• ئۈرۈمچى نامىنىڭ كىلىپ چىقىشى - [بېلىۋىلىڭ]

    2011-01-14

     دىيارىمىزدىكى بىرقىسىم يەرناملىرى ھەققىدىكى خىلى كۆپ تەپسىلاتلاردا  "ئۈرۈمچى" سۆزى ئەسلى"رۇمچە"دىگەن تۈركىي سۆزىدىن ئۆزگەرگەن بولۇپ ئەسلى نامى "ياڭىبالىق"ئىدى دىگەن يەشمە بىلەن تاماملايدۇ. بۇ ھۈكۈمدىن قانائەتسىزلەنگەن بىر قىسىم ئىزدەنگۈچىلەر:« ئۈرۈمچى – سودىدا مال ئالماشتۇرۇش، سودا سىتىق رايونى. تاللىق، ئۆرۈلگەن چاچ »قاتارلىق سىمۋوللۇق مەنىلەرگە باغلايدۇ. «تارىخى ھەمىدىي»دە : «ئۈرۈمچى»نىڭ ئەسلى«رۇمچە»دىن ئۆزگۈرۈپ كەلگەنلىنى قۇۋەتلەيدۇ.

    يۇقارقى چۈشەندۈرۈشلەرنىڭ ھىچقانداق تۈركىي تىل يىلتىز ئاساسى ۋە تارىخى ئىلمى ئاساسى يوق.

    «ئۈرۈمچى»ئاتالغۇ يەشمىسىگە تۇتۇنۇشتىن بۇرۇن، ئاۋال «ئۈرۈم» مەسىلىسىنى ھەل قىلماي بولمايدۇ. «ئۈرۈمچى» قەدىمدە «ئورۇمتاي» ۋە «ئورۇمتاي»نىڭ قىسقارتىلمىسى «رومتاي»دەپ ئاتالغان. ھازىرچە، «ئۈرۈمچى»دىكى «چى» بىلەن «ئورۇمتاي»دىكى «تاي»نى نەزەرگە ئالماي تۇرساق، ھەرئىككى ئاتالغۇدىن «ئورۇم»بىلەن «ئۈرۈم» قالىدۇ. سوزۇق تاۋۇش«ئو»،«ئۈ»نىڭ تارىخى ئاتالغۇلار تەكرارىدا بىر-بىرىگە ئورۇن بىرىش ئاددى تىل تەلەپپۇز ھەقىقىتىدىن: «ئورۇم» بىلەن «ئۈرۈم»نىڭ مەنبەداش ئاتالغۇ ئىكەنلىكىنى كۆرۈش بىلەن بىرگە، ھەر ئىككىسىگە «ئورۇم»نى ۋەكىل قىلىپ ئىلىشقا بولىدۇ.

    تۆۋەندە، «ئورۇم»ئاتالغۇسىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى مەۋجۇت ئاتالغۇ ئەمەلىيىتىگە جىپسىلاشتۇرغاندىكى يەشمە ئىھتىمالىنى كۆرۇپ باقايلى:

    «ئورۇم»نى پۈتۈن ئاتالغۇ ھالىتى بىلەن «دىۋان»دىن ئىزدىسەك ھىچقانداق ئۇچۇرغا ئىرىشەلمەيمىز. ئەمما، «ئورۇم»نى «ئور» ۋە «ئۇم»غا پارچىلاپ قارىغىنىمىزدا، خۇشاللىقىمىزنى باسالماي قالىمىز: «ئوردۇ- ... يەر ئاستىدا ياشايدىغان ھايۋانلار ئۇۋىسى»(«دىۋان»1-قىسىم168-بەت). «ئوردۇ»( ھايۋانلار ئۇۋىسى) يەر ئۈستى تەكشىلىكىدىن تۈۋەن ۋە چوڭقۇر بولىدۇ. «ئورغاق-(دىھقانلار پىشقان زىرائەتلەرنى ئورۇشتا ئىشلىتىدىغان) ئورغاق»(«دىۋا»1-قىسىم 161-بەت). «ئورغاق» ئەسۋابى يايسىمان، ئىككى بىشىدىن ئوتتۇرىسى پەس بولىدۇ. بىز ئادەتتە يىڭى چىققان ئاينى ئورغاق ئاي دەيمىز. بۇ خىل يىڭى چىققان ئايغا «ئور» ئاتالغۇسىنى قوشىشىمىزنىڭ ئۆزىمۇ: ئاينىڭ ئىككى بىشىدىن ئوتتۇرىسى تۆۋەن يايسىمان ھالىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش. ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ئىستىمالىدا: سەۋزە ۋە چامغۇر كۆمۈپ ساقلايدىغان ئورۇننى «ئورا»، چوڭقۇر كولانغان ئورۇننىمۇ «ئورەك»دەپ « ئور»نى كەڭ تۇردە قوللىنىدۇ. ھەتتا چىشى ھايۋانلارنىڭ بەزىسىنى «ئورغاچى»دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭ ئەركەك ھايۋاندىن كىچىكرەك ھالىتىگە «ئور» ئاتالغۇسىنى قاتقان. «ئورۇم»دىكى «ئۇم»نىڭ تارىختىكى تۈركىي تىل يىلتىزى «ئىم»بولۇپ، «ئۇرئىم» كىيىنچە «ئورۇم»غا ماھىللاشقان.«ئىم» ئاتالغۇسى ھەققىدە «دىۋان»دا: «ئىم – ھەربى قوشۇنلاردا باش قوماندان تەرىپىدىن بەلگىلەپ بىرىلگەن مەخپى بەلگە. مۇنداق بەلگىلەر قۇش ۋە قۇراللارنىڭ ئېتى بىلەن ياكى باشقا سۆزلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ئىككى تۈركۈم ئەسكەر ئۇچراشقاندا، بىر-بىرىنى تونۇشقا ۋە ئۇقۇشماي ئۇرۇشۇپ قىلىشتىن ساقلىنىشقا خىزمەت قىلىدۇ. كىچىسى ئىككى كىشى ئۇچراشقاندا، بىرى يەنە بىرىدىن ئىم سورايدۇ، سورالغان كىشى ئىمنى ئۆز كىشىسى ھىساپلايدۇ، بىلمىسە ھوجۇمغا ئۇچرايدۇ. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ئىم بىلسە ئەر ئۆلمەس»(1-قىسىم54-بەت) دىگەن ئىنىقلىما ئۇچرايدۇ. دىمەك «ئىم» تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ خاس ئالاقە بەلگىسى بولۇپلا قالماي، مۇئەييەن شارائىتتا تۈركىي مىللەتنىڭ ئۆزىگىمۇ ۋەكىللىك قىلىدۇ.

