ئۇيغۇر دېڭىزچىسى ئەلتۇقمىش توغرىسىدا قىسسە - [بىز كىم؟]
2011-03-21
كىشىلەر ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى زاماندا ئۆتكەن دېڭىزچىلىرىنى تىلغا ئالغاندا،ئالدى بىلەن مىڭ سۇلالىسى دەۋرى (1644-1368)دە ئۆتكەن،غەربى ئوكيانغا يەتتە قېتىم سەپەر قىلغان خۇيزۇ دېڭىزچى جېڭ خېنى تىلغا ئېلىشىدۇ.ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدىن 130 نەچچە يىل ئىلگىرى _يۈئەن سۇلالىسى دەۋرىدە (1368_1206)ئۆتگەن ئۇيغۇر دېڭىزچىسى ئەلتۇقمىش بولسا ھىندى ئوكيانغا سەپەر قىلىپ زور ئاتاق قازانغانىدى.
يازما تارىخى مەلۇماتلاردا ئەلتۇقمىشنىڭ شىنجاڭدا تۇغۇلغانلىقى ،يۈئەن سۇلالىسىنىڭ تۇنجى خانى قۇبلاينىڭ (مىلادى1265_يىلى)ئوردا نۆكىرى بولغانلىقى قەيت قىلىنغان.
ئەلتۇقمىش مىلادى 1272-يىلى قۇبلايخاننىڭ يارلىقىغا بىنائەن كېمە ئەترىتىگە باشچىلىق قىلىپ،جەنۇبى دىڭىزغا تۇنجى قېتىم سەپەر قىلغان.ئۇ بۇ قېتىمقى سەپىرىدە جەنۇبى دىڭىزدىكى بىر مۇنچە دۆلەت ۋە رايۇنلارغا بارغان،ئاخىرىدا فىلىپىن ئارىلىدىكى باروپ دۆلىتى ئارقىلىق چۈەنجۇ پورتىغا قايتىپ كەلگەن.
مىلادى 1275-يىلى ئۇ كېمە ئەترىتىنى باشلاپ باروپ دۆلىتىگە يەنە بىر قىتىم بارغان. ئۇ دۆلىتىگە قايتقاندا ،ئۇلار<<دۆلەت ئۇستازى>>نى شۇ يەرنىڭ داڭلىق دورا دەرمەكلىرىنى ئىلىپ جۇڭگونى زىيارەت قىلىپ كىلىشكە قوشۇپ قويغان.مىلادى 1284-يىلى ،ئۇ كىمە ئەترىتىنى باشلاپ زانگاس دۆلىتى (بۈگۈنكى سىرىلانكا )گە سەپەر قىلغان،بۇ قېتىم ھىندىچىنى يېرىم ئارىلى ،مالاي يىرىم ئارىلىدىن ئۆتۈپ ھىندى ئوكيان ئارقىلىق زانگاس دۆلىتىگە يېتىپ كەلگەن،بۇ قېتىم بىرىش-كىلىش سەپىرىدە ئۇ جەمئى 14 مىڭ چاقىرىم يول يۈرگەن.
ئۈچ يىلدىن كىيىن ئۇ يەنە قۇبلايخاننىڭ يارلىقى بويىچە ھىندى يىرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبى قىسمىدىكى مابار(بۈگۈنكى ھىندىستاننىڭ شەرقى جەنۇبى قىسمى)دۆلىتىگە سەپەر قىلغان،سەپەر داۋامىدا دەھشەتلىك بوران-چاپقۇنلارغا ئۇچراپ كۆپ زىيارەت چەككەن بولسىمۇ،ئاخىرى بىر يىل سەپەر قىلىپ مابار دۆلىتىگە يىتىپ بىرىپ تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىلىرنى ئورۇنلاپ،قىممەتلىك دورا-ماتىرياللىرى ۋە ياغاچ ماتىرياللىرىنى ئىلىپ غەلبىلىك قايتىپ كەلگەن.ئۇيغۇر دېڭىزچىسى ئەلتۇقمىش يۇقىرىقى تۆت قېتىملىق دېڭىز سەپىرىدە تۈرلۈق قىيىنچىلىقلارنى يىڭىپ ،ئۆز تالانتىنى نامايەن قىلغانلىقى ئۈچۈن قۇبلايخان ئۇنىڭغا مەرۋايىت كۆزلۈك كەمەر ئىنئام قىغان ھەمدە دىيانەتلىك بەگ،جىياڭخۇئەي دىۋان ۋازارىتىنىڭ سول قول ۋەزىرى خىڭچۈەن مەمۇرى مەھكىمىسىنىڭ تۆرىسى قاتارلىق مەرتىۋىلەرنى بەرگەن.
1287-يىلى ئەلتۇقمىش يۈئەن سۇلالىسىنىڭ ھەربى كېمە ئەترىتىگە قوماندانلىق قىلىپ،قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن جەنچىڭ شەھىرى (بۈگۈنكى ۋىيتنامنىڭ جەنۇبى قىسمىدا)نى ئىشخال قىلغان.1292-يىلى،يۈئەن سۇلالىسىنىڭ 1000ھەربى كىمىدىن تەركىپ تاپقان 200 مىڭ كىشىلىك دېڭىز ئەسكەرلىرى ياۋا ئارىلى (بۈگۈنكى ھىندونىزىيە)غا يۈرۈش قىلغاندا، ئەلتۇقمىشنى قوشۇننى ئامان-ئېسەن ۋەتىنىمىزگە قايتۇرۇپ كەلگەن،ئەلتۇقمىش ئۆمرىدە يەنە سورۇنچى ئامبال،دىۋان مۇئەككىلى ئاقىل-ئۆلىمالار مەھكىمىسىنىڭ ئەلچى بىگە قاتارلىق مەنسەپلەردە بولغان،يۈئەن سۇلالىسىنىڭ رىن زوڭ خانى ئۇنى يىراق جايلارغا كۆپ قىتىم ئەلچىلىككە بىرىپ كۆپ رىيازەت چەككەنلىكىنى نەزەرگە ئىلىپ ،ۋۇگوگۇڭ دېگەن ئۇنۋاننى بەرگەن.ئۇ تەخمىنەن 1314-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن.
ئەلتۇقمىش ئۆز ئۆمرىدە گەرچە يۈئەن سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ھەربى كىڭەيمىچىلىكىگە قاتناشقان بولسىمۇ،لېكىن ئۇنىڭ تۆت قېتىملىق دېڭىز سەپىرى يۈئەن سۇلالىسىنىڭ تىنىچ ئوكيان ،ھىندى ئوكيان رايۇنلىرىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىشتا مۇھىم رول ئوينىغان.جۇڭگو بىلەن دېڭىز قىرغىقىدىكى ئەللەرنىڭ سودا ۋە بادى كەلدى ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرگەن شۇنداقلا مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن جېڭ خېنىڭ تېخىمۇ يىراق دېڭىز سەپىرى ئۈچۈن قىممەتلىك تەجىربە توپلاپ بەرگەن.ئەلتۇقمىش ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى تۇنجى دېڭىزچى شۇنداقلا جۇڭگو تارىخىدىكى ئاتاقلىق شەخس بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
مەنبە: شىنجاڭ ياشلىرى 1987-يىللىق1-سانىدىن ئابلەت نۇردۇن تەرجىمىسى


ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.
评论