• جۇڭگونىڭ ئەرزان باھالىق بوۋاقلار ئايىقى ئىسلامغا بىھۆرمەتلىك قىلدى - [خەۋەرلەر]

    2013-05-08

    ئالجىرىيە ۋاقىت گېزىتىنىڭ مۇخبىرى رادۋان ئوسمانىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئالجىرىيىنىڭ ئالاشىر شەھىرىدە يەرلىك سېتىۋالغۇچىلار جۇڭگو ياسىغان بوۋاقلار ئايىقىنىڭ تاپىنىدا ئېنىق قىلىپ مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى يېزىلغانلىقىنى بايقىغان، بۇ تاۋارلارنىڭ باھاسى تۆۋەن بولغانلىقتىن نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنى جەلب قىلغان.
    مەزكۇر ئەھۋالنى بىر شەھەر ئاممىسى گېزىتكە ئىنكاس قىلغان، ئۇ كىچىك ئوغلىغا تەنھەرىكەت ئايىقى ئېلىپ بەرگەندە بۇ ئەھۋالنى بايقىغان. ھەر خىل تاۋارلار بۇرۇنلا ئالاشىر شەھىرىنىڭ ھەر قايسى كوچىلىرىغا تولۇپ بولغان، ئەمما ئۇ پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى ئاياغنىڭ تاپىنىغا ئېنىق قىلىپ يېزىلغانلىقىدىن ھەقىقەتەن ھەيران قالغان. ئەينى چاغدا ئۇ بۇ تاۋارلار چەتئەلدىن كىرگۈزۈلگەن، نېمە ئۈچۈن نازارەت قىلمايدۇ دەپ ئويلىغان.
    بۇ بىر جۈپ ئاياغ جۇڭگودىن كىرگۈزۈلگەن، باھاسى ئاران 250 ئالجىرىيە دىنارى (تەخمىنەن 3 ئامېرىكا دوللىرى) بولۇپ، كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرغىنى، بۇ خىلدىكى ئاياغ ئاللاقاچان نۇرغۇن سېتىلىپ بولغان، دۇكىنىدا ئازلا مال قالغان.
    بۇ خىلدىكى ۋەقە ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن، نەچچە ھەپتە ئىلگىرى، بىر سودىگەر ئاياغقا ئاللاھنىڭ ئىسمى يېزىلغانلىقىنى بايقىغان. بەختكە يارىشا، بۇ سودىگەر ئامباردىكى ئاياغلارنىڭ ھەممىسىنى پاكىز كۆيدۈرۈۋەتكەن. ئەجەبلىنەرلىكى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بىر قىسىم دۆلەتلەر سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتۇش ئارقىلىق ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلار بىلەن (بولۇپمۇ ئالجىرىيە بىلەن) قارشىلىشىۋاتقان ئەھۋالدا، بۇ تاۋارلارنى نېمە ئۈچۈن تەكشۈرمەيدۇ.
    تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى، 4-ئاينىڭ بېشىدا، يەرلىك تارماقلار جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئاللاھنىڭ ئىسمى ئويۇلغان ئەرلەر ئايىغىنى مۇسادىرە قىلغان، ئالجىرىيە ۋاقىت گېزىتىمۇ ئەينى چاغدا بۇ ۋەقەنى خەۋەر قىلغان.

    http://news.okyan.com/news/world/2013/0503/1368.html

    分享到:

    无觅相关文章插件
  • ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.