
شىنخۇا ئاگېنتلىقى،ۋاشىنگىتون،23-مارت تېلېگراممىسى: ئامېرىكىدىكى «ۋاشىنگىتون پوچتىسى گېزىتى» تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى قۇملۇققا سالغان ئىراقتىكى ئەڭ چوڭ تۈرمىسى-بۇ كالاگېرىغا 10 مىڭدىن ئارتۇق مەھبۇس قامالغان.
خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا بۇ يىل يازدا بۇ لاگېرنى تاقايدىغان بولدى، شۇڭا ھازىر بۇ بىر قىسىم مەھبۇسلارنى قويۇپ بەردى. بىراق ئىران ساقچى دائىرىلىرى قويۇپ بېرىلگەن بۇ مەھبۇسلارنىڭ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى قوزغاپ، قالايمىقانچىلىق چىقىرىشىدىن ئەنسىرەپ قالدى.