• قېنى ئۇ ئوغۇز روھى سىڭگەن ئۇيغۇر يىگىتى - [ئەدەبىيات-سەنئەت]

    2010-12-20

    ئۇيغۇر ئانا
    تۇغدى ئۇيغۇر ئوغۇل.
    ئوغۇز سۈتىدە
    ئوغۇز روھى سىڭدۈرۈپ.
    چوڭ قىلىدۇ ئۇنى
    جەسۇرلۇقتا گويا
    ئاتىللادەك،
    ئاپراسىياپتەك.
    تۇنۇتىدۇ ئۇيغۇرلىقىنى،
    تۇنۇتىدۇ غەيۇرلىقىنى،
    جەڭگە چىقسا قالقان نەھاجەت
    بۇيۇك ھونلانىڭ ئەۋلادلىقىنى.
    ئوغۇل
    چوڭ بولىدۇ ئالدىراش،
    چىپىپ كەينىدىن
    مۇھەببەتنىڭ،
    خىزمەتنىڭ
    يەنە نۇرغۇن نىمەتنىڭ.
    بىلمەيدۇ كىملىكىنى
    ئۇنتۇغان ھەتتا قەۋمىنى.

    چۈش كۆرىدۇ ئانا
    بەربات بولغان ئارزۇسى
    قېنى ئۇ
    ئوغۇز روھى سىڭگەن ئۇيغۇر يىگىتى
    ئاتىللادەك
    ........
    ئوغۇل
    چوڭ بولىدۇ بىركۈنى.
    بۈگۈن ،
    يا ئەتە،
    ......؟

     


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    无觅相关文章插件
  • ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.

      评论

    • مەسلىكەن. مەن نۇرغۇن خەنزۇچە ... ئەسلى ئۇسلۇبقا ھىچقانداق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارمىغان بلوگلاردا بۇ ئەھۋالنى بايقىدىم.
    • ياندىكى ئېلاننىڭ IE ياكى بەزى توركۆرگۈچلەردە قالايمىقان چىقىۋېلىشى، ئۇيغۇرچىلاشتۇرغاندىكى مەسلە ئەمەس. بۇ بلوگباسنىڭ ئەسلى كودىدىكى مەسلە