
جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا ئېلىمىزگە زىيارەتكە كەلگەن بۇلغارىيىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى كارفون بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇلغارىيە دۇنيادىكى يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئىككىنچى دۆلەت. 6 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، پەن - مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىق ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلۇشۇپ، خەلقئارا ئىشلاردا ياخشى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ساقلاپ قالدى. بۇ يىل ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقىنىغا 60 يىل بولدى، ئىككى تەرەپ بۇ كاتتا مەرىكىنى ناھايىتى قىزغىن كۈتىۋالىدۇ. جۇڭگو تەرەپ بۇلغارىيە تەرەپ بىلەن بولغان ئەنئەنىۋىي دوستلۇقىنى قەدىرلەيدۇ ھەمدە بۇلغارىيە تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو بۇلغارىيە مۇناسىۋىتىنى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ.