كۈندىلىك تۇرمۇشتا دىققەتسىزلىكتىنبىرەر ئەزايىڭىزنى كۆيدۈرۈۋالسىڭىز ھەرگىز جىددىيلىشىپ كەتمەي، تۆۋەندىكىئۇسۇللاردىن ئۆزىڭىز قولايلىق دەپ بىلگىنىڭىزنى تاللاپ ئىشلەتسىڭىزبولىۋېرىدۇ :
1. كۈيگەن جايغا دەرھال كىرسىن تەككۈزسىڭىز ئاغرىق ناھايىتى تېزلا توختايدۇ ھەم قىزىپ ئېشىپ، سولۇق قاپارتقۇ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
2. كۆيگەن جايغا سوپۇن سۈيىنى تەككۈزسىڭىز، ئىششىقتىن بولغان قېزىرىپ ئىششىپ، سولۇق قاپارتقۇ چىقشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
3. كۆيگەن جايغا چىش پاستىسى سۈرتۈپ قويسىڭىز، ئاغرىقنى توختىتىپ، تېزلا يەڭگىللەيدۇ.
4. كۆيگەن جايغا ئازراق تۇز سېلىنغان كالا سۈتىگە داكىنى چىلاپ باسسىڭىز، جاراھەت تېزلا يەڭگىللەيدۇ.
5. كۆيگەن جايغا خام دوفونى ئىككى ئۆلۈش، ئاق شېكەرنى بىر ئۆلۈش ئارىلاشتۇرۇپ ئېزىپ سۈركىسىڭىز، جاراھەت ئوڭاي ساقىيىدۇ.
6. ئېزىلىپ كەتكەن ئەپلىسىننى قۇتىغا ئېلىپ ساقلاپ قويۇپ، كۆيۈپ يارىلانغاندا، ئاپلىسىن شەربىتىنى جاراھەت ئۈستىگە سۈرتسىڭىز، ئاغرىقنى پەسەيتىپ، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.