ئۇيغۇرتىل-يېزىقى - [تارىخ ۋە مەدەنىيەت]
2010-12-20
ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ئالتاي تىل سېستىمىسىنڭ تۈركىي تىللار تۈركۈمى ھۇن تىلى تارمىقى قارلۇق تىلى گوروپپىسىغا مەنسۇپ بولۇپ، مورفولوگىيلىك تۈزۈلۈشى جەھەتتىە يېپىشقاق تىللار تىپىغا تەۋە. ئۇزاق مەزگىللىك تارىخىي تەرەققىياتلار جەريانىدا، ئۇيغۇر تىلىغا باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلىدىن كۆپلىگەن سۆزلەر قوبۇل قىلىنىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ لىكسىكىسىنى ئۇزلۈكسىز تولۇقلىدى ۋە بېيىتتى. ئۇيغۇر يېزىقى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا ناھايىتى زور رول ئوينىدى. ھەمدە ئۇ ئارقىلىق مول مەدەنىيەت مىراسلىرى ساقلاپ قېلىندى.
ئويغۇرلارنىڭ يېزىق قوللىنىش تارىخى ناھايتى ئوزۇن. دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭ، گەنسۇ ۋە مۇڭغۇلىيە قاتارلىق جايلاردا بايقالغان ئابىدە ھۆججەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار ئوخشاش بولمىغان تارىخىي دەۋرلەردە، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ سوغدى يېزىقى، تۈرك يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ۋە ئەرەب ئېلىبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقلىرىنى قوللانغان


ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يىزىقى
تۈرك خانلىقى دەۋىردە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى بولغان قەدىمكى ئۇيغۇرلار(回纥) قاتارلىق تېلى قەبىللىرى تۈرك قەبىلىسىگە ئايلىنىپ، تۈركلەر قوللانغان سوغدى يېزىقى ۋە تۈرك يېزىقلىرىنى قوللىنىشقا باشلىغان. قەدىمكى ئويغۇر خانلىقى دەۋردە ھۆكۈمەت خەت-ئالاقىلىرى يەنىلا تۈرك يېزىقىدا يېزىلدى. بۇ يېزىقتا يېزىلىپ ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ قالغانلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئابىدىگە ئويۇلغان ھۆججەتلەردىن ئىبارەت. مەسلەن، «مويۇنچۇر مەڭگۈ تېشى»(«ئۇيغۇر تۆھپىكار بىلگە قاغان مەڭگۇ تېشى» ياكى «گۇرلىگ قاغان مەڭگۈ تېشى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، «ئورخۇن مەڭگۈ تېشى» ۋە «توققۇز ئۇيغۇر قاغانى مەڭگۈ تېشى» قاتارلىقلار. بۇنىڭ ئىچىدە «توققۇز ئۇيغۇر قاغانى مەڭگۈ تېشى» ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۈركچە، سوغدىچە، خەنزۇچە ئۈچ خىل يېزىقتا ئويۇپ يېزىلغان. تۈرك يېزىقى ئۇمۇمەن ئوڭدىن سولغا قاراپ توغىرسىغا يېزىلىدۇ. سولدىن ئوڭغا قاراپ يېزىلىدىغانلىرىمۇ بار ھەرپ سانى تەخمىنەن 40~38 قىچە بولۇپ، سەككىز سوزۇق تاۋۇش بار.
ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەندىن كىيىن، سوغدى يېزىقىغا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش، تولۇقلاش ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنى خاتىرلەشتە قوللانغان، ھەمدە ئۇنى ئۇيغۇر يېزىقى دەپ ئاتىغان، ئۇيغۇر يېزىقى دەسلەپكى چاغلاردا ئوڭدىن سولغا قاراپ توغىرىسىغا يېزىلغان بولۇپ، كىيىن يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتىپ، تىك يېزىشقا ئۆزگەرتىلگەن، تىك شەكىلدە يېزىلغانلىرنىڭ قۇر سانى كۆپىنچە سولدىن ئوڭغا قاراپ تېزىلغان. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا 18~23 (دەۋىر پەرقى سەۋەبىدىن سانى ئوخشىمايدۇ)گىچە ھەرپ بار بولۇپ، خەت شەكلى جەھەتتە ياغاچ ئويما مەتبە نوسخىسى، نوم خەت نوسخىسى ۋە تىز خەت نوسخىسى قاتارلىقلارغا بۆلىنىدۇ. يازما شەكلى يەنە ئۈلگە خەت شەكلى ۋە تىز يازما شەكلى دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. ئۈلگە خەت شەكلى مۇقەددەس كىتابلارنى يېزىشتا ئىشلىتىلىدۇ. تېز يازما شەكلى بولسا ئادەتتىكى خەت-ئالاقىلەرنى يېزىشتا ئىشلىتىلىدۇ. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئۇيغۇرلار بىر قەدەر ئۇزاق ۋاقىت ۋە كەڭ دائىردە قوللانغان يېزىق ھېسابلىنىدۇ. تاڭ سۇلالىسىدن تارتىپ مىڭ سۇلالىسىغا قەدەر شىنجاڭ رايونى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلغان بولۇپ، شەرقىي شىنجاڭنىڭ تۇرپان، قومۇل رايونىدىكى ئۇيغۇرلار 16-ئەسىرلەرگە قەدەر قوللانغان. دۆلىتىمىزدىكى مۇڭغۇل يېزىقى بىلەن مانجۇ يېزىقىمۇ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا بەرپا قىلىنغان. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ قوشۇپ يېزىش ئۇسۇلى كېيىن بارلىققا كەلگەن ئەرەپ ئېلىبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى (چاغاتاي يېزىقى)غا ناھايتى زور تەسىر كۆرسەتكەن.
قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ قوللىنىلغان ۋاقتى ئوزۇن، دائىرىسى كەڭ بولغانلىقتىن، ئۇ نۆۋەتتە قەدىمىي ھۆججەتلەر بىر قەدەر كۆپ ساقلانغان يېزىق ھېسابلىنىدۇ. 19-ئەسىردىن بۇيان، چەت ئەللىك ئېكىسپېدىتسىيىچىلەر، ئارخېئولوگىيە ئەتىرەتلىرى بۇ يېزىقتا يېزىلغان زور مىقداردىكى ھۆججەتلەرنى بايقىدى. بۇ ھۆججەتلەر ھازىر دۇنيادىكى نورغۇن دۆلەتلەرنىڭ كۈتۈپخانا ياكى موزېيلىرىدا ساقلانماقتا. ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ كىلۋاتقان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى مەشھۇر ھۆججەتلەردىن ئاساسلىقلىرى «قۇتاتغۇبىلىك»، «ئالتۇن يارۇق»، «ئوغۇزنامە»، «شۇەنزاڭنىڭ قىسسىلىرى»، «مايتىر بىلەن ئۇچىرىشىش»، «بۆگۈ قاغاننىڭ دىنغا كېرىشى»، «سەددەرمە پۈنتەرىكە سۇترە» ۋە «قۇچۇ مەھكىمىسى ھۆججەتلىرى» قاتارلىقلار بار، يەنە زور تۈركۈمدىكى دىنىي مۇقەددەس كىتاب، ئويما ئابىدە، ئەدەبىي ئەسەر، ئويما مەتبەئە بويۇمى ۋە كېلىشىمنامە قاتارلىق قىممەتلىك مەدەنىيەت بويۇملىرى بار.
10-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئىسلام دىنى جەنۇبىي شىنجاڭغا تارقىلىپ كىردى. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى يېزىقىنى ئۆزگەرتىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 11-ئەسىردە، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى ئاقسۆڭەكلەر ۋە دىنىي زاتلار ئارىسىدا ئەرەب يېزىقىنى قوللىنىش بىر مەزگىل ئەۋجىگە چىقتى. بىراق ئاۋام ئەرەب يېزىقى قوللىنىشتا باشتىن-ئاياق تىل جەھەتتىكى توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن، بەزىلەر ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇر تىلىنى ئەرەب ئېلىپبەسى ئارقىلىق قوشۇپ يازدى، بۇ ئىش ئومۇميۇزلۈك قارشى ئېلىندى. مانا بۇ ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى. بۇ يېزىق 13-ئەسىردە قۇرۇلغان چاغاتاي خانلىقى تەرىپىدىن ھۆكۈمەت خەت-ئالاقىلىرىدە قوللىنىلدىغان يېزىق قىلىنغانلىقتىن، كىيىنكىلەر ئۇنى «چاغاتاي» يېزىقى دەپ ئاتىدى. چاغاتاي يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭكىگە ئوخشىمايلا قالماستىن، يېزىلىش شەكلىمۇ ئوخشىمايدۇ، ئۇ ئوڭدىن سولغا قاراپ ئۇلاپ يېزىلىدۇ. 15-ئەسىردە چاغاتاي يېزىقى ئاساسىي جەھەتتىن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئورنىنى ئالدى. ئۇيغۇرلار دەسلەپتە ئەرەب يېزىقىدىكى 28 ھەرپنىڭ ھەممىسىنى قوبۇل قىلغان ئىدى. ئەمما ئۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق قورۇلمىسىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلمىگەنلىكتىن، كېيىن يەنە پارسلار 28 ئەرەب ئېلىبەسى ئاساسىدا يېڭىدىن 4 ھەرپنى تۇلۇقلاپ قوشۇش ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرگەن پارس يېزىقى ئىلىپبەسىنى يەنى، ئادەتتە دېيىلىپ كېلىۋاتقان «چاغاتاي يېزىقى»نى قوللاندى. ھازىر يۇرگۈزۈلۈۋاتقان ئۇيغۇر يېزىقى مانا مۇشۇ ئاساستا شەكىللەنگەن.
