ماركسنىڭ ساقىلى ۋە مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ سەللىسى - [ئەدەبىيات-سەنئەت]
2011-07-19
ماركسنىڭ ساقىلى ۋە مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ سەللىسى
(فىلىيەتۇن)
مۇھەممەدىمىن ئابدۇۋەلى
پاھ ، پاھ ...ھازىرقى دۇنيا نىمە دېگەن رەڭدار ، ئېغىزلار نىمە دېگەن يۈگۈرۈك ! ياشىساڭ مۇشۇنداق زاماندا ياشا ، بولىدىغان - بولمايدىغان ھەر قانداق ئىشنى كۆرەلەيسەن ، ئاڭلىساڭ زامانىمىزدىكىنى ئاڭلا ، خىيالىڭغىمۇ ، چۈشىڭگىمۇ كىرمەيدىغان ئاجايىپ قىزىقچىلىقلارنى ئاڭلايسەن .
«قۇمۇل ئەدەبىياتى» نىڭ 2003 - يىل 5 - سانىدا ئېلان قىلىنغان ئابدۇخالىقجان ئابلىمىت قۇتلاننىڭ توختى باقى ئارتىشى ئاكىغا يازغان ئۇچۇق خېتىدىن بەزى جايلاردا بەزى ئادەملەرنىڭ مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن دەپتەرلەرنى «دىنى تۈس ئالغان دەپتەر» دەپ چەكلەپ يۈرگەنلىكىنى ئۇقۇپ تولىمۇ ھەيران قالدىم. ئۆزۈمچە قانداق ئادەملەرنىڭ دېگەنلىكى ئۈستىدە پەرەز قىلىپ باقتىم. چوقۇمكى، بۇنداق گەپلەر دېھقان ۋە ئىشچىلارنىڭ ئېغىزىدىن چىقمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار جان بېقىش ھەلەكچىلىگى بىلەن ئارام تاپالمايۋاتقاندا، بۇنداق دان چۈشمەيدىغان گەپلەرگە نەدىمۇ چولىسى تەگسۇن؟ خىزمەتچىلەرمۇ، ئۇقۇتقۇچىلارمۇ؟ ياق، ئۇلارمۇ ئەمەس. ئېغىزىدا دەپلا قويماي يەنە «چەكلەش» كىمۇ قۇدىرىتى يېتىپتۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا، مىللى مەدەنىيەت، مىللى ئۆرۈپ - ئادەت، مىللى ئەنئەنە، تارىخ دېگەنلەردىن قىلچىمۇ خەۋىرى يوق، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ مەنسەپكە يولۇقۇپ قالغان، بىكار ئولتۇرۇپ قېنى قىزىپ چېپىلغىلى ئىش تاپالماي قالغان كالتە دوغىلارنىڭ ئىشى.
بۇلارنى خىيال قىلىۋېتىپ، 2001 - يىلىدىكى بەزى ئىشلار ئېسىمگە كىلىۋالدى. شۇ يىلى بەزى جايلاردا ساقال - بۇرۇت ئۈستىدە خېلى گەپ - سۆزلەر بولۇنغان ئىدى. بەزى يولداشلار بۇنداق بىمەنە گەپ - سۆزلەرگە ئېچىنىپ، «ساقال - بۇرۇت بىلەن ئىدىيىنىڭ، ساقال - بۇرۇت بىلەن پارتىيىۋىلىكنىڭ نىمە مۇناسىۋىتى؟ دۇنيادا شۇنچە ئىلغار نەزىرىيىنى ياراتقان ماركس، ئنگىلسلارنىڭمۇ ساقال بۇرىتى بارغۇ؟» دىگەندە، ئايرىم ئاتىكاچى يولداشلىرىمىز «سىلەر بىلەمسىلەر؟ ماركىس بىلەن ئنگىلىس قايسى دەۋىرنىڭ ئادىمى؟» دېگەنىدى .
نىمە دېگەن كاتتا ئاساس؟ ئەجەبلىنەرلىككى، بۇدۇنيادا ئىدىيىسى ئاجايىپ ئىلغار، ساقال بۇرىتى قالاق ئادەملەرمۇ ئۆتۈپتىكەن. ئۆزىمىزنىڭ بىلىمسىزلىكىگە توۋا قىلماي ئامال يوق. بىز ماركس بىلەن ئنگىلسنىڭ كونا زاماننىڭ ئادەملىرى ئىكەنلىگىنى ئەستىن چىقىرىپ قويۇپتۇق. مەھمۇد قەشقىرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك بۈيۈك ئەجداتلىرىمىزنىڭمۇ بېشىغا شەپكە كىيمەي سەللە يۆگىۋالغىنىدەك «گوناھ»ئىنىڭ بارلىقىنى خىيالىمىزغا كەلتۈرمەپتۇق.
ھېلىقى ئاتىكاچى يولداشلىرىمىز ماركس بىلەن ئنگىلس، مەھمۇد قەشقىرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ ياشىغان دەۋرىنىلا بىلىپ، ئۇلار ياشىغان دەۋىرنىڭ ئارقى كۆرىنىشى، مەدىنىيەت، ئۆرۈپ - ئادەت قاتارلىقلارنى، ئۇلار ياراتقان ئىدىيە، ئىجادىيەت - كەشپىياتلارنى تېخىچە بىلمىگەن بولسا، بۇ كەمدە ئەمدى ئۇلارغا دەرس سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. بىز ھازىرقى دەۋىر كىشىلىرى دۇنيا تارىخىدىكى بۇ تۆت بۈيۈك ئادەمنى كۆرمىگەن. پەقەت رەسساملارنىڭ مېھنىتى ئارقىلىق ئۇلارنى ساقال - سۇمباتلىق ۋە سەللىلىك ھالىتى بىلەن تۇنىغان. بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئۇلارنىڭ ساقال - بۇرۇتى ۋە سەللىسى ئۇلارنىڭ دۇنيادا تەڭدىشى يوق بۈيۈك ئالىملىقىغا قىلچە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، بەلكى ئاشۇ سىرتىقى كۆرۈنۈش ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن ياراتقان ئاجايىپ تۆھپىلىرىنى تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزىدۇ. بىراق، ماركس، ئنگىلسلار ساقال بۇرۇتىنى ئېلىۋەتكەن، مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلار سەللە كىيمىگەن بولسا، زامانىمىزدىكى ئومۇملاشقان مۇدا بويىچە ئۆزىنى تۈزىگەن بولسا، مۇشۇنداق گەپلەرگە قالارمىدى؟
لېكىن ئۇ بوۋىلىرىمىزدىن بۇ ھەقتە ئاغرىنىشقا ھەققىمىز يوق. ئەيىب كىمدە بولسا شۇ تۈزتىشى كېرەك. شۇڭا، مەن رەسساملارغا مۇنداق تەكلىپ بەرمەكچىمەن: بونىڭدىن كىيىن ماركس،ئنگىلسلارنىڭ رەسىمىنى ساقال - بۇرۇتسىز قىلىپ، مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ رەسىمىنى بېشىغا شەپكە ياكى شىلەپە كىيگۈزۈپ سىزىڭلار. ئەمما، ئۆز تەكلىپىمگە قارىتا يەنە بىر گۇمانىم بار: ئاشۇ تۆتەيلەن يۇڭدىۋېتىلگەن ئېڭىكىنى كۆرۈپ قەبرىسىدە نېمىلەرنى دەركىن؟
بۇ ئەسەر <يىڭى قاشتىشى > ژۇرنىلىنىڭ 2004 يىىللىق 4-سانىدا ئىلان قىلىنغان.


ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.
评论