باش بەت  تارىخ ۋە مەدەنىيەت   تەرمىلەر مىللەت ھەققىدە  ئەدەبىيات-سەنئەت 

  • ئانا تىلىم - [ئەدەبىيات-سەنئەت]

    2010-08-16

                                 ئانا تىلىم

                       ئابدۇلخەمىد يۈسۈپ ھاجىم

    ئەي تىلىم --- ئۇيغۇر تىلى، سەن ئانا تىل ئەلنىڭ تىلى،
    سەن بۈيۈك تىل، سەن يېتۈك تىل --- بارچە تىللار سەرخىلى.
    سەن گۈزەل تىل، سەن سۈزۈك تىل، سەن ھوزۇرۇم، تاتلىقىم،
    سەن يۇۋاش تىل ھەم ئاسان تىل، سەندە نۇسرەت، شاتلىقىم.

    ئەۋۋەلى "ئىڭڭە"دە سىڭدىڭ جاڭھا، دىلنى لال قىلىپ،
    كەينىدىن بۇلبۇلغا ئوخشاتتىڭ زۇۋاننى بال قىلىپ.
    سەندە چىقتى پۇشتى ئۇيغۇرنىڭ تىلى ئۇيغۇرچىلاپ،
    سەن بىلەن تارقالدى ئۇيغۇر لەۋزىدىن خۇشبۇي گۇلاب.

    سەندە ھازىرلاندى، "مىللەت" شەرتىنىڭ بىر ماددىسى،
    سەن بىلەن بىخ سۈردى "مىللەت" شاھلىرىنىڭ قالدىسى.
    مىللىيەت مەۋجۇت "يارا"، مىللىتىڭ يوق بولمىسا،
    نەدە ئۇ مىللىي شەرەپ، ئىززەت تىلىڭ "توق" بولمىسا.

    تىل دىگەن ئەجداد بىلەن ئەۋلادنى باغلار --- رىشتە --- بىل،
    رىشتە چىڭلىقتا توقۇلغاي نە ئېسىل ئۇز كەشتە، بىل.
    ئانا تىل --- مىللىي تىلىