شى داگاڭ : « شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتىدە مەسىلە يوق» - [خەۋەرلەر]
2013-06-05
سىنگاپور « بىرلەشمە سەھەر گېزىتى تورى »نىڭ 2013يىل 5-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋېن رەئىسى شى داگاڭ : « شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتىدە مەسىلە يوق ، شۇ يەردىكى رەھبەرلەرنىڭ يېنىدا مۇھاپىزەتچى ھەم قورال ئېلىپ يۈرىشى ھاجەتسىز . خەنزۇ كادىرلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆز-ئارا ھۆرمەتلەش ۋە دوستانە مۇناسىۋەت بار » دېگەن.
شىنجاڭدا ئالدىنقى ئايدا يۈز بەرگەن 21 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتەك زوراۋانلىق ۋەقەسىگە قارىتا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋېن رەئىسى شى داگاڭ شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈم بېرىۋاتقانلىقىنى ؛ جەمئىيەتنىڭ مۇقىم بولۇپ ، ۋەزىيەتنىڭ ياخشى تەرەپلەرگە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى، شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلسە ھېچقانداق مەسىلە چىقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ شىنجاڭ ۋەزىيتىدىكى رازىمەنلىك كەيپىياتىنى ئىپادىلىگەن.
جۇڭگو گوۋۇيۇەنىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى 28-ماي شىنجاڭنىڭ سىرىتقا قارىتا ئېچىۋېتىش ، ئىقتىساد-سودا ھەم 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئاسىيا-ياۋروپا يەرمەنكىسى ئۇيۇشتۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ئاچقان مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋېن رەئىسى شى داگاڭ : « شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتىدە مەسىلە يوق ، شۇ يەردىكى رەھبەرلەرنىڭ يېنىدا مۇھاپىزەتچى ھەم قورال ئېلىپ يۈرىشى ھاجەتسىز . خەنزۇ كادىرلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆز-ئارا ھۆرمەتلەش ۋە دوستانە مۇناسىۋەت بار » دېگەن.
شى داگاڭ ئۆزىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا 10نەچچە يىل خىزمەت قىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ ، ئۆزىنىڭ ئەزەلدىن يېنىدا مۇھاپىزەتچى ھەم قورال ئېلىپ باقمىغانلىقىنى، ئاساسى قاتلاملاردىكى باشقا خەنزۇ كادىرلارنىڭمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا خىزمەت قىلغاندا ھېچكىمنىڭمۇ قوغدىغۇچى ئېلىپ يۈرمەيدىغانلىقىنى ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ شۇنداق ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيىتقان.
شىنجاڭدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈز بەرگەن ئېغىر زوراۋانلىق ۋەقەلىرى چەتئەللەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارىتتى. 2009-يىلدىكى «7.5»ۋەقەسىدە 140دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى. ئالدىنقى ئاينىڭ 23-كۈنى قەشقەرنىڭ مارالبېشى ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن تېرورلۇق ۋەقەسى 21 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇنى «چەت ئەللەردىكى مۇستەقىلچى كۈچلەر تەشكىللىگەن مالىمانچىلىق ، شىنجاڭدىكى زوراۋان-تېرورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قاتىللىرى » دەپ ئەيىپلىدى.
شىداگاڭ بۇنىڭغا قارىتا : « بۇلارنى تېرورىزم، مىللىي بۆلگۈنچىلەر ۋە ئاشقۇن دىنىي كۈچلەردىن ئىبارەت ‹ئۈچ خىل كۈچلەر› كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇلارنى تەشكىللىگەن ھەم پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ قوللاۋاتقانلار چېگرا سىرتىدا.ئۇلار ۋەقە چىقىرىش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ چوڭ-ياخشى ۋەزىيىتىگە قارا سۈركەش ۋە سەلبىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆز-كۆز قىلىدۇ»دىدى.
شى داگاڭ مۇنداق دىدى : « بۇ ئاشقۇن كۈچلەر سان جەھەتتىن ئاز بولسىمۇ ئەمما، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئىناق تەرتىۋىنى بۇزۇشىغا يول قويماسلىق كېرەك. بىز قانداقسىگە ئەشۇ ئاز ساندىكى ئاشقۇنلار، مىللىي بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارنىڭ شىنجاڭنى دۆلەت تېرىتورىيىسىدىن ئايرىپ چىقىپ كېتىشىگە يول قويغۇدەكمىز؟ بىز يەنە قانداقسىگە ئۇلارنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئىناق تەرتىۋىنى بۇزۇشىغا يول قويغۇدەكمىز؟ بۇ ئەلبەتتە، يول قويۇشقا بولمايدىغان ئىشلاردۇر».
