ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش قۇرۇشتىكى ئېسىل ئەنئەنىلىرى ... - [بىز كىم؟]
2010-10-01
تۇرمۇش قۇرۇپ ئائىلە تەسىس قىلىش ئىنسانلار يارىتىلغاندىن بېرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن قەدىمىي بىر ئادەت بولۇپ، تۇرمۇش قۇرۇش ئۈچۈن جۆرە تاللاشتا ھەر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئەنئەنىسى ۋە ئەجدادلىرىدىن مىراس ئالغان بەزىبىر قائىدە - يوسۇنلىرى بار بولغىنىدەك، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تۇرمۇش قۇرۇش ئۈچۈن جۆرە تاللاشتا ئۆزلىرىگە خاس ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئاقىلانە پرىنسىپى باردۇر. ئۇلار بۇ مىللىي ئەنئەنىسىنى ھېلىھەم جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.
1-ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ جۆرە تالاشتىكى مىللىي ئەنئەنىسى
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئالىم مۇھەممەد نىياز ھاجىم ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ تۇرمۇش ئۈچۈن ئۆزلىرىگە جۆرە تاللاشتىكى ئەنئەنىلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " ئۇيغۇرلارنىڭ 11 ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر دانىشمەن ۋە ئۇلۇغ پەيلاسوپ ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۇنياغا داڭلىق ئەسىرى "قۇتادغۇ بىلىك" تە مۇنداق دەپ يازغانىكەن:
دېسە كىم ئۈيلىنەي، ئەي ئەرلەر بېشى،
ئالار شۇ تۈت خىلدىن بىرىنى ئۇ كىشى،
بىرى باي خوتۇننى ئالماق ئىستەر،
ئۇ بىرسى چىرايلىق ئۈچۈن كۈز تىكەر،
يەنە بىرسى ئېسىل نەسەبلىك تىلەر،
ئۇلۇغلۇق ئېتىغا قۇۋانىپ يۈرەر.
بىرسى ئىستەر نەپىس تەقۋادارنى،
ئۇنى تاپسا باغلار ئاڭا كارىنى،
يۈسۈپ خاس ھاجىپ يۇقىرىقى بېيىتلىرىدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ توغرىدا ئېيتقان مۇنۇ ھەدىسلىرىنى ئۆلچەم قىلغان:"كىشىلەر ئايال كىشىلەرنى تۆت نەرسىگە قاراپ تاللايدۇ، ئۇنىڭ بايلىقىغا، چىرايىغا، نەسەبىگە ۋە ئۇنىڭ دىيانىتىگە. سەن ئەڭ ئاۋۋال دىيانەتلىك بولغىنىنى تاللىغىن ، ئەگەر ئانداق قىلمىساڭ چوقۇم زىيان تارتىسەن." (بۇخارىي رىۋايىتى)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: "كىمكى ئايال كىشىنى ئۇنىڭ ئابرويىنى كۆزلەپ تاللايدىكەن، ئۇ خورلۇقتىن باشقا نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ. كىمكى ئۇنى، ئۇنىڭ ئىقتىسادىنى كۆزلەپ تاللايدىكەن، ئۇ پېقىرلىقتىن باشقىسىغا ئېرىشەلمەيدۇ. كىمكى ئۇنىڭ نەسەبىنى كۆزلەپ تاللايدىكەن، ئۇ پەقەت رەزىللىكتىن باشقىسىغا ئېرىشەلمەيدۇ. كىمكى ئايال كىشىنى، كۆزىنى نامەھرەمگە تىكىلىپ قاراشتىن، ئۆزىنى ھارامدىن ساقلاشنى مەقسەت قىلغان ھالدا، ئۇنىڭ دىيانىتىنى دەپ ئالىدىكەن، ئاللاھ ھەر ئىككىسىگە بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ." (تەبەرانىي رىۋايىتى)"
2-كىشىلەرنىڭ جۆر ەتاللاشتىكى يۆنىلىشلىرى
قىز يىگىتلەر بالاغەتكە يېتىپ، كۆڭۈللىرىگە خىياللار كىرىشكە باشلىشى بىلەن تەڭ، ئۇلارنىڭ زېھنى كېلەچەك تۇرمۇشىدىكى شېرىكى ھەققىدە ئىزدىنىشكە باشلايدۇ.
مۇھەممەد نىياز ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، كىشىلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلگەن ۋە تەربىيە ئالغان مۇھىتلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغىنىغا قاراپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش قۇرۇش ئۈچۈن جۈرە تاللاشتىكى قىزىقىشلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلەر ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش قۇرماقچى بولغان جۆرىسىنىڭ شەكلى گۈزەللىكىنى كۆزدە تۇتسا، بەزىلەر ئۇنىڭ بايلىقىنى ياكى جەمئىيەتتىكى ئورنىنى كۆزدە تۇتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى قانداقلا بىر جەمئىيەتتە بولمىسۇن، تۇرمۇش قۇرغۇچىلاردا ئومۇمەن كۆزدە تۇتۇلىدىغان ئاساسلىق سۈپەتلەر. لېكىن يۇقىرىقى سۈپەتلەر ئىچىدە ھەممىدىن ئېسىل ۋە ئەڭ مەڭگۈلۈك ئۆزگەرمەيدىغان سۈپەت قايسى دېگەندە، ئۇ ئەخلاق بىلەن دىيانەتتۇر. چۈنكى بۇ تۇرمۇش ئۆزگەرمەيدىغان سابىت نەرسە ئۈستىگە قۇرۇلماستىن، بەلكى ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان شەخسىي مەنپەئەتلىرىنى ئاساس قىلغان تۇرمۇشتۇر. ئەر خوتۇنلۇق ھاياتى ئەگەر ئەخلاق بىلەن دىيانەتنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلىدىكەن، ئۇ ئۆزگەرمەس، مەھكەم نەرسىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ.
3-ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ جۆرە تاللاش پرىنسىپى
ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ قىزلىرىنى ياتلىق قىلىشتىكى ئەنئەنىسىگە كەلسەك، ئۇيغۇر ئاتا - ئانىلىرى قىزلىرىنى ياتلىق قىلشتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈرسەتكەن مۇنۇ ئۆلچەمنى ئاساسىي ئورۇندا قويىدۇ. ئۇ مۇنداق دېگەن: "دىيانىتى بىلەن ئەخلاقى سىلەرنى رازى قىلىدىغان، قانداقلا بىر كىشى سىلەردىن قىز سوراپ كەلسە، ئۇلارنى تىز ئۆيلەندۈرۈڭلار! ئەگەر ئۇنداق قىلمىغاندا، يەر يۈزىدە چوڭ بۇزۇقچىلىقنى تېرىغان بولىسىلەر " (تىرمىزىي رىۋايىتى)
ئۇيغۇرلار مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بىرى ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان ئىسلام دىنى كىشىلەر ئارىسىدىكى ئۆز -ئارا ئارتۇقچىلىقنىڭ ئۆلچىمىنى ۋىجداننى ئىدارە قىلىدىغان، ھاياتلىققا سادىق نەزەر بىلەن قاراپ، ئۇنىڭغا توغرا مۇئامىلە قىلىدىغان، ئېسىل پرىنسىپلارغا باغلىق قىلغان. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: "ئى ئىنسانلار بىز ھەقىقەتەن سىلەرنى بىر ئەر بىلەن بىر ئايالدىن (يەنى ئادەم بىلەن ھاۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا ئانىدىن ياراتتۇق. ئۆز -ئارا تۇنۇشۇشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق. ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر" (ھوجۇرات سۈرىسى 13 ئايەت) چۈنكى، ئاللاھنى تونۇغان دىيانەتلىك كىشى ئايالىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەق ھوقۇقلارنى تونۇيدۇ ۋە ئۇنى جايىدا ئادا قىلىدۇ.
收藏到:Del.icio.us


ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.
评论