ئافراسىياپ توغرىسىدا - [بېلىۋىلىڭ]
2010-09-24
ئىران ۋە تۈرك رىۋايەتلىرىدە ئېيتىلغان ئەفراسياپ مىلادىدىن يەتتە ئەسىر بۇرۇن ئۆتكەن ئەڭ مەشھۇر قەھرىمان ئەجداتلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ ، ئۇنى ئەجداتلىرىمىز ئالىپ ئەرتۇڭا دەپ ئاتىغان .ئالىپ ئەرتۇڭا مىلادىدىن يەتتە ئەسىر بۇرۇن ، ئەجداتلىرىمىز ئوتتۇرا ئاسىيادىن قارا دېڭىز بويىغىچە سوزۇلغان كەڭ تىرىتورىيىدە قۇرغان ساك ئىمپىرىيىسىنىڭ مەشھۇر قاغانى بولغان . بۇ ئىمپىرىيىنى ئىرانلىقلار تۇران دەپ ئاتىغانىدى . بۇ دۆلەت مىلادىدىن بۇرۇنقى يەتتە ئەسىر بۇرۇنقى چاغدىن تارتىپ مىلادىنىڭ 2-ئەسرىگىچە ھۆكۈم سۈرگەن . تۇران قاغانى ئالىپ ئەرتۈڭا ھەققىدىكى مەلۇمات ئەڭ ئاۋال ئاتەشپەرەسلەرنىڭ مۇقەددەس كىتابى <<ئاۋىستا>>دا بېرىلگەن بولۇپ ، ئۇنىڭدا ئۇ توران پادىشاھى ئەفراسياپ دەپ ئاتالغان ، ئۇلۇغ پارىس شائىرى ئۇبۇلقاسىم فىردەۋىس غەزنەۋىلەر سۇلتانى مەھمۇت غەزنەۋى (مىلادىنىڭ 997-يىلدىن 1030-يىلغىچە سۇلتان بولغان) نىڭ تاپشۇرىقى بويىچە يازغان ئۆزىنىڭ <<شاھنامە>> ناملىق داستانىدا ، ئەفراسياپنىڭ ئىران پادىشاھى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرى ھەققىدە ناھايىتى كۆپ جايدا توختالغان . مەھمۇت قەشقىرىنىڭ <<تۇركىي تىللار دىۋانى >>دا بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا ، ئالىپ ئەرتۇڭا ھاۋاسى ياخشى بولغان ئوردۇكەنىت (قەشقەر) تە تۇرغانىكەن . بۇچاغدا ، كۈچلۈك پارىس ئىمپىرىيىسى ۋۇجۇتقا كەلگەنىكەن . مىلادىدىن يەتتە ئەسىر بۇرۇن ، ئىران ئەھمانىلار سۇلالىسى (مىلادىدىن 700 يىل بۇرۇنقى ۋاقىتتىن تارتىپ مىلادىدىن 300 يىل بۇرۇنقى چاغقىچە ھۆكۈم سۈرگەن ) نىڭ پادىشاھى كەيخىسراۋ (مىلادىدىن 633 يىل بۇررۇنقى چاغدىن تارتىپ مىلادىدىن 584 يىل بۇرۇنقى چاغقىچە پادىشاھ بولغان ) ئەفراسياپنى مەغلۇپ قىلغاندا ، ئەفراسياپ شەرىققە چىكىنىپ ئالتاي ئەتراپلىرىغىچە كەلگەن . كېيىن ئەفراسياپ ئۆز دۆلىتىنىڭ غەربىي قىسىملىرىغا قايتىپ كېلىپ ، مىلادىدىن 625 يىل بۇرۇن ئەزەربەيجاندا ئىرانلىقلار بىلەن يەنە تۇتۇشقان . ئۇ بىر جەڭدە ، مۈكۈنۈپ ياتقان ئىران ئەسكىرىنىڭ ئاتقان ئوقى بىلەن ئۆلگەن .
ئالىپ ئەرتۇڭا تارىختا راستىنلا ئۆتكەن رىئال شەخسمۇ ؟
بىز ئالىپ ئەرتۇڭانىڭ تارىختا راستىنلا ئۆتكەن قەدىمكى ئەجدادىمىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتلارغا ئىگە .مەسىلەن؛ مەھمۇد قەشقىرىنىڭ <<تۇركىي تىللار دىۋانى >> دا ئالىپ ئەرتۇڭا توغرىسىدىكى ماتەم قوشاقلىرىنىڭ پارچىلىرى كەلتۈرۈلگەن :
ئالىپ ئەرتۇڭا ئۆلدىمۇ ،
يامان دۇنيا قالدىمۇ .
پەلەك ئۆچىنى ئالدىمۇ ،
ئەمدى يۈرەك يىرتىلۇر .
ئەل بۆرىدەك ھۇۋلاشتى ،
يىرتىپ ياقا يىغلاشتى .
پەريات چېكىپ دادلاشتى ،
كۆزلەر ياشقا قاپلىنۇر .
ئالىپ ئەرتۇڭانىڭ ماتىمىگە يېتىپ كەلگەن بەگلەرنىڭ شۇ چاغدىكى روھىي ھالىتىگە بېغىشلانقان قوشاقتا مۇنداق دېيىلگەن :
بەگلەر ئېتىنى ھارغۇزدى ،
قايغۇ ئۇلارنى تۇرغۇزدى .
مەڭزى ، يۈزى سارغايدى ،
سۈرتۈلگەندەك زەپىران .
ئۇيغۇر شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ << قۇتادغۇبىلىك>> داستانىدا ئالىپ ئەرتۇڭا توغرىسىدا مۇنداق يازغان :
276 . بۇ تۈرك بەگلىرىگە سېلىنسا نەزەر ،
جاھان بەگلىرىنىڭ ياخشىسى شۇلار .
277 . بۇ تۈرك بەگلىرىدىن ئېتى بەلگىلىك ،
تۇڭا ئالىپ ئەر ئىدى بەختى بەلگىلىك .
278 . ئىلىمدە بۈيۈك ، كۆپ پەزىلەتلىك دىلى ،
بڭلىملىك ، ئەقىللىق ، خەلىقنىڭ خىلى .
279 . ئىدى ئۇ مەردانە ، زېرەك ئەر ئوغلان ،
دۇنياغا زېرەكلەر بولۇر ھۆكۈمران .
280 . تاجىكلار ئۇنى دەيدۇ ئەفراسياپ ،
ئافراسياپ تۇتتى ئەلنى يەڭ شىماشكاپ .
تاجىكلار كىتاپتا پۈتۈپتۇ ئۇنى ،
كىتاپقا پۈكمىسە كىم ئۇققاي ئۇنى .
ئالىپ ئەرتۇڭا ھەققىدىكى بۇ پارچىلار ئالىپ ئەرتۇڭانىڭ تارىختا ئۆتكەن ھەقىقى قەھرىمان ئىكەنلىكىنى ، ئۇنىڭ ئەجداتلىرىمىزنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئۇلۇغ قاغانلىرىمىزدىن بىرى بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ .
ئالىپ ئەرتۇڭا مىلادىدىن 625 يىل بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ، تۇران دۆلىتى (ساكلار دۆلىتى) گە ئامورغ ، تۇمارىس ئاتلىق قاغانلار يىتەكچىلىك قىلغان .
收藏到:Del.icio.us


ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.
评论