
تۈنۈگۈن دۇنيا مېتېئورولوگىيە كۈنى. تۈنۈگۈن ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى "دۇنيا مېتېئورولوگىيە كۈنىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى" ئۆتكۈزدى.
سۆھبەت يىغىنىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مېتېئورولوگىيە سىستېمىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار "كېلىمات ئۆزگۈرۈشىنىڭ شىنجاڭنىڭ قۇم بورانلىق ھاۋارايىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى" ،"2008- يىللىق ھاۋا سۈپەت ئالاھىدىلىكى ۋە ئەڭ يېڭى ھاۋا سۈپىتى ئەھۋالى" قاتارلىق تېمىلاردىكى ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چۆجۈپ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورلوگىيە ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە "دۇنيا مېتېئورولوگىيە كۈنى" خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان تەشۋىقات تەربىيە پائالىيىتى كۆزدىن كەچۈردى.