-
ئۇيغۇرلاردا ئىسىم قويۇش ئۇسۇللىرى - [تارىخ ۋە مەدەنىيەت]
2010-12-26
ئۇيغۇرلاردائىسىم قويۇش بىرقانچە باسقۇچنى باشتىن كەچۈرگەن .بۇنى مۇنداق ئۈچ دەۋرگە بۆلۈپ چۈشەندۈرۈش مۈمكىن :
1)ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى كىشى ئىسىملىرى .
2)ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى كىشى ئىسىملىرى .
3)ئازاتلىقتىن كېيىنىكى كىشى ئىسىملىرى .
ئۇيغۇر خەلقى ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلماستىن بۇرۇن ،ئاساسەن ئۇيغۇرچە سۆز بىلەن ئىسىم قويۇشقا ئادەتلەنگەن .مەسىلەن بايتەمىر ،ئىلتەمىر ،بەگ بۇقا ، قارا بۇقا ،قارا باخشى ،...دېگەندەك ئىسىملارغا ئوخشاش .بۇنىڭدىن باشقا ،ھەرقايسى رايونلاردا ياشىغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىگە شەھەر ،يەر ناملىرىنى ئىسىم قىلىپ قويۇش بىرئەنئەنە ئىدى .چىڭگىزخاننىڭ مۇھىم مەسلىھەتچىلىرىدىن بىرى بولغان قارىياغاچ بۇيرۇقنىڭ << قارىياغاچ>>دېگەن يەرنىڭ نامىنى ئۆزىگە ئىسىم قىلىپ قويىشى ،شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئىدىقۇتى بارچۇق ئارت تېكىن (بارچۇق ھازىرقى مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ قەدىمكى نامى )نىڭ بارچۇقنى ئۆزىگە ئىسىم قىلىپ قويىشى بۇنى ئىسپاتلايدۇ . -
قەدىمقى دەۋىردىكى مەشھۇر ئۇيغۇر بازارلىرى - [تارىخ ۋە مەدەنىيەت]
2010-11-01
خەن، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت ئىقتىساد ۋە مەدىنىيەت جەھەتتە تەرەققىي قىلغان، ئىچكى-تاشقى سودىسى گۇلەنگەن بىر باسقۇچقا قەدەم باسقان. بۇ دەۋردىكى’ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يۈكسەلگەنلىكىنى، مەدەنىيەتنىڭ گۇللەنگەنلىكى ھەققىدە تارىخىي ماتىرياللاردا كۆپلەپ خاتىرە قالدۇرۇلغان، بۇ ئاساسەن شەھەر كۆلىمىنىڭ كەڭەيگەنلىكى ، پۇلنىڭ كەڭ كولەمدە ئوبرۇت قىلىنغانلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ گەۋدىلىك، مول ئارخىلوگىيلىك ئاساسلار ئارقىلىق دەلىللەپ چىقىلغان. بولۇپمۇ، تاڭ سۇلالىسى دەۋردىكى غەربىي يۇرت بازارلىرىدا يەرلىك پۇللىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋرۇپا پۇللىرىنىڭ ئوبرۇت قىلىنغانلىقى يىقىنقى يىللاردا ئېلىپ بېرىلغان ئارخىلوگىيلىك تەكشۇرۇشلەردە نۇرغۇن ماددىي پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاندى.
-
چاغاتاي دەۋرىدىكى بۈيۈك ئۇيغۇرلار - [تارىخ ۋە مەدەنىيەت]
2010-08-25
چاغاتاينىڭ پايتەختى ئالمىلىق (ھازىرقى ئىلى) بولۇپ، مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى ۋە داڭلىق پىداگوگ سىراجىدىن ئەبۇ ياقۇپ ئىبنى ئەبۇ يۇسۇپ سەككاكى (1160 - 1128 - يىللار) چاغاتاينىڭ ئىلمىي مەسلىھەتچىسى ئىدى. مەشھۇر دىپلومات ۋە سىياسەتچى قۇتبىدىن بولسا چاغاتاينىڭ باش دوختۇرى، تالانتلىق مائارىپچى ۋە يىزا ئىگىلىك ئىنجنىرى مەسئۇتبەگ چاغاتاينىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدىكى باش ۋالىسى ئىدى.
-
قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىملار - [بېلىۋىلىڭ]
2010-08-10
ئالپ _ جەسۇر ، باتۇر ، قەھرىمان
ئالپ ئايا _ ئەڭ ياخشى قەھرىمان
ئالپ ئاتا ( ئەلپەتتا ) _ باتۇر ئاتا
ئالپ ئەرتۇڭا _ قاپلاندەك باتۇر ئەر
ئالپ تېكىن _ باتۇر شاھزادە
ئالپاغۇت _ يېڭىلمەس قەھرىمان ، تاغ يۈرەك باتۇر