• ياشلىق--- ھايات مۇساپىڭىزدىكى بىر مەزگىل ئەمەس، بەدىنىڭىزنىڭ قىرانلىقى ۋە مەڭزىڭىزنىڭ قىزىللىقىمۇ ئەمەس. بۇ قەلبىڭىزدىكى بىر خىل ھالەت، كاللىڭىزدىكى بىر ئۇقۇم، ئەقلى تەپەككۇرىڭىزدىكى ئىجادىڭىزنىڭ يۇشۇرۇن كۈچى، ھېسسي پائاليىتىڭىزدىكى بىر خىل جۇشقۇنلۇق، ھايات باھارىڭىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى بىر خىل خۇش ھىدلىق ھاۋا.

    ياشلىق شېرىن رومانتىك مۇھەببەتتىن ئۆز رازلىقى بىلەن ۋاز كىچىپ، تۇرمۇش قايناملىرىدا ئۈزۈشتىن دىرەك بىرىدۇ. قورۇنۇش، قورقوش ۋە نەپسىمىز ئۈستىدىن غالىب كىلىدىغان يۈرەك ۋە پەزىلەتتىن دىرەك بىرىدۇ. ھالبۇكى 60 ياشلىق ئەرلەردە بۇنداق يۈرەك ۋە پەزىلەت 20 ياشلىق يىگىتلەردىن كۆپىرەك بولىدۇ. ھىچكىم ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قېرىپ كەتمەيدۇ، بەلكى غايىنىڭ يوقۇلۇشى بىلەن ئىنسانلاردا قېرىلار مەيدانغا كەلگەندۇر.

    يېللار تېرىڭىزدە قورۇقلار قالدۇرالايدۇكى، قەلىبىڭىزدە تاتۇق قالدۇرالمايدۇ. غەم، قورقۇش، ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچنىڭ كەملىكىلا سىزنى ۋاقتنىڭ چاڭ-توزانلىرى ئارىسىدا مۈكچەيتىدۇ.

    مەيلى 60 ياش ياكى 16 ياش بولسۇن، ھەممە كىشى كەلگۈسىگە ئىنتىلىدۇ، ھەممە كىشى كىشلىك تۇرمۇش رىقابىتىدىكى خوشاللىققا بالىلارچە قەلب بىلەن چەكسىز تەشنادۇر. سىزنىڭمۇ ۋە مىنىڭمۇ قەلىبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ئوخشاشلا بىر رادىئو ئاپپاراتى بار. ئۇ كىشىلەر ئارىسىدىن، بىپايان زاماندىن ۋە ماكاندىن گۈزەللىك، ئۈمىد، خوشاللىق، جەسۇرلۇق ۋە كۈچ قۇۋۋەت ئۇچۇرلىرىنى توختىماي قوبۇل قىلىپ تۇرسىلا، سىز بىلەن مەن مەڭگۈ ياش تۇرىۋىرىمىز.

    ناۋادا بۇ رادىئو ئاپپاراتى كارىدىن چىقسا، سىزنىڭ قەلبىڭىزنى ھىچ ئىش خوش ياقماسلىق ۋە ئۈمىدسىزلىكنىڭ مۇزى قاپلاپ كەتسە، سىز تىخى ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن بولىسىڭىزمۇ قېرىپ كىتىسىز؛ ئەگەر بۇ رادىئو ئاپپاراتى باشتىن-ئاخىر قەلبىڭىزدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرسا، ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئىنتىلىپ تۇرىدىغان ھەربىر رادىئو دولقۇنىنى قوبۇل قىلىپ تۇرسا، ياش پېتى تۇرغان 80 يىشىڭىزدا ئالەمدىن ئۆتۈشىڭىزدىن ئۈمىد بار

    ئاپتۇرى :ۋولمان (ئامىركا)(America)(wolman)


    收藏到:Del.icio.us




    无觅相关文章插件
  • ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.

      评论

    • بۇ ياشلىقتا ھايات ئۆز مەناسىنى تاپالىسا ياخشى .
    • [dAva:0]ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم ، قۇرربان ھىيىتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن !
      بارخان回复تۇرانىم说:
      كەچۈرۈڭ خىزمەت ئالدىرىشى بىلەن ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇرالمىدىم،
      2010-11-29 16:19:29