ئاساسىي تېما : ئـــــــــــاشنا = ئــــــــــــــــــەسكى ئـــــــــــــــۆيئاۋاتلىقى:315ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



گۈزەل ياشلىق
دەرىجىسى:داڭدار شەخىس


جەۋھەر پۈتۈك: 13

پۈتۈك سانى: 2912
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2938 نوقتا
پۇل : 29380 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:3311(سائەت)

 ئـــــــــــاشنا = ئــــــــــــــــــەسكى ئـــــــــــــــۆي

 
    بىر ئەر سەكراتقا چۈشكەندە ئايالى بىلەن ئاشنىسىنى چاقىرتىپتۇۋە قوينىدىن بىر قولياغلىقنى ئېلىپ ئۇنى ئاۋايلاپ ئېچىپتۇ، قولياغلىققا بىر نەچچە تال چاچ ئورالغانىكەن. ئەرقولياغلىقنى ئاشنىسىغا سۇنۇپ:«بۇئىككىمىزتۇنجى يۈرگەن ۋاقتىمىزداچېكەڭدىن ئۈزۈۋالغان چاچلار ئىدى، ھازىرغىچە ئاۋايلاپ ساقلاپ كەلدىم، ئۇنى ھەرقېتىم ئاچقىنىمداسەن كۆزئالدىمغاكېلەتتىڭ ۋە ۋۇجۇدۇم لەرزىگەكېلەتتى،ئەمدى بۇنى ئۆزەڭگە قايتۇرۇپ بېرەي، مەندىن مەڭگۈلۈك نەمۇنە بوپقالسۇن» دەپتۇ.
    ئاشنىسى بۇنى ئاڭلاپ ھۆڭ-ھۆڭ يىغلاپ كېتىپتۇ.ئاندىن ئەرياستۇقى ئاستىدىن بىرپارچەپۇل چېكىنى چىقىرىپ ئايالىغابېرىپتۇ ۋە:«بۇمېنىڭ بىرئۆمۈريىغقان-تۈگكەنلىرىم،بالىلاربىلەن ئوبدانراق ياشارسىلەر دەپتۇ. 
   بۇنى ئاڭلىغان ئاشنىسىنىڭ ئۈنى ئۆچۈپ كۆزلىرى چەكچىيىپ كېتىپتۇ.مانا بۇ تالاغا قاراپ كەتكەن ئەرلەرنىڭ مەنتىقىسى بولۇپ، ئۇلارمال-مۈلكىنى خوتۇن- بالىلىرىغا،مېھىر-مۇھەببىتىنى ئاشنىسىغا قالدۇرىدۇ.

    يەنە بىر ئەر بار ئىكەن، ئايالى بۇكىشىنى بەك سۆيىدىكەن ، بۇ كىشىمۇ ئۆيدە ئەزەلدىن ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ باقمىغانىكەن، كېيىن ئۇ تاسادىبەن بىر ساھىبجامالغا باغلىنىپ قېلىپ ئاشنىدارچىلىققا بېرىلىپ كېتىپتۇ. تاماشا ئۇزاققا بارماپتۇ. ئىشقى-ھەۋەسلىرى سۇسلىشىپ، ئۆز ئارا يىرگىنىشىدىغان بوپقاپتۇ ۋە ئۈزۈلۈشۈپ كېتىپتۇ. بىراق ئۇتالاغا قاراپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئايالىمۇ ئۇنىڭغا كۆڭۈلسىز بوپكەتكەنىكەن. ئۇ ئايالى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا كىرىشىپتۇ. كۈن بويى ئايالىنىڭ چىرايىغا قاراپ ياشاشقا باشلاپتۇ. ئايالى تەلەتىدىن مۇز ياغدۇرۇپ قورسىقىمدىكىنى، تاپ دەپ ئولتۇرىۋېرىپتۇ.
بىرەيلەن :
خەت-خەۋەرمۇ يوللىمىدى يار،
قىشتىن سۆڭرە كەلگۈسى باھار.
يېقىنلىشار يارنىڭ يۇرتىغا،
يۈرەك زىدە تىلى تۇتۇلار.

 دېگەن مەشھۇرشېئىرنى :

ئۆز كەشىنى توغرىلىدى يار،
ئۈچ قىش ئۆتۈپ كېلەر بىر باھار.
 كارىۋىتىغا يېقىنلىشار-يۇ،
 خوتۇنىدىن تىلى تۇتۇلار.
                                   دەپ ھەجۋىلەشتۇرگەن، رومانتىكا بەش مىنۇتلۇق ھاياجان خالاس، ئادەمگە ئەسقاتىدىغىنى يەنىلا مېھىر-مۇھەببەتلىك ئائىلە. ئاشنىسىدىن ئايرىلىپ كەتكەن ئەر ۋاقتى ئۆتكەن پاراخۇت بېلىتىنى تۇتۇپ تۇرغان يولۇچىغا ئوخشايدۇكى، ئۇقوزغىلىپ كېتىپ بولغان پاراخۇتقا قانداقمۇ چىقالىسۇن؟ بىرەيلەن ئاشنىدارچىلىقنى ئاشنا بىر ئەسكى ئۆي، بىر يەرتەۋرىدىمۇ تۈگىشىدۇ، دەپ سۈپەتلىگەن. 



مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
[ مەزكۇر پۈتۈك قادىخان تەرىپىدىن 2009-03-24 12:34 دە تەھرېرلەندى. ]

تەن ساقلىق ، زور بايلىق .

Posted: 2009-03-24 11:38 | [پۈتۈكچى]


ساغلام تەندە ساپ ئەقىل .
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 18
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 20 نوقتا
پۇل : 200 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:2(سائەت)

 

ھەجىۋىيلەشتۈرۈلگەن شېئىر قاملىشىپتۇ    قانداق كىشى سەكراتتىكى چاغدىمۇ ئاشنىسى بىلەن ئايالىنى بىر يەرگە ئەكىلىپ ئۇنداق ۋەسىيەت قالدۇرالىسۇن ! 
Posted: 2009-03-24 19:48 | 1 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> تەرمىلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation