• ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تەقلىد سۆزلەرنىڭ پېئىللارغا ئايلىنىش يوللىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى - [تارىخ ۋە مەدەنىيەت]

    2010-12-26

     

    ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تەقلىد سۆزلەرنىڭ پېئىللارغا ئايلىنىش يوللىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى

    گۇلنار ئەزىز

    维吾尔语摹拟词转化为动词的途径及其特点
    贺燕 新疆大学人文学院 830046

    قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تەقلىد سۆزلەردىن پېئىللارنىڭ ياسىلىش يوللىرى تونۇشتۇرۇلۇپ، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى» (قىسقارتىلمىسى)غا كىرگۈزۈلگەن تەقلىد سۆزلەردىن ياسالغان پېئىللار تۈرگە ئايرىلىپ سىتاستىكا قىلىنىدۇ.
    ئاچقۇچلۇق سۆز: تەقلىد سۆز، ئارقا قوشۇمچە، پېئىل
    摘 要:本文介绍现代维吾尔语中摹拟词运用派生法构成动词的途径,并且对《维吾尔详解词典》中出现的由摹拟词构成的动词形式进行了分类统计。关键词: 摹拟词、 后缀、 动词

    Abstract:The paper mostly introduces the approaches how can onomatopoeia in mordern Uyghur language derive its verbs, becides sorting and stating the verb forms appeared in Uyghur language expatiatory dictionary. Key words: onomatopoeia suffix verb

    بىرىنچى مۇقەددىمە

    ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا تەقلىد سۆزلەر مۇستەقىل سۆزلەرگە تەۋە بولۇپ، ئۇ ئىش – ھەرىكەت ياكى شەيئىلەرنىڭ ئاۋازلىرىغا، ھەرخىل ھالەت ۋە قىياپەتلەرگە شۇنىڭدەك بەدەن ئەزالىرىنىڭ سەزگۈلىرىگە تەقلىد قىلىنغان سۆزلەرنى كۆرسىتىدۇ.

    مەسىلەن:

    1. شامال گۈر – گۈر چىقىپ تۇراتتى.
    2. ئۇنىڭ كۆزى پال – پال قىلىپ تۇراتتى.
    3. ماۋۇ يېرىم لوق – لوق قىلىپ ئاغرىيدۇ.

    «ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى»

    تەقلىد سۆزلەر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى لىكسىكىسىدا خېلى زور سالماقنى ئىگەللىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ سۆز ياساش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ھەمدە جانلىق ئىشلىتىلىدۇ. مەيلى جانلىق تىلدا بولسۇن، ياكى ئەدەبى ئەسەرلەردە بولسۇن، تەقلىدىي سۆزلەر تىلىنى جانلىق، ئوبرازلىق تۈسكە كىرگۈزۈپ، كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا جانلىق ئوبرازلارنى نامايەن قىلىدۇ.
    مەسىلەن:
    1. باغدىن غارت – غارت ھەرە ئاۋازى تاڭ – تۇڭ پالتا ئاۋازى كېلىشكە باشلىغاندا...
    2. قىز بېشىنى دادىسىنىڭ كەڭ كۆكرىكىگە قويدى. ئۇ دادىسىنىڭ دۈپ – دۈپ قىلىپ سالماق بىلەن ئۇرۇۋاتقان يۈرىكىدىن چوڭ ئىشەنچ ساداسىنى ئاڭلىماقتا ئىدى.

    «ئاۋرال شاماللىرى»

    يۇقارقى مىساللاردىن تەقلىدىي سۆزلەرنىڭ ئوبرازلىق، رېتىمى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز.
    ئىككىنچى . تەقلىدىي سۆزلەردىن پېئىللارنىڭ ياسىلىش يوللىرى.

    سۆز ياساش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇش ئۇيغۇرتىلى لېكسىكىسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بېرى. بۇ خىل ئالاھىدىلىك خېلى كۆپ سۆز تۈركۈملىرىدە كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن: كۆپىنچە ئىسىملار «-لىق» ياكى «- لىك» قوشۇمچىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن سۈپەتلەرگە ئايلىنىدۇ. نۇرغۇنلىغان پېئىللار قوشۇمچىلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئىسىمغا ئۆزگۈرىدۇ. تەقلىد سۆزلەرنىڭ سۆز ياساش ئىقتىدارىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، ھەرخىل ئارقا قوشۇمچىلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئىسىم، سۈپەت، رەۋىش، پېئىل قاتارلىق سۆز تۈركۈملىرىنى ھاسىل قىلالايدۇ.
    بۇ ماقالىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى تەقلىد سۆزلەرگە سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلانىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق پېئىللارنى ياساشنىڭ بىر قانچە خىل يولىنى تونۇشتۇرىمىز. بۇنىڭ ئۇيغۇرتىلىنى ئىككىنچى خىل تىل سۈپىتىدە ئۆگەنگۈچىلەرگە ئازراق ياردەم ۋە تۈرتكە بولغۇسى.

    بىز «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى» (قىسقارتىلمىسى» نى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىپ، جەمئىي 300دىن ئارتۇق تەقلىد سۆزنى رەتلەپ چىقتۇق ھەمدە بۇ سۆزلەرنى تۈرگە ئايرىپ، تەھلىل يۈرگۈزگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا قوشۇلغان سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تەقلىد سۆزلەردىن ياسالغان پېئىل شەكىللىرىنى تۆۋەندىكى ئالتە تۈرگە بۆلدۇق.

    1. تەقلىد سۆزلەرگە سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە «-لا» ياكى «-لە» نىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق ياسالغان پېئىللار. بۇ تۈرگە تەۋە سۆزلەر كۆپىنچە ئىككى بوغۇملۇق تەقلىدىي سۆزلەردۇر. بۇ خىل ئۇسۇلدا ياسالغان پېئىللارنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، تۆۋەندىكى مىسالدىكى 76 سۆز ئەنە شۇنداق ئىككى بوغۇملۇق تەقلىدىي سۆزلەرگە «-لا» قوشۇمچىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ياسالغان. ئىككى بوغۇملۇق تەقلىد سۆزلەرگە «-لە» قوشۇمچىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ياسالغان پېئىللار پەقەتلا تۆت سۆز. بۇ ئىككى بۇغۇملۇق تەقلىد سۆزلەر ئىچىدە ئىككىنچى بۇغۇمىدىكى سۇزۇق تاۋۇش ئارقا سوزۇق تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن تەقلىد سۆزلەرنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
    مەسىلەن:

    بولدۇق +لا بۇلدۇقلىماق بۇلۇق +لا بۇلۇقلىماق
    پاراس +لا پاراسلىماق پاراق +لا پاراقلىماق
    پارت +لا پارتلىماق پالاس +لا پالاسلىماق
    پالاق +لا پالاقلىماق پايپاس +لا پايپاسلىماق
    پۇرۇق +لا پۇرۇقلىماق پۇسۇر +لا پۇسۇرلىماق
    پولتۇق +لا پولتۇقلىماق پولتۇڭ +لا پولتۇڭلىماق
    پوسۇر +لا پوسۇرلىماق پۇلاڭ +لا پۇلاڭلىماق
    پىتىر +لا پىتىرلىماق پىتىق +لا پىتىقلىماق
    پىلتىڭ +لا پىلتىڭلىما ق پىچىر +لا پىچىرلىماق
    پىلدىر +لا پىلدىرلىماق تاراق +لا تاراقلىماق