«دۈشمەن كۈچلەر» گە قانداق تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىدە شى داگاڭ مۇنداق دىدى : « شىنجاڭدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يولغا قويۇلغان ‹ بىرگە قارشى تۇرۇپ، ئىككىگە ئەھمىيەت بېرىش› ( زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ ،سېياسىيغا ، تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىش) ھەمدە ‹ تەربىيە بېرىش، باشقۇرۇش ، قۇرۇش، زەربە بېرىش›تىن ئىبارەت سەككىز خەتلىك فڭجېن رايونلارنىڭ تېنىچلىقىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ كەلمەكتە».
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ مۇئاۋېن سېياسىي كوممىسسارى شۈ ۋېيخۇا مۇخبىرلانى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ چېگرا رايون قۇرۇلۇشى ۋە چېگرا رايوننى قوغداشتا موھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئارمىيىدىن كەسىپ ئالماشتۇرغان خەنزۇلاردىن تەركىپ تاپقان جۇڭگودىكى ‹ ئارمىيە ، ھاكىمىيەت ، كارخانا ئۆز-ئارا بىرىكتۈرۈلگەن› ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي تەشكىلات. بىڭتۇەننىڭ قارمىقىدا 13 دېۋىزىيە (بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى) ، 174 دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق تۇەن –مەيدان؛ 4391 سانائەت، قۇرۇلۇش،تىرانسىپورت، سودا كارخانىسى؛ مۇكەممەل ھالەتتىكى پەن-تەتقىقات، مائارىپ قاتارلىق ئىجتىمائىي كەسىپلەر ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرى ھەمدە تەخمىنەن 2مىليون 500مىڭ نوپۇسى بار.
شى داگاڭ مۇنداق دەيدۇ : « شىنجاڭنىڭ ئامانلىق ۋەزىيىتى ناچار دېگەن بۇ ئۇقۇم ئۇلارنىڭ خاتا تونۇشىدىن كەلگەن. شىنجاڭدىكى خەنزۇ كادىرلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىناق، دوستانە ياشىماقتا». شى داگاڭ يەنە يۇمۇرلۇق قىلىپ مۇنداق دەيدۇ : « بىز ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆيىگە مېھماندارچىلىققا بارساق ئۇلار بىزنى ئەڭ ياخشى گۆش- ھاراقلار بىلەن كۈتىۋالىدۇ. ناخشا ئېيتىپ-ئۇسۇل ئويناپ بېرىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ باغرى ناھايتى يۇمشاق، بەك ئالىي جاناپ ، مەرت-سېخى، كەڭ قۇرساق بولۇپ ، ياخشى كۆرۈدىغان يىمەكلىكلىرىنى تىقىپ قويىدىغان خەنزۇلارغا ئوخشىمايدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەر ياخشى كۆرۈدىغان يىمەكلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى داستىرخانغا تۆكۈپ مېھمان كۈتىۋالىدۇ. ئۇلار راستىنلا بەك قىزغىن ھەم مېھماندوسىتتۇر».
شى داگاڭ مۇنداق دەيدۇ : « شىنجاڭغا كېلىپ باقمىغان كىشىلەر تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە ئاساسلىنىپلا شىنجاڭنىڭ ئامانلىق ۋەزىيىتى ناچار ، دېگەن خاتا تونۇشقا كېلىپ قالىدۇ. ئەمەلىيەت دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە. كۆپچىلىكنىڭ غەم-ئەنشىلىرىنى تۈگىتىپ شىنجاڭغا كېلىپ كۆپرەك كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. دۈشمەن كۈچلەرنىڭ زەربە بېرىش ئوبىيېكتى ئۇلار ئۆچمەنلىك بىلەن قاراۋاتقان يەرلىك ئەمەلدارلاردۇر».
ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ سىتاتىسكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكى يېقىنقى 10 يىلدا %10%دىن %20 گە كۆپەيگەن. بۇلتۇرقى ساياھەتچى ئومۇمىي سانى 48مىليون 610مىڭ ئادەم قېتىمىغا يېتىپ ، 2009-يىلدىكىدىن بىر ھەسسە ئاشقان.
يەنە بىر خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، ج ك پ سېياسىي بىيروسى دائىمى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەملىكەتلىك سېياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 23-كۈنى شىنجاڭغا كېلىپ 6كۈن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ھەم دىنىي زادلاردىن ئاشقۇن دىنىي كۈچلەرنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ ، باشتىن ئاخىر يۇقۇرى بېسىملىق ۋەزىيەتنى ساقلاپ ، زوراۋانلىق، تېرورلۇق ھەركەتلەرگە قانۇن بويىچە قەتئىي زەربە بېرىپ ، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
http://www.zaobao.com/special/report/politic/cnpol/story20130529-209742
http://bbs.izdinix.com/showpost.aspx?Page=4&ThreadID=53553#Inkas


ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.