بۇغدىيىڭنى تېرىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم،
ئوتۇنىڭنى يېرىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم ،
سا غاي دېسەڭ سېيىر بولدۇم سېنىڭ ئۈچۈن،
پۇتلىرىمنى كېرىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم .
تاتلا دېسەڭ، سىلاپ قويدۇم دۈمبەڭنىمۇ،
چېيىڭغا نان سېلىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم .
ئۆزۈمدە يوق، ئۇننى ئەلدىن تىلەپ يۈرۈپ،
ساڭا بۇلماق چېلىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم .
ساغلىقلىرىڭ تۇغماي قالسا مەندىن كۆردۈڭ،
ساڭا قوغۇن تېلىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم .
تۇمۇزلاردا سېنى يەلپۈپ قولۇم تالدى،
مۇزدەك دوغاپ قېلىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم .
كىم قويۇپتۇ ماڭا بۇنداق مالايلىقنى ،
پىتلىرىڭنى بېقىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم .
كىرلىرىڭنى يۇيۇپ بەرسەم، رەخمىتىڭ يوق،
كېگىزىڭنى قېقىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم .
ئېسىت مېنىڭ ساڭا بەرگەن نادان كۆڭلۈم ،
مېنەي دېسەڭ يېتىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم .
ساداقەتنىڭ سەھنىسىدىن چۈشمەي ھەر كۈن ،
ساڭا
ناخشا ئېيتىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم .
خوپ بولدى دەپ ، دۈشمەنلىرىم خوش بولۇشتى ،
ساڭا ياڭاق چېقىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم .
تۆككەن تەرىم بىكار كەتتى ئەگىزلەردەك،
ساڭا ئابروي تېپىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم .
مۇھەممەدجان راشىدىن