سەھەردە، سۇغا ئازراق تۇز سېلىپ ئىچسە ( ھەر بىر ئىستاكان سۇغا ئۇن نەچچە تېمىم تۇز قۇيسا) بولىدۇ.
4. ئون تال چىلان،100 گرام چىڭسەي، 15 گرام كەتىرا تەييارلاپ قاينىتىپ، سۈيىنى ئىچسە بولىدۇ.
5. يېشىل پۇرچاق ئۇنىنى قاينىتىپ مەلھەم قىلپ، كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن دانىخۇرەك بار جايغا سۈرسە بولىدۇ.
6. دانخۇرەك چىققان دەسلەپكى مەزگىلدە 15g گرام كەتىرا تەيىيارلاپ قاينىتىپ سۈيىنى ئىچسە بولىدۇ.
7. يۈزى دائىم ئىسسىق سۇدا، گۈڭگۈرتلۈك سۇپۈندا يۇيسا بولىدۇ.
8. يۈز يۇيىدىغان داسقا قايناق سۇ (cº80-cº90) قۇيۇپ يۈز ھوردىلىتىلىدۇ. ھورنى يۈزگە ئۇدۇل تەگكۈزۈش ئۈچۈن، داسنىڭ تۆت ئەتراپى لۆڭگە بىلەنتوسۇۋېلىنىدۇ. بىر نەچچە قېتىم شۇنداق قىلغاندىن كېيىن، يۈزنى ئىلمان سۇبىلەن يۇيۇۋەتسە بولىدۇ. بۇ ئادەتنى ھەپتىدە ئىككى - ئۈچ قېتىمتەكرارلىسا، يۈزىنىڭ تەر تۆشۈكچىلىرىنى تازىلىغىلى بولىدۇ. ئادەتتە ئۈنۈمىئىككى ھەپىتىدە كۆرۈلىدۇ.