نوبېل ۋەسىيەتنامىسىنىڭ ئەسلى تىكىستى - [تاغدىن-باغدىن]
2011-01-20
نوبېل (شىۋېتسىيە)
مەن -ئىمزا قويغۇچى ئالفرېد بۇخارېد نوبېل ، ئەستايىدىل ئويلىنىش ئارقىلىق شۇنى جاكارلايمەنكى ، تۆۋەندىكى قۇرلار مىنىڭ ئۆلگەندىن كىيىنكى قەپقالغان مال – مۈلۈكلىرىمنى بىر تەرەپ قىلىشغا دائىر ۋەسىيەتنامەمدۇر .
مەن ۋەسىيەتنامەمنى ئىجرا قىلغۇچىدىن قىپقالغان مال-مۈلكىمنى تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن :
يۇقۇرقى مال-مۈلكۈم نەق پۇلغا ئايلاندۇرۇلسۇن ، ئاندىن بىخەتەر ، ئىشەنىچلىك جايلارغا مەبلەخ قىلىپ سىلىنسۇن ؛ مۇشۇ مەبلەخ بىلەن بىر فوندى جەمىيەت قۇرۇلسۇن ، فوندتىن كىلىپ چىققان ئۆسۈم بىلەن ھەر يىلى ئالدىنقى بىر يىلدا ئىنسانىيەت ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان ئادەملەر مۇكاپاتلانسۇن ، مەزكۇر ئۆسۈم بەش ئۈلۈشكە ئايرىلسۇن ، تەقسىملىنىشى مۇنداق بولسۇن ؛
بىر ئۈلىشى فىزىكا ساھەسىدە زور بايقاش ئىلىپ بارغان ياكى زور كەشپىيات قازانغانلارغا بىرىلسۇن ؛
بىر ئۈلىشى خىمىيە ئىلمىدا زور بايقاش ئىلىپ بارغان ياكى يىڭىلىق ياراتقانلارغا بىرىلسۇن ؛
بىر ئۈلىشى فىزئىلوگىيە ياكى مىدىتسىنا ساھەسىدە زور بايقاش ئىلىپ بارغۇچىلارغا بىرىلسۇن ؛
بىر ئۈلىشى ئەدەبىيات ساھەسىدە غايىۋىلىككە ياتىدىغان نادىر ئەسەرلەرنى ئىجات قىلغۇچىلارغا بىرىلسۇن ؛
ئەڭ ئاخىرقى بىر ئۈلىشى مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى ۋە دوسلۇقنى ئىلگىرى سۈرگەن ، مۇتىزىم قوشۇنىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ياكى بىكار قىلغان ، شۇنىڭدەك تىنچلىق يىغىنىنىڭ تەشكىلاتلىرى ۋە تەشۋىقاتلىرىغا ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ياكى زور تۆھپە قوشقان كىشىلەرگە بىرىلسۇن .
فىزىكا مۇكاپاتى بىلەن خىمىيە مۇكاپاتىنى ستوكخولم شىۋېتسىيە خانجەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيىسى تارقاتسۇن ؛ مىدىتسىنابىلەن فىزئىلوگىيە مۇكاپاتىنى ستوكخولم كارولىن تىببى ئىنىستىتۇتى تارقاتسۇن ؛ ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ستوكخولم ئەدەبىيات ئاكادېمىيىسى تارقاتسۇن ؛ تىنىچلىق مۇكاپاتىنى نورۋىگىيە پارلامېنت سايلىمىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن بەش كىشلىك كومىتېت تارقاتسۇن .
مۇكاپاتقا ئىرىشىشكە تىگىشلىك نامزاتلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە قارىتا ئارتۇقچە ئويلىنىپ يۈرۈشكە بولمايدۇ . بۇ دىگەنلىك مەيلى ئۇ ئەر ياكى ئايال بولسۇن ، مەيلى سىكاندىناۋىيەلىك بولسۇن ، كىمنىڭ شارائىتى توشسا شۇ مۇكاپاتلانسا بولىدۇ ، دىگەنلىكتۇر . مەن يەنە شۇنى جاكارلايمەنكى مۇشۇنداق مۇكاپات تارقىتىش مىنىڭ زور ئارزۇيىمدۇر .....
بۇ مىنىڭ بىردىنبىر ئىناۋەتلىك ۋەسىيەتنامەم . مەن ئۆلگەندىن كىيىن ، مال – مۈلكىمنى بىر تەرەپ قىلىشغا دائىر ئىلگىرىكى ھەر قانداق بىر ۋەسىيەتنامە بايقالسا بىردەك ئىناۋەتسىز .
收藏到:Del.icio.us


ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.