• ساكلار، توخرىلار تۈركىي مىللەتمۇ؟ - [تارىخ ۋە مەدەنىيەت]

    2011-02-15

    ساكلار ھەقىقەتەن تۇركىي مىللەت ، دولانلار ساكلارنىڭ دولغان قەبىلەسى بىلەن بىر خەلقتۇر. دولانلارنىڭ يەرلىك تۇمىقى ساكلارنىڭ ئىلگىرى كەيگەن تۇمىقى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش، ئەمما ساكلارنىڭ ئازراق ئېگىز، ساكلارنى قەدىمكى نۇرغۇنلاغان ھۆججەتلەردە ساكا دەپ ئاتىغان، ھازىرقى ياركەنتنىڭ خەنزۇچە شاچې (莎车) دەپ ئاتالىشىمۇ دەل شۇنىڭدىن كەلگەن.بۇندىن باشقا تۇركىي مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئىچىدە ساغاي،دەپ ئاتىلىدىغان خەلقلەر ھازىرمۇ بار.شەرقىي شىمالىي سىبېرىيە رايونىدا بىر چوڭ جۇمھۇرىيەت بار. بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ ئىسمى ساخا ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەتى دېيىلىدۇ.پايتەختى--ياقۇتىسكى.بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاھالىسى ساخاياكى ساقا دەپ ئاتىلىدۇ. بۇلارنىڭ يەنە بىر تارمىقى بولۇپ دولغان دەپ ئاتىلىدۇ.بۇلارنىڭ جۇمھۇرىيەتى نېنېتس_دولغانىيە ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەتى دېيىلىدۇ.بۇجۇمھۇرىيەتنىڭ ئاھالىسى ئۇرال تىل سىستېمىسىنىڭ سامويېد تىل گۇرۇپىسىغا تەۋە نېنېتس خەلقى بىلەن ئالتاي تىل سىستېمىسىغا تەۋە تۈركى تىل گۇرۇپىسىدىكى دولغانلارنىڭ بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتىدۇر. دولغانلار نىڭ شىنجاڭدىكى ساقىندىسى دولانلاردۇر.

    ھازىرقى دولان شىۋىسىدە ئەدەبىي تىلىدىكى «موزاي،نوگاي،چۈمۈلە،بىلەي،قىرغاۋۇل..»سۆزلىرى «موزوي، نوگوي، چۈمۆلە، بىلۆي، قىرغوۋل..»دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. ھازىرقى ساخا ۋە دولغان تىلىدا تۇركىي تىلدىكى ئىككىنچى بۇغۇمدا كەلگەن «ئا ، ئە»تاۋۇشلىرى«ئو ، ئۆ»تەلەپپۇز قىلىنىدۇ،ئالىملارنىڭ  تەتقىقاتىچە تەخمىنەن 8-ئەسىرلەردىن باشلاپ ساكلار ئوتتۇرا ئاسىيادىن سىبېرىيەگە كۆچۈشكە باشلاغان(«دۇنيادىكى تىللار» دېگەن كىتاپتا ياقۇت تىلى دېگەن ماۋزۇغا قاراڭ).دېمەك ساخا-دولغان  خەلقى دەل ساكلارنىڭ ئۆزىدۇر. بىر مىللەتنىڭ تارىخ سەھىفسىدە دەھشەتلىك كۈچلەنگەن مەزگىلىمۇ بولىدۇ ھەم ئۇ مىللەت بىر زامانلارغا كەلگەندە تارىخى سەھىفسىدىن ئۆچىدۇ ياكى ئەڭ پاسسىپ ھالەتكە چۈشىدۇ. بۇنداق مىللەتلەر ناھايىتى كۆپ.غەربلىك نۇرغۇنلاغان ئالىملار ساكلارنى ھىندۇ-ياۋروپا تىلىدىكى خەلق دەپ ئاساسسىز ھۆكۈم قىلىدۇ، بۇنداق بولۇشىدىكى ئاساسىي سەۋەب ياۋروپادا موتلەق كۆپ قىسىم خەلق ھىندۇ-ياۋروپا تىل سىستېمىسىغا مەنسۇپ.شۇڭا ئۇلار تارىخىتا كۈچلۈك بولغان ساكلارنى ھېچبىر ئاساسسىزلا ھىندۇ-ياۋروپا تىل سىستېمىسىدىكىلەر دەيدۇ. بۇ بىر ياخشى كۆرۈش خاھىشى خالاس.

