• تۇنجى ئۇيغۇر ئولىمپىك چېمپىيونى مەھمۇد ئۆمەر - [بىز كىم؟]

    2010-07-29

    مەھمۇد بەدەلجان ئۆمەر ئوغلى 1924-يىلى ئالمۇتا شەھرىدە تۇغۇلغان . باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى ئالمۇتادا تاماملاپ تىببى ئىنىستىتۇتقا ئوقۇشقا چۈشكەن . 1941-يىلى ئۇلۇغ ئانا ۋەتەن سوقۇشى پارتلىغاندا ھۈكۈمەت ئۇنى كىروف نامىدىكى ھەربى تىببى ئۇنىۋىرسىتىتقا ئوقۇشقا ئەۋەتكەن.1943-يىلى بىر قولىدا داۋالاش سومكىسى يەنە بىر قولىدا قورال ئىلىپ دۇشمەن ئالدىنقى سىپىگە كىرىپ جەڭ قىلغان . ئۇلۇغ ئانا ۋەتەن سوقۇشى غەلبە قىلغاندىن كىيىن ئۇ گىرمانىيەدە ھەربى خىزمەت ئۆتىگەن . ھەربى خىزمەت ئۆتەپ بولغاندىن كىيىن كىروف نامىدىكى تىببى ئۇنىۋېرسىتېتتا  ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغان .1953-يىلى بىرلا ۋاقىتتا مەھمۇد ئۈمەر سوۋىت ئارمىيەسى قارغا ئىتىش كوماندىسى ۋە سوۋىت دولەتلىك قارغا ئىتىش كوماندىسىغا قوبۇللىنىدۇ . 1954 -يىلى سوۋىتلەر ساھەسى ۋە دۇنيا بويىچە ئۈتكۈزۈلگەن قارغا ئىتىش مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولۇپ تىزلا تونىلىدۇ. 1955-يىلى بۇخارىستتا ئۈتكۈزۈلگەن ياۋروپا چىمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولىدۇ . 1954 -يىلدىن 1961 -يىلغىچە 6 يىل ئۇدا س س س ر دۆلەت چىمپىيونى ، ياۋروپا چىمپىيونى ، دۇنيا چىمپىيونى بولىدۇ.
    1956-يىلى مۈرلبۇرۇن ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مىدال . 1960-يىلى ئىتالىيە رىم ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە يەنە بىر كۈمۈش مىدالغا ئىرىشىدۇ.
    ئۇندىن باشقا مەھمۇد ئۆمەر كوماندىلار ئارا مۇسابىقىدە 5 نۆۋەت ياۋروپا چىمپىيونى ، 3 نۆۋەت دۇنيا چىمپىيونى بولغان .
    مەھمۇد ئۆمەر بىلىملىك زىيالى كىشى ئىدى .ئۇيغۇرچە ۋە روس تىلىدىن باشقا يەنە نىمىسچە ۋە لاتىن تىلىنىمۇ ياخشى بىلەتتى. دۇتار چىلىپ ناخشا ئىيتىشنى تولىمۇ ياقتۇراتتى . ئۇنىڭ ئىجادى نەتىجىلىرى زور بولۇپ ، پىسىخىكىغا ئائىت نۇرغۇن قىممەتلىك كىتاپلارنى يىزىپ قالدۇرغان . ئۇنىڭ بۇ كىتاپلىرى روسىيە تىببى ئاكادىمىيىدە ساقلىنىپ يۈكسەك باھالارغا ئېرىشكەن .
    1961-يىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يەكشەنبىسى لېنىنگىرادتا 37 يىشىدا تۇيۇقسىز يۈرەك كىسىلى قوزغۇلۇپ ۋاپات بولغان .
    مەھمۇد ئۆمەر توغۇرلۇق تىخىمۇ كۆپ چۈشەنچىگە ئىرىشەي دىسىڭىز 1982-يىلى موسكىۋادا نەشىر قىلىنغان «مەشھۇر كىشىلەر ھاياتى » ياكى « سوۋىت ئولىمپىكى » دىگەن كىتاپلاردىن مەرھۇمنىڭ ئىش ئىزلىرىنى بىلىۋالالايسىز . ئۇ كىتاپ ۋە تەشۋىقات رەسىم تاختىلىرىدا مەرھۇم مەھمۇد ئۆمەرنىڭ سۈرىتى باشقا روس داڭلىق كىشىلىرى بىلەن تەڭ بىرىنجى قۇردىن 3-كىشى بولۇپ تىزىلغان .
    « 20-ئەسىردىكى مەشھۇر شەخىسلەر » 

    تەييارلىغۇچى:بارخان


    收藏到:Del.icio.us




    无觅相关文章插件
  • ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.