-
بالاڭغا نېمىشقا خەنسۇچە ئۆگەتمەيسەن - [سەرخىل يازمىلار]
2013-04-25
بىر كۈنى قىزىم يەسلىدىن ”چاينىز“ (ئەنگىلىزچە جوڭگۇلۇق دېگەن گەپ) دېگەن گەپنى كۆتۈرۈپ كەپتۇ. قىزىم بۇ گەپنى بۇرۇن بىلمەيتتى. نەدىن ئۆگەنگىنىنى سورۇسام يەسلىدىكى بىر خەنسۇ پىراكتىكانت قىزىمغا شۇنداق دەپتۇ. مەن دائىم ”جوڭگۇلۇق تۇرۇپ قىزىڭغا خەنسۇچە ئۆگەتمەمسەن“ دېگەنلەر بىلەن قىلغان سۆھبەتنىڭ ئاخىرىنى ”سەن ھەقسىز ئۆگىتىپ قويساڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆگىتەي“ دەپ ئاخىرلاشتۇردۇم. شۇنچە ھاياجان بىلەن جوڭگۇلۇقلار ئۇنداق مەدەنىيەتلىك، جوڭگۇلۇقلار بۇنداق پەزىلەتلىك دېگەن شۇنچە ۋەتەنپەرۋەر تونۇشلىرىمنىڭ بىرسىمۇ قىزىمغا ھەقسىز خەنسۇچە ئۆگىتىپ قويۇشقا قوشۇلمىدى.
共1页 1