مۇستەبىتنىڭ زاۋال تېپىشى - [مۇلاھىزە]
2013-05-03
«ئۆلۈش نېمىشقا شۇنچە تەس!» بۇ فرانكونىڭ ئۆلۈش ئالدىدىكى ئەڭ ئاخىرقى سۆزى. ئۆلۈم مۇستەبىتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئالاھىدە تەس، ئۇلار تەبىئىي سەۋەب بىلەن مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆلگەندىمۇ شۇنداق.
مۇستەبىتلەرنىڭ ئۆلۈم ئالدىدا جان تالىشىشى ھەمىشە چوڭ ئويۇننىڭ باشلىنىشىدۇر، خۇشاللىقىدىن قىن-قىنىغا پاتماي قالغان ئامما، سىياسىي ھاياتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان يوشۇرۇن ۋارىس، يەنە مۇستەبىتنىڭ تۇققانلىرى، ئۇلار ھەمىشە پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ، بارلىق كۈچى بىلەن خوجايىنىنىڭ ھاياتىنى ئۇزارتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئورنىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. فرانكونىڭ كۈيئوغلى قوشۇمچە ئائىلە دوختۇرى ھاياتلىق ئەسۋابى ئارقىلىق بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان مۇستەبىتنىڭ ئۆمرىنى بىر ئايدىن كۆپرەك ئۇزارتتى.
ۋېنسۇئىلا پرېزىدېنتى چاۋېسنىڭ ئەمەلىي ئۆلۈپ قانچىلىك ۋاقىتتىن كېيىن ئۆلۈم خەۋىرىنىڭ رەسىمىي جاكارلانغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس. ۋېنسۇئىلا ئەمەلدارلىرىغا ئۆزىنىڭ سىياسىي كەلگۈسىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت كېرەك، ئۇلار چاۋېسنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ۋە ئەڭ ئاخىرقى ئۆلۈم ۋاقتىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرىدۇ، چاۋېسنىڭ جېنى تۇمشۇقىغا كېلىپ قېلىپ، مۇرەككەپ ۋە ئازابلىق راك كېسىلى داۋالىشىنى قوبۇل قىلىۋاتقاندىمۇ، ئۇلار يەنى چاۋېسنى «مېڭىپ يۈرمەكتە ۋە ھەرىكەت قىلماقتا» دەپ جاكارلايدۇ. بۇ ئۇچۇر ۋاكۇئۇمى كىشىگە ستالىن ۋە ماۋ زېدوڭ ئۆلۈشتىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى سىرلىق ئىشلارنى، تۈرك ئىمپېرىيىسىنىڭ سۇلتانىنىڭ ئۆلگەنلىكى نەچچە ھەپتە سىر تۇتۇلۇپ، ۋارىس چاڭ-توزانلىرى بېسىققاندىن كېيىن ئاندىن ئېلان قىلىش ئۇسۇلىنى ئەسلىتىدۇ.
چاۋېسنىڭ ئۆلىمىنى چۆرىدىگەن سەھنە دېكوراتسىيىسىدىكى ھېسىيات كونتروللىقى جەزمەن قىلچە شەخسىي سېھرىي كۈچى ۋە ئىشەنچ بولمىغان مارۇدونى سايلامغا قوللاشقا ئۆزگىرەيدۇ. ئەمما بۇنداق قىلىش چاۋېس نەسەبنامىسى بەرپا قىلالامدۇ؟
ئارگېنتىنادا، جۇئان پېرون ( Juan Perón’s) نىڭ ھاكىمىيىتى 1973-يىلى ئاپەت پەيدا قىلدى، گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، پېرونىزم 18 يىلدىن كېيىن 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىكى پرېزىدېنت كارلوس سائۇل مېنېم (Carlos Saúl Menem) دەۋرىدە قايتا باش كۆتۈردى، ئارقىدىن پرېزىدېنت نېستور كىرچنېر (Néstor Kirchner )، ئارقىدىن ئۇنىڭ ئايالى، ھازىرقى پرېزىدېنت كرىستىنا فېرناندىز ( Cristina Fernández) ھاكىمىيىتى بولدى. چرىستىنا فېرناندىز كۆپتۈرۈپ سۆزلىگەن نۇتىقىدا ئۆزىنىڭ ئېرىنى ئەۋلىيالىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش مەقسىتىنى ئىپادىلىدى، خۇددى پېروننىڭ ئايالى ئېۋىتا (Evita) پېروننى ئىلاھلاشتۇرغانغا ئوخشايتتى. ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيان، كرىستىنا ئاساسىي قانۇنغا سادىق بولىدىغانلىقىنى جاكارلاپلا قالماي ھەمدە ئېرى نېستور كىرچنېرغا سادىق بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
بارلىق جانلىقلارغا ئوخشىمايدىغىنى، مۇستەبىتلەر ئۆلگەندىن كېيىن ھەقىقەتەن شان-شەرەپكە مۇيەسسەر بولالايدۇ. قەدىمقى مىسىردا، ئۆلگەن پىرئەۋىن مومىيا قىلىنىپ سىرلىق بۇتخانىغا دەپنە قىلىناتتى. رىمدىكى بىرىنچى پۇقرا ئاۋگۇستۇستىن كېيىن، تۆھپىدارلار پالاتاسى بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ئۆلگەن خانغا ئەۋلىيالىق ئورنى بېرەتتى. ئەلۋەتتە، شۇنچىلىك چوقۇنۇش خاننىڭ ۋارىسىنىڭ سىياسى مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىدى، ۋارىس ئۆزىنى ئىلاھ بەرگەن پادىشاھ دېيەلەيتتى، بىرل ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ مۇقەددەر ئورنىدىن بەھرىمان بولالايتتى.
چاۋېس سىياسىي دۈشمەنلىرىنى كولدۇرلىتىشقا ماھىر، ئەمما ئۇ ئۆزىگە زىيادە مەپتۇن بولۇپ كەتكەن بولۇپ، سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندا ۋېسپاسىيان (Vespasian) دەك ئەڭ ئاخىرى ئۆزىنى مەسخىرە قىلىپ:«ئاھ خۇدا، مەن چوقۇم ئىلاھ بولالايمەن» (سۇتونىس خاتىرىلىرى) دېيىشكە ئامالسىز. چاۋېسنىڭ جەسىتىنى ئۇزۇنغىچە ساقلاشتەك كۈلكىلىك ئوي ۋاز كېچىلدى، سەۋەبى جەسەت سىياسىي ئويۇنلارنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا ئاممىغا نامايان قىلغاندا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ.
ئىلاھمۇ؟ چوقۇم ئەمەس. ئەۋلىيامۇ؟ ئېھتىمال شۇنداقتۇر. ئەمەلىيەتتە، «مۇقەددەس ئېۋىتا» (ئارگېنتىنا يازغۇچىسى توماس ئېلوي مارتىنېز شۇنداق دېگەن) يېتەرلىك ياخشى بولدى، چاۋېسمۇ ھەم شۇنداق. گارسىيە ماركۇس «مۇستەبىتنىڭ زاۋال تېپىشى» ناملىق ئەسىرىدە سەكراتقا چۈشۈپ قالغان مۇستەبىتتەك، چاۋېسمۇ سالاپەتلىك ھالدا نامرات ئاممىنىڭ تەقدىرىگە قايغۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، چاۋېس كۆپ يىللاردىن بېرى ۋېنسۇئىلا ئاممىسى تەرىپىدىن مۇقەددەس ساخاۋەتچى، قەھرىمان، نامراتلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى دەپ قارىلىپ كەلدى. ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئېھتىمال ئۆزىنى ئۇنتۇلماس دەپ قارىغىنىدەك نامغا ئېرىشىشى مۇمكىن.
ئەپسانىلەردە مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان بىر قىسىمى بولىدۇ، يەنى داھىيلارنىڭ ئۆلىمىنى چۆرىدىگەن سىرلىق تۇيغۇ. ئادەتتىكى تەبىئىي ئۆلۈم بىلەن مۇستەبىتلەرنىڭ سىرتقى كۈچلۈك دۈشمەندىن مۇداپىئەلىنەلەيدىغان ئىچكى خائىنلارنى قاتتىق جازالايدىغان قەھرىمانە ئوبرازى بىلەن قەتئىي سىغىشالمايدۇ. گەرچە ئەپسانىلىقىنى ھەقىقەتەن ئاشۇرغان بولسىمۇ، مارۇدونىڭ سۇيقەست نەزەرىيىسىدىكى ئۆزىنىڭ ئىنقىلاب ئۇستازى چاۋېسنىڭ راك كېسىلى «ئۆزىگە يول قويدۇرماقچى بولغان قارا كۈچلەر» نىڭ زەھەر سېلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان دېيىشى يېڭىلىق ئەمەس. چاۋېسنىڭ ئۆزىمۇ ئۆزىنىڭ چوقۇنغۇچىسى بولىۋار 1930-يىلى كولۇمبىيىدە دۈشمەننىڭ زەھەر سېلىشى بىلەن ئۆلگەنلىكىنى ئىزچىل دەيتتى.
تارىخنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچى ھەمىشە رېئاللىقتىن ئۈستۈن بولىدۇ. تارىخ مارۇدوغا بەرگەن قاراشنىڭ تېخىمۇ كۆپ دەلىللىرى بار. ناپالېئون سانت ھېلىنا ئارىلىدا سۈرگۈن بولغان مەزگىلدە مەرگىمۇش بىلەن ئاستا-ئاستا زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەنمۇ؟ لېنىن سىفىلس، سەكتە ياكى ستالىننىڭ زەھەرلىشى بىلەن ئۆلگەنمۇ؟ ستالىننىڭ ئۆلىشىمۇ ناھايىتى غەلىتە، مەخپىي ساقچىلار باشلىقى بېرىيا ستالىننى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەنمۇ؟ ياكى ئاساسلىق رەقىبى، يوگۇسلاۋىيىنىڭ رەھبىرى تېتو زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەنمۇ؟ «ھۆرمەتلىك داھىي» كىم جوڭئىلنىڭ يۈرەك كېسىلى كارۋاتتا ياكى پويىزدا ئۆزى سۆيىدىغان خەلقىگە مەلۇم پاراۋانلىقنى تارقاتقاندا قوزغالغانمۇ؟ ئەلۋەتتە، رەززىل جاھانگىرلارنىڭ زەھەر سالدى دەپ ئەيىبلەشمۇ كىم جوڭئىلنىڭ ئۆلىمى ھەققىدە ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنىڭ بىر قىسىمى.
مارۇدو ئۆزىمۇ ئىسرائىلىيە پەلەستىننىڭ سابىق پرېزىدېنتى ئەرافاتنى زەھەرلەپ ئۆلتۈردى دېگەن پىتنە-ئىغۋانى نەقىل قىلدى. ئۇ يەنە مىسىرنىڭ 1970-يىلى يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلگەن رەھبىرى ناسىرنى تىلغا ئالدى؛ ناسىرنىڭ يېقىن دوستى، مۇخبىر مۇھەممەد ھەسەنىن ھەيكەل ناسىرنى ياردەمچىسى، قوشۇمچە ۋارىسى سادات زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەن دەپ ئىزچىل جار سېلىپ كەلدى.
گەرچە چاۋېسنىڭ ئەپسانىسى داۋاملاشسىمۇ، ئەمما چاۋېسئىزمنىڭ داۋاملىشىشى ناتايىن، چۈنكى ئۇ ھەقىقىي ئىدېئولوگىيە ئەمەس، بەلكى كونا سىياسىي تۈزۈلمىگە بولغان بايقۇت قىلىش ۋە يېڭى دۈشمەن تىكلەش كەيپىياتى خالاس. چاۋېسئىزمدا (مەسىلەن) پېرونىزمدەك مۇستەھكەم ئاساس كەمچىل، پېرونىزم سىغدۇرۇشچان ھەرىكەت، ئاساسى بولسا ياخشى تەشكىلچانلىق ئەنئەنىسىگە ئىگە ئىشچىلار سىنىپى ۋە مىللەتچى بۇرژۇئازىيە. چاۋېسئىزم پۈتۈنلەي تۇغما قابىلىيەتلىك رەھبەرلىك كۈچىگە تايانغان، نېفىت بايلىقىنىڭ شەرق شامىلىغا تايىنىپ ئىلگىرى سۈرگەن ئىجتىمائىي پىلاندىن باشقا نەرسە ئەمەس.
مەنبە: ئاپتورى شلومو بېن-ئامى ئىسرائىلىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى، پارلامېنت ئەزاسى بولۇشتىن ئىلگىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىسپانىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بولغان. .
http://www.qutad.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=4673


ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.