    نۇرغۇن مەتبۇئاتلاردا ساكلارنى يوقىلىپ كەتكەن خەلق دەيدۇ. ئەمما ساكلار تېخى يوقالغان خەلق ئەمەس،ئۇلار سىبېرىيەدە ئۇزۇن مەزگىل  تۇڭغۇز -موڭغۇل تىللىق خەلقلەر بىلەن ئارلاش ياشاش جەريانىدا چىرايى ئۆزگىرىپ كەتكەن،ئەمما تا ھازىرغىچە ئۆز مىللىتىنىڭ نامىنى ۋە تىلىنى ساقلاپ كەلدى.ئەلبەتتە ساكلار ئوتتۇرا ئاسىيادىن شەرققە كۆچۈش جەريانىدا ھەممىسى تەل تۆكۈس كۆچمەيدۇ.ئوتتۇرا ئاسىيادا كۆچمەي قالغانلارى بولسا ھازىرقى تۈركىي مىللەت ۋە تاجىكلارنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولغان.شىنجاڭدا خوتەن،ياركەنت،پوسكام رايونى شۇنداقلا مارالبېشى،مەركىت،كەلپىن ۋە دولان ئۇيغۇرلىرى ساكلارنىڭ كۆچمەي قالغان قىسىمىدۇر،
    ئېيتمىساق بولمىايدىغان يەنە بىر خەلق «توخرىلار»بولۇپ بەزىلەر دولغان ياكى «دولان» نامىنى توخرىلار بىلەن باغلايدۇ.چۈنكى توخرى دېگەن بۇ نام تۈركچە نام بولماستىن تۈركچەگە ھىندۇ-ياۋروپاچىدىن كىرگەن.بۇ نام دەل ھازىرقى دولغان ياكى دولاننىڭ ھىندۇ ياۋروپاچە ئاتىلىشىدۇر دەپ قارايدۇ.توخىرىلارمۇ ساك جىنىسىدىكى بىر خەلق.

    بىرقىسىم چەتئەللىك تىلشۇناسلار تۈركىي تىلنى مۇنداق تارماققا بۆلىدۇ.

    1.ئۇرك تىلى گۈرۈپپىسى  : بۇ تىلغا ھازىرقى ئوغۇز تىلى تارمىقى،قارلۇق تىلى تارمىقى،كۆكتۈرك تىلى تارمىقى،قىپچاق تىلى تارمىقى كىرىدۇ.

    2.ساخا تىلى گۈرۈپپىسى: بۇ تىلغا ھازىرقى ساخا –دولغان تىلى كىرىدۇ. قەدىمكى تىللاردىن توخرى،ساك،ماساگىتلار كىرىدۇ.

    3.بۇلغار تىلى گۈرۈپپىسى:بۇ تىلغا ھازىرقى چۇۋاش (سۇۋار)تىلى كىرىدۇ. قەدىمكى تىللاردىن سۇۋار،پەچەنەك،ئۇز،بۇلغار،ئاۋار تىلى كىرىدۇ.

