• سىنگاپور « بىرلەشمە سەھەر گېزىتى تورى »نىڭ 2013يىل 5-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋېن رەئىسى شى داگاڭ : « شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتىدە مەسىلە يوق ، شۇ يەردىكى رەھبەرلەرنىڭ يېنىدا مۇھاپىزەتچى ھەم قورال ئېلىپ يۈرىشى  ھاجەتسىز . خەنزۇ كادىرلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆز-ئارا ھۆرمەتلەش ۋە دوستانە مۇناسىۋەت بار » دېگەن.شىنجاڭدا ئالدىنقى ئايدا يۈز بەرگەن 21 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتەك زوراۋانلىق ۋەقەسىگە قارىتا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋېن رەئىسى شى داگاڭ  شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن  مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈم بېرىۋاتقانلىقىنى ؛ جەمئىيەتنىڭ مۇقىم بولۇپ ، ۋەزىيەتنىڭ ياخشى تەرەپلەرگە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى، شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلسە ھېچقانداق مەسىلە چىقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ شىنجاڭ ۋەزىيتىدىكى رازىمەنلىك كەيپىياتىنى ئىپادىلىگەن. 

  • جياڭسۇ ساقچى تەرەپ بىر ئالاھىدە چوڭ ساختا قوي گۆشى ياساپ ساتىدىغان شايكىنى بىتچىت قىلدى. 2009-يىلىدىن بۇيان، ئۇلار شەندۇڭدىن تۈلكە، چاشقان قاتارلىق تەكشۈرۈپ كارانتىن قىلىشتىن ئۆتمىگەن ھايۋانات گۆش مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىپ، ژېلاتىنا، كارمىن، سېلىترا قاتارلىقلارنى قوشۇپ قوي گۆشى قىلىپ كۆرسىتىپ، جياڭسۇ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازارلىرىغا ساتقان، دېلو قىممىتى ئون مىليون يۈەندىن ئاشقان. ئۆردەك گۆشىنى قوي گۆشى قىلىپ ساتسا، مۈشۈك گۆشىنى قوي گۆشى قىلىپ ساتسا، ۋىجدانسىز سېتىقچىلارنىڭ ساختا مال ياساش «تېخنىكىسى» بارغانسېرى كۆپەيگىلى تۇرغان مۇشۇنداق ئەھۋلدا قانداقمۇ يېمەك-ئىچمەكتىن خاتىرجەم بولغىلى بولار؟

  • ئالجىرىيە ۋاقىت گېزىتىنىڭ مۇخبىرى رادۋان ئوسمانىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئالجىرىيىنىڭ ئالاشىر شەھىرىدە يەرلىك سېتىۋالغۇچىلار جۇڭگو ياسىغان بوۋاقلار ئايىقىنىڭ تاپىنىدا ئېنىق قىلىپ مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى يېزىلغانلىقىنى بايقىغان، بۇ تاۋارلارنىڭ باھاسى تۆۋەن بولغانلىقتىن نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنى جەلب قىلغان.مەزكۇر ئەھۋالنى بىر شەھەر ئاممىسى گېزىتكە ئىنكاس قىلغان، ئۇ كىچىك ئوغلىغا تەنھەرىكەت ئايىقى ئېلىپ بەرگەندە بۇ ئەھۋالنى بايقىغان. ھەر خىل تاۋارلار بۇرۇنلا ئالاشىر شەھىرىنىڭ ھەر قايسى كوچىلىرىغا تولۇپ بولغان،

  • سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان گېزىتلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گوللاندىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى « ئاندوروفان» ئىسىملىك شەخس ئىسلام دىنىغا ۋە مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىكى بىلەن تونۇلغان ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھاقارەتلەپ ھەجۋى فىلىم ئىشلىگەن ئادەم بولۇپ، يەنە شۇنداق بىر ھەجۋى فىلىم ئىشلەش ئۈچۈن ماتېرىيال ئىزدەش جەريانىدا ئىسلام دىنى بىلەن يېقىندىن تونۇشۇپ، ئۇنىڭ ئەۋزەللىكىگە قايىل بولغان ۋە ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى ئېلان قىلغان. شۇنداقلا دىنغا قارشى ئىلگىرىكى قىلمىشلىرىغا قاتتىق پۇشايمان قىلىپ، مۇندىن كېيىنكى ئۆمرىنى ئاللاھنىڭ دىنىغا خىزمەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان

      uyulinix.com   uzulinix.com  

   مەرىپەت تورى       ئالىپ  tutax ulinixi

 

   yuksel blog        

 ئۆزقان     atashart   بىلىم بايلىق بىلوگى   padixah

qawandazlar   hanjamati  ئەنئەنەبلوگى   tashqin سەھرا بلوگ

    فاني بىلوگى  دەرسلىك بلوگى