    تاراس +لا تاراسلىماق
    تاراڭ +لا تاراڭلىماق
    تاق +لا تاقلىماق تاقىر +لا تاقىرلىماق
    تاكاس +لا تاكاسلىماق تۇپۇر +لا تۇپۇرلىماق
    تۇرۇك +لا تۇرۇكلىماق تورۇڭ +لا تورۇڭلىماق
    توكۇر +لا توكۇرلىماق توكۇس +لا توكۇسلىماق
    بولدۇق +لا بۇلدۇقلىماق بۇلۇق +لا بۇلۇقلىماق
    توڭ +لا توڭلىماق تىپىر +لا تىپىرلىماق
    تىرىق +لا تىرىقلىماق تىرىڭ +لا تىرىڭلىماق
    جاراق +لا جاراقلىماق جاراڭ +لا جاراڭلىماق
    جاڭگىر +لا جاڭگىرلىماق جالاق +لا جالاقلىماق
    جالداق +لا جالداقلىماق جالدىر +لا جالدىرلىماق
    جىلدىر +لا جىلدىرلىماق جىمىر +لا جىمىرلىماق

    چاراس +لا چاراسلىماق چولتوك +لا چولتوكلىماق
    چۇرۇق +لا چۇرۇقلىماق چۇۋۇر +لا چۇۋۇرلىماق
    چىرىق +لا چىرىقلىماق خولۇپ +لا خولۇپلىماق
    داراڭ +لا داراڭلىماق دىرىڭ +لا دىرىڭلىماق
    دىڭگىر +لا دىڭگىرلىماق شاراق +لا شاراقلىماق
    شالاق +لا شالاقلىماق شالدىر +لا شالدىرلىماق
    شىپىر +لا شىپىرلىماق شىتىر +لا شىتىرلىماق
    شىلدىر +لا شىلدىرلىماق شىلىق +لا شىلىقلىماق
    شىۋىر +لا شىۋىرلىماق غاچىر +لا غاچىرلىماق
    غالداڭ +لا غالداڭلىماق غولدۇر +لا غولدۇرلىماق
    غىچىر +لا غىچىرلىماق غىلدىر +لا غىلدىرلىماق
    قاراس +لا قاراسلىماق قاقاق +لا قاقاقلىماق
    كاراس +لا كاراسلىماق كۇسۇر +لا كۇسۇرلىماق
    كىتىر +لا كىتىرلىماق گۇدۇڭ +لا گۇدۇڭلىماق
    گۇمباڭ +لا گۇمباڭلىماق گىچىر +لا گىچىرلىماق
    لىغىر +لا لىغىرلىماق ۋاراس +لا ۋاراسلىماق
    ۋاراق +لا ۋاراقلىماق ۋىچىر +لا ۋىچىرلىماق
    ۋىلىق +لا ۋىلىقلىماق
    دۈكۈر +لە دۈكۈرلىمەك گۈپۈر +لە گۈپۈرلىمەك
    لىڭگىر +لە لىڭگىرلىمەك

    تەقلىد سۆزلەرنىڭ كەينىگە ئۇلدا / ئۈلدە/ ئىلدا / ئىلدە قوشۇمچىلىرى قوشۇلۇپ پېئىل ياسىلىدۇ. بۇ خىلدىكى سۆزلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئاخىرىقى بوغۇمى ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن ئاخىرلاشقان بىر بۇغۇملۇق سۆزلەر بولىدۇ.

    بوڭ + ئۇلدا بوڭۇلدىماق بۇزھ + ئۇلدا بۇزھۇلدىماق
    پوك + ئۇلدا پوكۇلدىماق پۇڭ + ئۇلدا پۇڭۇلدىماق
    پۇر + ئۇلدا پۇرۇلدىماق پۇس + ئۇلدا پۇسۇلدىماق
    پۇش + ئۇلدا پۇشۇلدىماق جۇغ + ئۇلدا جۇغۇلدىماق
    چوك + ئۇلدا چوكۇلدىماق چۇك + ئۇلدا چۇكۇلدىماق
    چۇڭ + ئۇلدا چۇڭۇلدىماق خور + ئۇلدا خورۇلدىماق
    دوق + ئۇلدا دوقۇلدىماق سوك + ئۇلدا سوكۇلدىماق
    شۇۋ + ئۇلدا شۇۋۇلدىماق غور + ئۇلدا غورۇلدىماق
    غۇرت + ئۇلدا غۇرتۇلدىماق غۇزھ + ئۇلدا غۇزھۇلدىماق
    غۇي + ئۇلدا غۇيۇلدىماق كور + ئۇلدا كورۇلدىماق
    لوك + ئۇلدا لوكۇلدىماق لوق + ئۇلدا لوقۇلدىماق
    موس + ئىلدا موسۇلدىماق

    پازھ + ئىلدا پازھىلدىماق پاق + ئىلدا پاقىلدىماق
    پاڭ + ئىلدا پاڭىلدىماق پىخ + ئىلدا پىخىلدىماق
    پىر + ئىلدا پىرىلدىماق پىزھ + ئىلدا پىزھىلدىماق
    تارت + ئىلدا تارتىلدىماق تارس + ئىلدا تارسىلدىماق
    تىرىس+ ئىلدا تىرىسلدىماق جارت + ئىلدا جارتىلدىماق
    جاغ + ئىلدا جاغىلدىماق جاق + ئىلدا جاقىلدىماق
    جاڭ + ئىلدا جاڭىلدىماق جىغ + ئىلدا جىغىلدىماق
    پارس+ ئىلدا پارسىلدىماق چاك + ئىلدا چاكىلدىماق
    چىك + ئىلدا چىكىلدىماق تارت + ئىلدا تارتىلدىماق
    داڭ + ئىلدا داڭىلدىماق

    دوڭ + ئىلدا دوڭىلدىماق دىر + ئىلدا دىرىلدىماق
    دىڭ + ئىلدا دىڭىلدىماق زىڭ + ئىلدا زىڭىلدىماق
    سىم + ئىلدا سىمىلدىماق شاپ + ئىلدا شاپىلدىماق
    شارت + ئىلدا شارتىلدىماق شاق + ئىلدا شاقىلدىماق
    شىپ + ئىلدا شىپىلدىماق شىڭ + ئىلدا شىڭىلدىماق
    غاچ + ئىلدا غاچىلدىماق غارت + ئىلدا غارتىلدىماق
    غارس + ئىلدا غارسىلدىماق غازھ + ئىلدا غازھىلدىماق
    غاس + ئىلدا غاسىلدىماق تاق + ئىلدا تاقىلدىماق
    غىپ + ئىلدا غىپىلدىماق غىچ + ئىلدا غىچىلدىماق
    غىر + ئىلدا غىرىلدىماق غىرت + ئىلدا غىرتىلدىماق
    غىرىس + ئىلدا غىرىسلدىماق غىزھ + ئىلدا غىزھىلدىماق
    غىق + ئىلدا غىقىلدىماق قارس + ئىلدا قارسىلدىماق

    قاس + ئىلدا قاسىلدىماق قاق + ئىلدا قاقىلدىماق
    قىرىس + ئىلدا قىرسىلدىماق كارت + ئىلدا كارتىلدىماق
    كازھ + ئىلدا كازھىلدىماق كاس + ئىلدا كاسىلدىماق
    كاڭ + ئىلدا كاڭىلدىماق كىرت + ئىلدا كىرتىلدىماق
    كىزھ + ئىلدا كىزھىلدىماق گاچ + ئىلدا گاچىلدىماق
    گازھ + ئىلدا گازھىلدىماق گىچ + ئىلدا گىچىلدىماق
    گىرت + ئىلدا گىرتىلدىماق گىزھ + ئىلدا گىزھىلدىماق
    گىڭ + ئىلدا گىڭىلدىماق لاغ + ئىلدا لاغىلدىماق
    لاق + ئىلدا لاقىلدىماق لوڭ + ئىلدا لوڭىلدىماق
    لىغ + ئىلدا لىغىلدىماق ماچ + ئىلدا ماچىلدىماق

