ئەنگىليەلىك ئالىمنى ئالدىغان ئۇيغۇر دېھقان - [تارىخ ۋە مەدەنىيەت]
2011-08-14
بىر ساۋاتسىز ئۇيغۇر دىھقاننىڭ ئەنگىليەلىك داڭلىق ئالىمنى بەش يىل ئاۋارە قىلغىنىنى ئاڭلىغانمۇ ؟!.ئىسلام ئاخۇن 1895يىللاردىن باشلاپ << كىرورەن دۆلىتى >> خارابىسىدىن تاپقان ، قەدىمىقى كىتاپ ،تەڭگە پۇل ،تۇرمۇش بۇيۇملىرى.......قاتارلىق نەرسىلەرنى ئەنگىليەنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلى جورجى مىكارتېينى ،چاررۇسىيەنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلى،نىكولاي پېتروۋىسكىي قاتارلىق كىشلەرگە خىلى كۆپ ساتقان .
قەدىمقى كىتاپلارنىڭ خىلى كۆپ پۇلغا يارايدىغانلىقىنى بىلگەن ئىسلامئاخۇن ،خوتەن قەغىزىنى كىتاپچە قىلىپ تۈپلەپ ،ئۇنىڭغا قەدىمىقى ئۇيغۇر يىزىقىغا ئوخشۇتۇپ بىر بەلگىلەرنى يىزىپ چىققان .ئاندىن ئۇ كىتاپنى ،سىۋەتكە سىلىپ ئېسىپ قۇيۇپ ئاسىتىدىن ئوت قالاپ،سارغايىتقان .ۋە يەنە نەم يەرلەرگە قۇيۇش ئارقىلىق ،بۇ كىتاپنى ھەقىقى قەدىمى كىتاپقا ئوخشاش قىلىپ ياساپ چىققان .
1900-يىلى شىنىجاڭغا كەلگەن ئەنگىليەلىك سەيياھ ئاۋرىل سىتەئىن ئىسلام ئاخۇندىن نۇرغۇنلىغان قەدىمقى كىتاپ ۋە باشقا كۆپلىگەن ئاسارە - ئەتىقىلەرنى ئىلىپ كەتكەن .ئاۋرىل سىتەئىن بۇ كىتاپنى سىتىۋىلىپ ، ئەنگىليەلىك قەدىمقى يېزىقلارنى
ئۇقۇپ نام چىقارغان داڭلىق ئالىم خوئىنلىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن .خوئىنلى بۇ كىتاپنى 5 يىل تەتقىق قىلىپ ،ھىچقانداق نەتىجىگە
ئىرشەلمىگەن .سىتەئىن بۇنىڭىدىن گۇمانلىنىپ ،1906-يىلى ئىككىنجى قىتىم شىنجاڭغا كەلگەندەئىسلام ئاخۇننى شۇ كىتاپنى تاپقان يەرگە باشلاپ بىرىشنى تەلەپ قىلغان .
ئىسلام ئاخۇن بولسا << ئۇ كىتاپلارنى باشقىلاردىن سېتۋالغاندىم ،ھازىر ئۇلارنى تاپالمايمەن >> دەپ تۇرۋالغان ،سىتەئىن بۇنىڭدىن تىخىمۇ گۇمانلىنىپ يەرلىك خەنزۇ ئەمەلدارغا ئىسلام ئاخۇن ئۈسىتىدىن ئەرىز قىلغاندىن كىيىن خەنزۇ ئەمەلدار ئىسلام ئاخۇننى قۇرقۇتۇپ ،ھەقىقى ئەھۋالنى ئىنىقلىغان .ئىسلام ئاخۇن ياسىغان ساختا كىتاپلارنى، جورجى مىكارتېينى،
نىكولاي پېتروۋىسكىي، ئاۋرىل سىتەئىن قاتارلىق كىشلەر تالىشىپ سېتۋالغاچقابازار ئىھتىياجىنى قامدىيالماي ئىسلام ئاخۇن ئادەم ياللاپ مەتبە ئارقلىق بىسپ چىقىرىش پىلانىنى تۈزگەن.
دىمەك ساۋاتسىز ئىسلام ئاخۇننىڭ مۇنداقلا جىجاپ قۇيغان خەتلىرىنى ،خوئىنلى5 يىل تەتقىق قىلغان .بۇ ئىش 20 - ئەسىر ئىلىم ساھەسىدىكى ئەڭ زور ئالدامچىلىق دەپ ئاتالغان.


ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.
评论