• يى جوڭتىيەن تارىخقا يۈزلىنىش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: « بىز تارىخنى باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان. تارىخنىڭ قاتناشقۇچىلىرى ئەمەس ، ھەتتا تارىخنى ياندا تۇرۇپ تاماشا قىلغۇچىمۇ ئەمەس. شۇڭا بىز ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى ، نەدىن كېلىپ نەگە كېتىۋاتقانلىقىمىزنى بىلمەيۋاتىمىز . شۇ ھالىمىزغا تېخى نېمىنىڭ‹ جۇڭخۇانىڭ يىلتىزى› ، نېمىنىڭ ‹ جۇڭخۇا ئارزۇسى› ، نېمىنىڭ ‹ جۇڭخۇا روھى› ئىكەنلىكىگە دەل ھەم توغرا جاۋاب بېرەلىشىمىز ناتايىن. قانداق ئادەم بولسا شۇنداق كىتاب بولغىنىدەك قانداق كىتاب بولسا شۇنداق ئادەم بولىدۇ. شۇڭا، جۇڭخۇانىڭ تارىخىنى چوقۇم قايتا يېزىپ چىقىش ئارقىلىق ھازىرقى تەپەككۇر ئۇسۇلىمىز ۋە ئىپادىلەش شەكلىمىزنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك

  • ۋېنسۇئىلا پرېزىدېنتى چاۋېسنىڭ ئەمەلىي ئۆلۈپ قانچىلىك ۋاقىتتىن كېيىن ئۆلۈم خەۋىرىنىڭ رەسىمىي جاكارلانغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس. ۋېنسۇئىلا ئەمەلدارلىرىغا ئۆزىنىڭ سىياسىي كەلگۈسىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت كېرەك، ئۇلار چاۋېسنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ۋە ئەڭ ئاخىرقى ئۆلۈم ۋاقتىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرىدۇ، چاۋېسنىڭ جېنى تۇمشۇقىغا كېلىپ قېلىپ، مۇرەككەپ ۋە ئازابلىق راك كېسىلى داۋالىشىنى قوبۇل قىلىۋاتقاندىمۇ، ئۇلار يەنى چاۋېسنى «مېڭىپ يۈرمەكتە ۋە ھەرىكەت قىلماقتا» دەپ جاكارلايدۇ. بۇ ئۇچۇر ۋاكۇئۇمى كىشىگە ستالىن ۋە ماۋ زېدوڭ ئۆلۈشتىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى سىرلىق ئىشلارنى، تۈرك ئىمپېرىيىسىنىڭ سۇلتانىنىڭ ئۆلگەنلىكى نەچچە ھەپتە سىر تۇتۇلۇپ، ۋارىس چاڭ-توزانلىرى بېسىققاندىن كېيىن ئاندىن ئېلان قىلىش ئۇسۇلىنى ئەسلىتىدۇ.

  • بىزنى قۇل قىلىۋاتقىنى كۆكسىمىزگە بەتلەنگەن سۈرلۈك ئاپتۇمات ئەمەس خىيالىمىزنى قاپلىغان ۋەھىمىلىك ئاقىۋەت. چۈنكى بىزنىڭ قورقۇۋاتقىنىمىز ئاللاھ ئەمەس ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىدۇر. بىزنىڭ مەدەت تىلەۋاتقىنىمىز قەلبىمىزدىكى ئاللاھ ئەمەس ئەتراپىمىزدىكى ئىنسانلاردۇر. بىزنىڭ مەسلەھەت سوراۋاتقىنىمىز ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىشنى ئەمەس ئىھتىياتقا مۇراجەت قىلىشنى تەكىتلەيدىغان پاسىبانلىرىمىزدۇر. مەنچە بىزنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرىدىغىنى كۈچىمىزنىڭ قانچىلىك زورلۇقى ئەمەس بەلكى ھەق يولىدا قانچىلىك مۇستەھكەملىكىمىز، نىيىتىمىزدە قانچىلىك قەتئىي، قانچىلىك سەمىمىيلىكىمىزدۇر.

  • جوڭگو ماللىرىنىڭ دۇنيادىكى ئەرزان باھاسى، ماھىيەتتە جوڭگونىڭ بايلىق كۆز قارىشىنىڭ تۆۋەنلىكى  شۇنداقلا رىقابەت ئىقتىدارىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. جوڭگودا بايلىق شۇنچىۋالا كۆپمۇ ؟

    ئون يىگىرمە يىلدىن بېرى نۇرغۇن يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى  بايلىقلارنى ئىشلىتىش بەدىلىگە خەلقارادا كارخانە مەھسۇلاتى جەھەتتە قانچىلىك ئىناۋەتلىك مەھسۇلات يارىتالىدى؟!

  • بىز ئۇيغۇرلاردا "يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس" دېگەن تەمسىل بار. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان "چاڭ" نى غەلىبىگە ئېرىشىش جەريانىدىكى داۋراڭ دېسەك، "داڭ"نى شۇ چاڭلىق جەريان ئېلىپ كەلگەن غەلىبە دېيىش مۇمكىن. چاڭلىق جەرياندىن داڭلىق نەتىجە يارىلامدۇ؟ داڭق چىقىشتىن بۇرۇن چوقۇم چاڭ چىقىرىش كېرەكمۇ؟ مەنچە داڭق چىقىرىشتىن بۇرۇن چاڭ چىقىرىشقا ئالدىراش "ھەممە ئىش نەتىجە ئىتىبارى بىلەن گۈزەل" دېگەن تەلىمگە خىلاپ كېلىدۇ. ئىشنى باشلا باشلىماي چاڭ چىقىرىشنى ئويلاش غەلىبە جەريانىدىكى يالغۇزلۇققا، زېرىكىشكە چىدامسىزلىق قىلىش دېمەكتۇر. بۇنداق چاڭ- داۋراڭسىز ئىش قىلالماسلىق، يالغۇز ئاتنىڭ- شەخسنىڭ ئاۋامغا ئوخشىمايدىغان غەلىبىسى خاھىشى، مەيلى، تۇيغۇلىرىنى جىنايەتتەك كۆرۈپ تەقىپلەش، ئىنساننىڭ ئىجادىيەت، تۆھپە ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئومۇمنىڭ پاسىبانلىقىغىلا باغلاپ قويۇش نەدىن كەلگەن؟ "

  • ئېنگىلىز تىللىق كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلغان تارىخىم ئۇزۇن بولغان بىلەن ئۇلارنىڭ مېنى "بۇرادەر" دېگىنىنى ئاڭلىماپتىكەنمەن. رابى ئىسىملىك بۇ كۆك كۆز، سېرىق چاچلىق ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچۇم بىر مەزگىللىك ئالاقىدىن كېيىن مېنى "بۇرادەر" دېيىشكە باشلىدى. بۇرادەر دېگەن بۇ سۆز ئۇيغۇرچە بىلەن ئېنگىلىزچىگە ئورتاق سۆز بولۇپ "قېرىنداش" دېگەن مەنىدە ئېدى. ئېنگىلىز تىللىقلار ئاكا دېگەننى چوڭ بۇرادەر، ئۇكا دېگەننى كىچىك بۇرادەر دەپ ئاتايتتى

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىمكا، قانداق ئەھۋالىڭىز؟ تېنىڭىز سالامەت ئوبدان تۇرىۋاتامسىز ياكى كاۋاپچىلىقىڭىزنىڭ ئالاھىدە ياخشى بولۇپ كېتىشى بىلەن ئالدىراشچىلىقتا كېچە ئۇيقۇسىز قېلىۋاتامسىز؟ سىز مېنى تونۇمايسىز، چۈنكى بىزدەك ئاددىي پۇخرالارنى سىزدەك كاتتا كىشىلەرنىڭ تونۇپ يۈرۈشىنىڭمۇ ھاجىتى يوق ھەم بىزگە ئۇنداق ئىلتىپاتلارمۇ بولمايدۇ.

    نېمە؟ سىز مېنى قانداق تۇنىۋالدىڭىز دەۋاتامسىز؟ ۋاي ئاللا، مۇشۇمۇ سۇئال بولدىمۇ ئالىمكا؟ خاتالاشمىسام سىزنىڭ ھەر قايسى تەشۋىقات ۋاستىلىرىنىڭ قىززىق نوقتىسى بولۇپ قالغانلىقىڭىزغىمۇ ھەش-پەش دېگۈچە ئىككى يىلدىن ئېشىپ قالدىغۇ دەيمەن؟ شۇڭا بىزدەك دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە ئاز تولا ساۋادى چىقىپ قالغان، ئانا تىلنى ھېجىلاپ بولسىمۇ ئوقۇيالايدىغان، خەنزۇ تىلىدىن ۋو شى ۋېي زۇ (我是维族) دېيەلەيدىغان بولغانلار ئۈچۈن بۇنداق تەشۋىقات ۋاستىلىرىنىڭ قىززىق نوقتىسى بولغان ئاتاقلىق كىشىلىرىمىزنى تونۇماسلىق مۇمكىنمۇ؟

      uyulinix.com   uzulinix.com  

   مەرىپەت تورى       ئالىپ  tutax ulinixi

 

   yuksel blog        

 ئۆزقان     atashart   بىلىم بايلىق بىلوگى   padixah

qawandazlar   hanjamati  ئەنئەنەبلوگى   tashqin سەھرا بلوگ

    فاني بىلوگى  دەرسلىك بلوگى