    مارت + ئىلدا مارتىلدىماق مىچ + ئىلدا مىچىلدىماق
    مىزھ + ئىلدا مىزھىلدىماق مىخ + ئىلدا مىخىلدىماق
    ۋراس + ئىلدا ۋراسىلدىماق ۋازھ + ئىلدا ۋازھىلدىماق
    ۋاس + ئىلدا ۋاسىلدىماق ۋاش + ئىلدا ۋاشىلدىماق
    ۋاق + ئىلدا ۋاقىلدىماق ۋىزھ + ئىلدا ۋىزھىلدىماق
    ۋىش + ئىلدا ۋىشىلدىماق ۋىق + ئىلدا ۋىقىلدىماق
    ۋىڭ + ئىلدا ۋىڭىلدىماق دۈپ + ئۈلدە دۈپۈلدىمەك
    دۈت + ئۈلدە دۈتۈلدىمەك دۈر + ئۈلدە دۈرۈلدىمەك
    دۈك + ئۈلدە دۈكۈلدىمەك گۈپ + ئۈلدە گۈپۈلدىمەك
    دىك + ئىلدە دىكىلدىمەك

    يۇقارقى كۆپلىگەن مىساللاردىن بىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان بىر بوغۇملۇق تەقلىد سۆزلەر ئاز ئەمەسلىكىنى، ھەتتا بۇ بۇغۇمنى ھاسىل قىلغۇچى سوزۇق تاۋۇش بولسا كۆپىنچىسى ئارقا سوزۇق تاۋۇش ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.

    (3) تەقلىد سۆزلەرگە سۆز ئارقا قوشۇمچىسى را // رە نىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق پېئىل ياسىلىدۇ. بۇ خىل تەقلىد سۆزلەر دائىم سوزۇق تاۋۇش بىلەن ياكى ئۈزۈك تاۋۇش / ڭ / بىلەن ئاخىرىلىشىدۇ. ھەمدە جانلىق نەرسىلەرنىڭ چىقارغان ئاۋازىغا تەقلىد قىلىنغان سۆزلەر بولىدۇ.

    گۇڭ + را گۇڭرىماق ھاڭ + را ھاڭرىماق
    ھۆڭ + رە ھۆڭرىمەك مە + رە مەرىمەك
    مۆ + رە مۆرىمەك

    (4) تەقلىد سۆزلەرگە سۆز ئارقا قوشۇمچىسى // شى // نىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق پېئىل ياسىلىدۇ.
    بۇ خىلدىكى تەقلىد سۆزلەر ئاساسەن ئۈزۈك تاۋۇش //ڭ// ، //م//، ياكى //ۋ// بىلەن ئاخىرلاشقان بىر بوغۇملۇق سۆزلەردۇر.

    داقاڭ + شى داقاڭسىماق
    غوڭ + شى غوڭشىماق
    ھاۋ + شى ھاۋشىماق

    (5) تەقلىد سۆزلەرگە سۆز ئارقا قوشۇمچىسى // كىرە// ، //قىرا// نىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق پېئىل ياسىلىدۇ.
    بۇ خىلدىكى تەقلىد سۆزلەر ئاساسەن ئۈزۈك تاۋۇش // ر// بىلەن ئاخىرىلاشقان بىر بوغۇملۇق سۆزلەردۇر.

    چۇر + قىرا چۇرقىرىماق چىر + قىرا چىرقىرىماق
    خار + قىرا خارقىرىماق خىر + قىرا خىرقىرىماق
    شار + قىرا شارقىرىماق شۇر + قىرا شۇرقىرىماق
    غار + قىرا غارقىرىماق غۇر + قىرا غۇرقىرىماق
    كار + كىرە كاركىرىماق كۇر + كىرە كۇركىرىمەك

    (6) بۇ تۈردىكى سۆزلەر ناھايىتى ئالاھىدە بولۇپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسدا، ناھايىتى ئاز بىر قىسىم تەقلىد سۆزلەر ئىككى خىل قوشۇمچە قوشۇش ئارقىلىق پېئىلنىڭ ئىككى خىل شەكلىنى ياسايدۇ.

