• ئۇيغۇرلاردا ئىسىم قويۇش ئۇسۇللىرى - [تارىخ ۋە مەدەنىيەت]

    2010-12-26

    ئۇيغۇرلاردائىسىم قويۇش بىرقانچە باسقۇچنى باشتىن كەچۈرگەن .بۇنى مۇنداق ئۈچ دەۋرگە بۆلۈپ چۈشەندۈرۈش مۈمكىن :
    1)ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى كىشى ئىسىملىرى .
    2)ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى كىشى ئىسىملىرى .
    3)ئازاتلىقتىن كېيىنىكى كىشى ئىسىملىرى .

    ئۇيغۇر خەلقى ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلماستىن بۇرۇن ،ئاساسەن ئۇيغۇرچە سۆز بىلەن ئىسىم قويۇشقا ئادەتلەنگەن .مەسىلەن بايتەمىر ،ئىلتەمىر ،بەگ بۇقا ، قارا بۇقا ،قارا باخشى ،...دېگەندەك ئىسىملارغا ئوخشاش .بۇنىڭدىن باشقا ،ھەرقايسى رايونلاردا ياشىغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىگە شەھەر ،يەر ناملىرىنى ئىسىم قىلىپ قويۇش بىرئەنئەنە ئىدى .چىڭگىزخاننىڭ مۇھىم مەسلىھەتچىلىرىدىن بىرى بولغان قارىياغاچ بۇيرۇقنىڭ << قارىياغاچ>>دېگەن يەرنىڭ نامىنى ئۆزىگە ئىسىم قىلىپ قويىشى ،شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئىدىقۇتى بارچۇق ئارت تېكىن (بارچۇق ھازىرقى مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ قەدىمكى نامى )نىڭ بارچۇقنى ئۆزىگە ئىسىم قىلىپ قويىشى بۇنى ئىسپاتلايدۇ .

    ئۇيغۇر خەلقى ئىسلام دىنىنى قوبول قىلغاندىن كېيىن،ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىملىرىغىمۇ تەسىركۆرسەتتى شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىملىرىدا ئەرەبچە ۋە پارىسچە سۆز بىلەن قويۇلغان ئىسىملار كۆپىيىشكە باشلىدى .مەسىلەن :ئابدۇللا (ئاللانىڭ قۇلى )،ھەبىبۇللا (ئاللانىڭ دوستى )،سەيپۇللا (ئاللانىڭ قىلىچى )،مۇتىئۇللا (ئاللانىڭ ئىتائەتچان قۇلى )،رەھمىتۇللا (ئاللانىڭ رەھمىتى ) دېگەن ئىسىملارغا ئوخشاش .

    ئىسلام دىنىغا بولغان ئېتقاد - ئىشەنچ كۈچەيگەن ۋە چوڭقۇرلاشقانسىرى ،بۇرۇنقى ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەر بىلەن قويۇلغان ئىسىملارنىڭ ئورنىنى ئەرەبچەسۆز بىلەن قويۇلغان ئىسىملار ئىگىلەشكە باشلىدى .ھەربىر مۇسۇلمان ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ ئاللاغا ،مالائىكىلەرگە ،پەيغەمبەرلەرگە ،چاھاريالارغا ،ئانىلارغا بولغان سېغىنىشىنى ئىزھار قىلىش ئۈچۈن ،ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئۆزلىرىگە ئىسىم قىلىپ قويۇشقا باشلىدى .مەسىلەن :

    1)ئاللانىڭ سۈپەتلىرىنى ئىسىم قىلىپ قويۇش بىرقەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ .مەسىلەن ،خالىق (مەخلۇقاتنى ياراتقۇچى )،قادىر (ھەممىگە كۈچى يەتكۈچى )،غۇپۇر (ئەپۇ قىلغۇچى ) دېگەن ئىسىملارغا ئوخشاش .

    2)مالائىكىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئىسىم قىلىپ قويۇشمۇ ئادەتكە ئايلانغان .مەسىلەن ،ئىسراپىل ،مىكائىل ...دېگەنلەردەك .

    3)پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىسمىنى ئىسىم قىلىپ قويۇش ،مەسىلەن ،داۋۇت ،مۇسا ،ئەيسا ،مۇھەممەت ،ئىسھاق ،ئىبراھىم ،ئىسمايىل ،ياقۇپ ،يۈسۈپ ،....دېگەندەك ئىسىملارغا ئوخشاش .

    4)چاھاريالارنىڭ ئىسمىنى ئىسىم قىلىپ قويۇش .مەسىلەن ،ئابابەكىر ،ئۆمەر ،ئوسمان ،ئەلى دېگەن ئىسىملارغا ئوخشاش .

    5) مۇقەددەس ئانىلارنىڭ ئىسمىنى ئىسىم قىلىپ قويۇش .مەسىلەن ،ھاۋا ،مەريەم ،سارە ،ئايىشە ،خەدىچە ،پاتىمە ،ھەجەر ....دېگەندەك .

    بۇنىڭدىن باشقا ئىسلام دىنىغا ئائىت سۆزلەرنى ئىسىم قىلىپ قويغۇچىلارمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ ، مەسىلەن ،ئىسلام ،ئىمام ،رەسۇل ،ئىمان ،جەننەت ...دېگەندەك.يەنە ئىسلام دۇنياسىدىكى يەرلەرنىڭ نامىنى ئۆزىگە ئىسىم قىلىپ قويغۇچىلارمۇ بولغان .مەسىلەن ،مەدىنە ،قۇددۇس دېگەنلەردەك .

    لېكىن ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئۇيغۇرچەسۆز بىلەن ئىسىم قويۇش ئادىتى پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالغان ئەمەس ، مەسىلەن ، كېپەك ، سۈپۈرگە ، كەكە ، پالتا ، چورۇق ، يانتاق ، توقا ، سامساق ، قوزا ،تايلاق ، بوسۇق ، چاۋار ،بۇلاق ،مايسا ،ئالما ،ئاي ،ئالتۇن ،چولپان ،يۇلتۇز ،تۇرسۇن ،توختى ،ئارسىلان ...دېگەندەك ئىسىملارغا ئوخشاش .

    ئازاتلىقتىن كېيىن ئەرەبچە سۆزلەر ئىچىدىن مەنىسى ياخشى ،دىنىي تۈس ئالمىغان ئادالەت ،ئادىل ،پازىل ،ئالىم ،ئارىپ ،ئازاد،خېلىل ،جېلىل ،مەھمۇت،مەخسۇت ،پەزىلەت ،سائادەت ،زۆھرە ....دېگەندەك ئىسىملارنى قويۇشتىن تاشقىرى ،يەنە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆزىگەخاس سۆز ياساش ئۇسۇلى بىلەن دەۋرگە لايىق ،دەۋرنىڭ خاراكتىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ئىسىملارنى قويۇش ئۇمۇملىشىشقا باشلىدى .مەسىلەن،ئەركىن ،ئۆتكۈر ،قۇتلۇق ،تۇرغۇن ،تۇيغۇن ،ئۆركەش ،يالقۇن ،يولداش ...دېگەندەك ئىسىملارغا ئوخشاش .

    ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم قويۇش ئادىتىدەئۇلار ئۆز تارىخىدا ئېتقاد قىلغان دىنى ئەقىدىلەرنىڭ تەسىرى ئەكىس ئەتكەن .مەسىلەن ،بەزى پەرزەنت كۆرمىگەن ،كۆرگەن بولسىمۇ بالىسى تۇرمىغانلار بىرلا پەرزەنت كۆرگەن بولسا ،بالىنىڭ تۇرۇپ قېلىشى ئۈچۈن ،ئاللاغا يالۋۇرۇپ ،بالىغا  (يالۋۇرۇش دېگەن مەنىدە )دەپ ئىسىم قويۇپ ،بېشىغا چاچ قويۇپ قۇياتتى .

    بالىسى تۇرمىغانلار بىر پەرزەنت كۆرۈپ قالسا ،بالىنى باشقا بىرى (ئاساسەن تۇغقانلىرى )گەبېرىۋىتەتتى .بىر مۇددەتتىن كېيىن ئۇ بالىنى ئۆزى يىنىغا ئەكىلىۋىلىپ،بالىسىغا << سېتىۋالدى>> ياكى << تىلىۋالدى>> دىگەندەك ئىسىمنى قوياتتى .  سېتىۋالغۇچى نىڭ قول -ئىلكىدە بولسا ئالاھىدە خوشاللىق مەرىكىسى ئۆتكۈزۈپ بېرەتتى . بالا يۈزى كۆرمەي كېيىن پەرزەنت كۆرگەنلەربالىنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولىشىنى ئۈمىد قىلىپ ، ئۆزبالىلىرىغا تۇرسۇن ، پولات ، تۆمۈر ، توختى ، تۇردى ، تاشپولات ، تاشتۆمۈر ....دېگەندەك ئىسىملارنى قوياتتى . شۇنداقلا ئۇزاق مەزگىل پەرزەنت كۆرمىگەنلەر تاساددىبى پەرزەنت كۆرۈپ قالغان بولسا ، خوشاللىقىدا ئاللا بەردى ، خۇدا بەردى ، ئىگەمبەردى  ...دېگەندەك ئىسىملارنى قويۇشقان .ئۇنىڭدىن باشقائۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈركۆرىشىنى ئۈمىد قىلىپ ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئادەملەرنىڭ ئىسمىنى قويىدىغان ئادەتلەرمۇ بولغان .


    收藏到:Del.icio.us




    无觅相关文章插件
  • ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.