• روسىيەدە مۇسۇلمانلار تېلېۋېزىيە قانىلى ﺋېچىلدى - [بېلىۋىلىڭ]

    2012-08-21

    مۇسۇلمانلار تېلېۋېزىيە قانىلى Al-RTV نەچچى ئون مىليون روسىيە كۆرۈرمەنلىرىگە سۇنۇلدى 

     
      روسىيە مۇسۇلمانلار  ئاممىۋىي تېلېۋىزىيە قانىلى نەچچى ئون مىليونلىغان روسىيە كۆرۈرمەنلىرىگە يۈزلەندى . تېلېۋىزىيە قانىلى باش تەھرىرى  ئارىفجانوف روسىيە  ئاخبارات  ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ باياناتنى  ئېلان قىلدى . 
      روسىيە بويىچە بىرىنچى مۇسۇلمانلار   ئاممىۋى تېلېۋېزىيە قانىلى بۈگۈن 8-ئاينىڭ 19- كۈنى , يەنى  ئىسلام دىنى مۇرىتلىرىنىڭ مۇقەددەس رامىزان  ئېيىنىڭ  ئاخىرى ھىساپلىنىدىغان روزى ھېيت كۈنى تېلېۋىزىيە تىجارىتى  سودىگىرى  Tricolor TV ئارقىلىق تارقىتىلىشقا باشلىدى . 
     Tricolor TV يەنە ئىككى پىراۋوسىلاۋيان دىنى تېلېۋېزىيە قانىلى " مەسىيخ " ۋە " بىرلەشمە " لارنى ئۆز  ئىچىگە ئالىدىكەن . 
      ئارىفجانوف مۇنداق دەيدۇ , روسىيەدە مۇسۇلمان كۆرۈرمەنلەر ۋە  ئىسلامغا قىزىقىدىغانلارنىڭ سانى نەچچى ئون مىليونغا يېتىدۇ , بۇنداق توپ ناھايىتى زور ئىستىقبالغا ئىگە .  
      باش تەھرىر يەنە Al-RTV نىڭ مۇستەققىل دۆلەتلەر گەۋدىسى -- قازاقىستان ,  ئەزەربەيجان ۋە قىرغىزىستانلاردا  ئېچىلىش  مۈمكىنچىلىگى توغۇرلۇق سۆز قىلدى . 


    مەنبە : جوڭگو مۇسۇلمانلار تورى 
    分享到:

    历史上的今天:


    无觅相关文章插件
  • ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.

      评论

    • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېىندىشىم، چەۋەندازلار روزى ھېيىتىڭىزنى قۇتلۇقلايدۇ! كۈنلىرىڭىز خۇشاللىققا تولسۇن. ھېيىتنىڭ خاسىيىتى دىللارنى يورۇتسۇن!
      بارخان回复چەۋەنداز说:
      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،ھېيىت خۇشاللىقى بىرگە بولسۇن .ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ ھېيىتتەك ئۆتىشىنى تىلەيمەن ئامان بولۇڭ.
      2012-08-22 19:49:58