ئۇيغۇرلار بۇ يېزىقنى قوللانغاندىن كىيىن، ئۇنى يەنە كۆپ قېتىم ياخشىلاپ ۋە تولۇقلاپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكا سېستىمىسغا يەنىمۇ ئويغۇنلاشتۇردى. مىنگونىڭ 36-يىلى(1937)دىن بويان ئۇيغۇر يېزىقى ئېلىپبەسىدىكى ئەرەب تىلى تاۋۇشلىرىنى ئەكىس ئەتتۇرىدىغان بەزى ئالاھىدە ھەرپلەرنى ئەمەلدىن قالدۇردى، سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن ئۈزۈك تاۋۇشلارنى پەرقلەندۈرىدىغان بىر قانچە ھەرپنى قوشتى. ئەمما بۇ يېزىق باشتىن ئاخىر ئەرەب ئېلىپبەسىنىڭ ئەسلى سىستېمىسىدىن ئايرىلىپ كېتەلمىدى. 1949-يىلى يېڭى جۇڭگو قورۇلغاندىن كىيىن، جۇڭگو كومپارتىيىسى ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەھمىيەت بېرىشى ۋە غەمغولۇقى ئارقىسىدا، 1950-يىلىلا ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىسلاھ قىلىش مەسلىسى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىندى. 1954-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-يېزىق خىزمەتچىلىرى ئەرەب ئېلبەسىدىكى زۆرۈر بولمىغان بەزى ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ، بىرقانچە سۇزۇق تاۋۇش ھەرپىنى قوشتى، ئايرىم ھەرپلەرنىڭ يېزىلىشىغا بىر قىسىم تۈزىتىشلەرنى كىرگۈزدى ھەمدە يېڭى ئىملا قائىدىسىنى بېكىتتى. بۇ ئېلىپبە جەمئي 30 ھەرپتىن تەشكىل تاپتى. 1959-يىلى ئۇيغۇر يېزىقىغا قارىتا ئسلاھات يۈرگۈزۈلۈپ، لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يىڭى يېزىق لايىھىسى تۈزۈپ چىقىلدى. جەمئي 33 ھەرپ، 25 ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپى، 8 سۇزۇق تاۋۇش ھەرپىدىن تەشكىل تاپقان بۇ يېڭى يېزىق لايىھىسى 1960-يىلى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى. 1965- يىلى گوۋۇيۇەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى. 1976-يىلى رەسمىي قوللنىلدى. شۇنىڭدىن كىيىن، ئۇيغۇر يىڭى يېزىقى بىلەن كونا يېزىقى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. 10 نەچچە يىل قوللىنىش داۋامىدا لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ يولغا قويۇلۇشى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى. 1982-يىلى ئاپتونۇم رايونلۇق 5-نۆۋەتلىك خەلق قورۇلتىيى دائىمىي كوممىتىتى 17-قېتىملىق يىغىنىدا ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى قوللىنىشنى ئومۇميۇزلۇك ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغىرسىدا قارار چىقىرىلدى. لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېڭى يېزىقنى داۋاملىق تەتقىق قىلىپ، ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەمدە ئۇنى بىر تۈرلۈك تاۋۇش بەلگىسى سۈپىتىدە ساقلاپ قېلىپ، زۆرۈر بولغان سۇرۇنلاردا قوللىنىش بەلگىلەندى. 1983-يىلى ئاپتونۇم رايون ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى يەنە بىر قېتىم ياخشىلاپ، ئەسلىدىكى 30 ھەرپ ئاساسىدا يەنە 2 ھەرپنى قوشتى. ھەمدە ئېلىپبە جەدۋىلدىكى ھەرپلەرنىڭ رەت-تەرتىپىنى تەڭشىدى. بۇ ئېلىپبە 1984-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ قوللىنىلدى.
ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدا 32 ھەرپ بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سۇزۇق تاۋۇش ھەرپى 8، ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپى 24، ئوڭدىن سولغا قاراپ يېزىلىدۇ، ھەر بىر ھەرپ سۆز تەركىبىدىكى ئورنىغا ئاساسەن ئايرىم شەكلى، باش شەكلى، ئوتتۇرا شەكلى، ئاخىرى شەكلى قاتارلىق بىرنەچچە خىل ئوخشاش بولمىغان شەكىلگە ئىگە. بۇنىڭ ئىچىدە 21 ھەرپ ئاخىردىن ئۇلنىدىغان شەكىل، ئىككى تەرەپتىن ئۇلنىدىغان شەكىل، باشتىن ئۇلنىدىغان شەكىل ۋە ئايرىم شەكىلدىن ئىبارەت تۆت خىل شەكىلگە ئىگە؛ 11 ھەرپ باشتىن ئۇلىندىغان شەكىل ۋە ئايرىم شەكىلدىن ئىبارەت ئىككىلا خىل شەكىلگە ئىگە. ئۇلارنىڭ قۇرۇلمىسى ھەرپ سىزىقىلىرى ۋە قۇشۇمچە بەلگىلەردىن تەشكىل تاپقان بۇلۇپ، ئوخشاش ھەرپ سىزىقلىرىدىن ئوخشاش بولمىغان ھەرپ شەكىلىرىنى ياساپ چىقىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئاستى تەرىپى ياكى ئۈستى تەرىپىگە چېكىت(.)، پەش(،)، ھەمزە(ء) قاتارلىق بەلگىلەر قۇيۇلىدۇ. ئۇيغۇر يېزىقىدا 9 خىل بەلگە بار بۇلۇپ، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم 11 خىل ئەھۋال ئاستىدا قوللىنلىدۇ. ئەگەر قويۇشقا تېگىشلىك بەلگىنى قويمىسا ياكى دەل جايىغا قويمىسا، ھەرپ شەكلى ھاسىل بولمايدۇ ياكى باشقا بىر ھەرپ شەكلىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى(لوپنۇر دىئالېكتىدىن باشقا)نىڭ ئەڭ رۆشەن فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكى، سۇزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشى ۋە سۇزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى ھەمدە تاۋۇشلارنىڭ تارىيشىدىن ئىبارەت.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇر خەلق ئاممىسىنىڭ ئاساسىي ئالاقىلىشىش قورالى. شۇنداقلا شىنجاڭدىكى نۇرغۇنلىغان قېرىنداش مىللەتلەر ئورتاق قوللىنىدىغان مىللىي تىللارنىڭ بىرى. ئۇزاق مۇددەتلىك مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش سەۋەبىدىن، ھازىر كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار كۆپ خىل تىل يېزىقنى قوللىنالايدىغان بولدى. بۇلۇپمۇ شەھەرلەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ كۆپ قىسمى خەنزۇ تىلىدا سۆزلەشنى ۋە خەنزۇ يېزىقىنى قوللىنىشنى بىلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭ تۇرپان ئويمانلىقىدىن قېزىپ ئېلىنغان ھۆججەت ماتېرىياللاردىن ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تارىختا بىراھمان يېزىقى، سوغدى يېزىقى، مانى يېزىقى، سانسىكرىت يېزىقى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى يېزىقلارنى قوللىنىپ، ئۇيغۇر تىلى ۋەسىقىلىرىنى يېزىپ قالدۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئالغىلى بولىدۇ. بىراق بۇ يېزىقلار كۆپىنچە كىلاسىسىك ئەسەرلەرنى يېزىشتا قوللىنىلغان .
收藏到:Del.icio.us


ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.
评论