بالاڭغا نېمىشقا خەنسۇچە ئۆگەتمەيسەن - [سەرخىل يازمىلار]
2013-04-25
قىزىم ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن قىزىمنىڭ خەنسۇچە بىلمەسلىكى جوڭگۇلۇق تونۇشلىرىم ئارىسىدا ھەيرانلىق قوزغىدى. قىزىم بىلەن پاراڭلىشىپ كېتىۋاتسام كۆرۈپلا قالسا مەسلەھەتلىشىۋالغاندەك شۇنداق سورايتتى.
-قىزىڭغا قايسى تىلدا سۆزلەۋاتىسەن؟
-ئۇيغۇرچە
-ئۇيغۇرچە دېگەن قانداق تىل؟
-ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدىكى قانۇندا بېكىتىلگەن ھاكىمىيەت تىلى.
-شۇنداقمۇ ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن. مەن تېخى سۆزلەۋاتقىنىڭلارنى خەنسۇچىنىڭ بىر شىۋىسىمىكىن دەپتىمەن.
-نېمىشقا قىزىڭغا خەنسۇچە سۆزلىمەيسەن؟
-قىزىم خەنسۇچە بىلمەيدۇ.
-جوڭگۇلۇق تۇرۇپ نېمىشقا ئۆگەتمەيسەن؟
-شارائىت يوق. بىزنىڭ ئۆيدە خەنسۇچە سۆزلەيدىغان ئادام يوق.
-جوڭگۇلۇق تۇرۇپ ئۆيدە خەنسۇچە سۆزلەشمەمسىلەر؟
-ياق، بىزنىڭ ئانا تىلىمىز ئۇيغۇرچە. ئۆيدە ئانا تىلدا سۆزلىشىشنى ياقتۇرىمىز.
-لېكىن سىلەر دېگەن جوڭگۇلۇق تۇرساڭلار.
-مەن ئائىلىدە ئۇيغۇرچە سۆزلەيدىغان جوڭگۇلۇق، بىز جوڭگۇنىڭ ئالتىدىن بىرقىسمىدا ئۆزىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ساھىپ جوڭگۇلۇق. مەن ئاشۇ ئۆزىگە خوجا رايۇننىڭ ھاكىمىيەت تىلىدا سۆزلەيمەن.
-ئۇيغۇرچە بىلگەننىڭ قىزىڭ ئۈچۈن پەقەت ئەھمىيىتى يوق. قىزىڭ چوڭ تىللارنى قانچە جىق بىلسە شۇنچە ئىستىقباللىق بولىدۇ.
-مەن 18 ياشتىن كېيىن خەنسۇچە ئۆگىنىپمۇ ئىستىقباللىق بولدۇم. ئېنگىلىزچىنى 24 يېشىمدا ئۆگىنىپمۇ سەندىن ياخشى سۆزلەيدىغان بولدۇم. بالاممۇ مېنى دورايدۇ. خاتىرىجەم بول.
ئارىمزىدا بۇنداق سۆھبەت بولمىغان جوڭگۇلۇق قالمىدى. بىر كۈنى قىزىم يەسلىدىن ”چاينىز“ (ئەنگىلىزچە جوڭگۇلۇق دېگەن گەپ) دېگەن گەپنى كۆتۈرۈپ كەپتۇ. قىزىم بۇ گەپنى بۇرۇن بىلمەيتتى. نەدىن ئۆگەنگىنىنى سورۇسام يەسلىدىكى بىر خەنسۇ پىراكتىكانت قىزىمغا شۇنداق دەپتۇ. مەن دائىم ”جوڭگۇلۇق تۇرۇپ قىزىڭغا خەنسۇچە ئۆگەتمەمسەن“ دېگەنلەر بىلەن قىلغان سۆھبەتنىڭ ئاخىرىنى ”سەن ھەقسىز ئۆگىتىپ قويساڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆگىتەي“ دەپ ئاخىرلاشتۇردۇم. شۇنچە ھاياجان بىلەن جوڭگۇلۇقلار ئۇنداق مەدەنىيەتلىك، جوڭگۇلۇقلار بۇنداق پەزىلەتلىك دېگەن شۇنچە ۋەتەنپەرۋەر تونۇشلىرىمنىڭ بىرسىمۇ قىزىمغا ھەقسىز خەنسۇچە ئۆگىتىپ قويۇشقا قوشۇلمىدى. قىزىمغا ھەقسىز ياپۇنچە، كورىيانچە، ئىسپانچە قاتارلىق تىللارنى ھەقسىز ئۆگىتىدىغانلار چىقتى لېكىن مەن قوشۇلمۇدۇم
مەنبە :گۈلەن بىلوگى


ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.