    شالاپ + شى شالاپشىماق شالاپ + لا شالاپلىماق
    شىر + قىرا شىرقىرىماق شىر + ئىلدا شىرىلدىماق
    گۈر + ئۈلدە گۈرۈلدىمەك گۈر + كىرە گۈركىرىمەك
    غىڭ + ئىلدا غىڭىلدىماق غىڭ + شى غىڭشىماق
    لۆم + شى لۆمشىمەك لۆم + ئۈلدە لۆمۈلدىمەك
    لىڭ + شى لىڭشىماق لىڭ + ئىلدا لىڭىلدىماق
    ۋاڭ + شى ۋاڭشىماق ۋاڭ + ئىلدا ۋاڭڭىلدىماق

    خۇلاسە:

    ئۇيغۇر تىلىدىكى تەقلىد سۆزلەرنىڭ سانى كۆپ ، ئوبرازلىق، جانلىق لېكىن بىزنىڭ ئۇنى تەتقىق قىلىشىمىز تېخى يېتەرلىك ئەمەس. نۆۋەتتە، كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار تەقلىد سۆزلەرنىڭ گرامماتىكىلىق ئالاھدىلىكى ۋە سۆز ياساش ئالاھىدىلىكىنىڭ مەلۇم بىر قىسىملىرىنى تەتقىق قىلدى. لېكىن تېخى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىنغىنى يوق. بۇ ماقالىدە تەقلىد سۆزنىڭ قۇرۇلمىسى ھەمدە ئۇنىڭ پىئىل ياساش شەكلىنىڭ جەريانلىرىنى تۈرگە ئايرىپ، سىتاستىكا قىلىنىپ، مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى تەقلىد سۆزلەرگە بولغان چۈشۈنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قىزىقىشىنى قوزغاش ھەمدە تېخىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆگۈنۈش ۋە تەتقىق قىلىش ئاساسىي مەقسەت قىلىندى.

    ئىزاھات:

    (1) يى كۈنشىيۇ، گاۋ شىجىي « ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى» مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1998- يىل
    (2) م ئابباس «ئۇيغۇر تىلىدىكى تەقلىد سۆزلەر توغرىسىدا » ( «تىل ۋە تەرجىمە» 1987 – يىل 3- سان ، 50 – بەت.
    (4) ھەممە مىساللار «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى» دىن ئېلىندى.
    پايدىلانغان ماتىرىياللار:
    (1) يى كۈنشىيۇ، گاۋ شىجىي «ئۇيغۇر تىلىنىڭ گرامماتىكىسى» مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1998- يىل.
    (2) لىياۋ زېيۈ ، ماجۈنمىن «ئۇيغۇرچە – خەنزۇچە لوغەت» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000- يىل
    (3) ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى ( قىسقارتىلمىسى) شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 1999- يىل. 

     
    بۇ ماقالە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى ئىلمي ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.


    收藏到:Del.icio.us




    无觅相关文章插件
  • ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.

      评论

    • بارخان ئەپەندى بلوگىڭىزنى رەسىملىك ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇم سىزمۇ ھەمhttp://filer.blogbus.com/4822854/resource_4822854_1289105525n.gif
      بارخان回复بايلىق说:
      رەسىملىك ئۇلىنىشقا ئۆزگەرتىپ قويغىڭىزغا رەھمەت.بىلوگىڭىز ئەسلىدىنلا رەسىملىك ئۇلىنىش ھالىتىدە ئىدى،دىگىنىڭىز بويىچە تۇغ ئادىرسىنى ئۆزگەرتىپ قويدۇم.
      2011-01-01 01:27:14