    «ئورۇمتاي»نىڭ قىسقارتىلمىسىدىكى «رۇمتاي»نىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشى «لۇن تەي» بولۇپ، قەدىمكى تۈركىي مىللەت تارىخچىللىرىمىز ۋە تەرجىمەشۇناسلىرىمىز، خەنزۇچە تارىخى مەنبەلەردىكى «لۇ»نى «رۇم»دەپ، ئەسلى ئۆزىنىڭ تىلىنى قايتا تەرجىمە قىلىپ كۆچىرىش جەريانىدا ئىككىلەمچى ئاتالغۇ(ياتلار ئاتالغۇسى) قىلىپ قويغان. «ئورۇمتاي»قانداقتۇر «رۇمتاي»غا قىسقارغاندا ئەسلى ئاتالغۇ «ئورۇم»(ئورئىم)دىكى «ئور»نىڭ «ر» ھەرىپى « ئىم»غا ئىختىيارسىز قىتىلىپ « رىم»(رۇم) بولۇپ قالغان. قەتئى ئۈزۈپ ئىيتىش كىرەككى «رۇم»ئاتالغۇسى قەدىمكى تۈركىي تىلىدا ھەرگىز مەۋجۇت ئەمەس. ئەستايىدىل كۈزەتسەك، بۇ ھۆكۈمنىڭ توغرىلىقىنى «دىۋان» كۈچلۈك ھالدا ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.

    ئاخىرىدا، «ئورۇمتاي»ۋە «رۇمتاي»دىكى «تاي»، «ئۈرۈمچى»دىكى «چى»نى «دىۋان» ئاستىغا ئىلىپ باقايلى: «تاي – ئات بالىسى»(«دىۋان»3-قىسىم 216-بەت). بۇ يەردە «تاي»، يىتىلگەن ئاتقا سىلىشتۇرغاندا كىچىك، پاكار ۋە تۆۋەن تۇرىدىغانلىقى ئارقىلىق «ئۈرۈمچى»نى پۈتكۈل جۇڭغار ئويمانلىقىغا سىلىشتۇرغاندا تىخىمۇ چوڭقۇر ئويمانلىق ئىكەنلىكى سىمۋوللاشتۇرۇلغان. ھەتتا ئۇ، تارىمنىڭ شەرقىدىكى ئويمالىق بىلەن سىلىشتۇرما قىلىنىپ شۇنداق ئاتالغان بولىشىمۇ مومكىن. «چى – نەم يەر»(«دىۋان»3-قىسىم288-بەت). زىمىننىڭ پەس ۋە ئويمان قىسمىنىڭ نەم ۋە سۇلۇق بولىدىغانلىقى ئىنىق. بۇ مۇناسىۋەتتە «ئۈرۈمچى»نىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىكولوگىيىسىنى نەم ۋە سۇلۇق دىسەك تامامەن توغرا بولىدۇ.

    ئومۇمەن ، «ئۈرۈمچى»نىڭ «دىۋا»دىكى تىل يىلتىزى « ئور»، «ئىم» ۋە «چى» بولۇپ: «ئور» - ئويمان، «ئىم» - تۈركلەرنىڭ خاس بەلگىسى، «چى» - نەم يەر دىگەنلىك بولىدۇ.
     خۇلاسە شۇكى:«ئۈرۈمچى»نىڭ مەنىسىنى بىر جۈملىگە  يىغىنچاقلىساق «ئۈرۈمچى» - (تۈرك ئويمانلىقى) دىگەن مەنىدە بولىشى مۇمكىن.
     
    پايدىلانغان ماتىرياللار:
    1) «دىيارىمىزدىكى بىر قىسىم يەر ناملىرى».
    2) «ئۈرۈمچى ئاتالغۇسىنىڭ مەنىسى».
    3) « "ئۇرۇم" توغرىسىدا ئىككى كەلىمە ئىزاھ»
    4) «ئۈرۈمچى نامىنىڭ كىلىپ چىقىشى»
    5) «تۈركىي تىللار دىۋانى»


    收藏到:Del.icio.us




    无觅相关文章插件
  • ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.