    ساكلار ھۇنلاردىن بۇرۇن باش كۆتۇرگەن خەلق ئىدى. ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيادا كۈچلۈك ساك ئىمپېرىيەسىنى قۇرغان.دۇنياغا داڭلىق ئات ئۈستى مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغان.فارسلارنىڭ شاھنامىسىدە ئافراسىياپنى تۇرانلىقلارنىڭ پادىشاھى دەپ تىلغا ئالىدۇ.تۇرانلىقلار دەل ساكلاردۇر.تۇخرى دېگەن سۆزنىڭ ئىنتېمولوگىيەسى دەل ھازىرقى دولغان(دولان)،تۇران دېگەن سۆز بىلەن باغلىنىدۇ،تۇخىرىلارنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى يۇغار(ئۇغار) بۇلۇپ سۆز بىشىدىكى «ي»تاۋۈشىنىڭ «د(ت)»غا ئۆزگىرىشى بىر خىل دېئالېكىتلىق ئۆزگىرىش ئىدى. ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادەكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىدىمۇ «ي / د» لىق پەرق بار ئىدى.ھازىرقى سىبېرىيەدەكى تۈركى مىللەتلەرمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادەكى تۈركى تىلنىڭ سۆز بىشىدىكى «ي»نى «د»ياكى«ت» بىلەن ئالىدۇ. مەسلەن يىل---دىل،يىلان—دىلان،ياڭاق—داڭاق،ئۇندىن باشقا «دىش» دېگەن سۆز ئورمانلىق،جىلغا دېگەن مەنادا كېلىدۇ. بۇ سۆز قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «يىش»دەپ ئالىنغان.

    دېمەك «ئۇيغۇر/ئۇغۇر/يۇغار/تۇخار/تۇرا/تۇران»سۆزلىرى ھەممىسى بىر مەنبەدىن كەلگەن.
    گەپنىڭ قىسقىسى ساكلار،توخرىلار تۈركىي خەلقتۇر.دولان(ياكى دولغان) لار ساكلارنىڭ بىر قەبىلىسى.توخرىلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر.

    .1.غەرب مەنبەلەرىدە تىلغا ئالىنغان ئاتالمىش «ساك،توخىرىلار ھىندۇ ياۋروپالىقلاردۇر» دېگەن گەپ بىر قىسىم ساك،توخرىلارنىڭ ئىرانلىشىپ كېتىشى ۋە ھىندۇلىشىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.بۇنداق ئىشلار تارىخىتا كۆپ ئۇچرايدۇ مەسلەن؛بابۇر ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان ئۇيغۇر-ئۆزبېك ئۇلۇسلىرى ئاخىرى بىرىپ ھىندۇلارغا سىڭىشىپ كەتتى،موڭغۇل،قىتانلارمۇ ئوتتۇرا ئاسىيانى بويسۇندۇرغان بىلەن ئۇلارمۇ سىڭىشىپ كەتتى. ئەمما ساك-توخرى خەلقىنىڭ ھىندۇ-ئىرانلىشىپ كېتىشى ئۇلارنىڭ  تۈركىي خەلق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ.

    2.ساك ئىمپېرىيەسى ئىنتايىن چوڭ ئىمپېرىيە بولۇپ، غەربتە ياۋروپا تۈزلەڭلىكىنىڭ بىر قىسىم زېمىنىغىچە يېتىپ بارغان.بۇنداق چوڭ ئىمپېرىيە تەركىبىدە يەنە زور بىر تۈركۈم فارس تىللىق خەلقلەرمۇ بار ئىدى.

    ساكلارنىڭ تۈركىي مىللەت ئىكەنلىكىنى پەقەت سىبېرىيە ساخادىكى دولغانلارنىڭ ئۆزى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ.بۇ خەلقنىڭ تىلىنى ھېچكىم باشقا تىلغا تەۋە دېيەلمەيدۇ.بۇلارنى ساك ئەمەس دەپمۇ تۇرالمايدۇ. بۇ ياۋروپادا نۇرغۇن ئالىملارنىڭ چىقارغان ھۆكمى خالاس.

     

    分享到:

    无觅相关文章插件
  • ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.

      评论

    • كۆپ نەرسىلەرنى بىلۋالدىم رەخمەت سىزگە.

      كەلپىن دىيارىنى دولانلق دەپسىز ،لىكىن "كەلپىن تەزكىرىسى"دە

      ئۇنداق يېزىلمىغان ، چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭز .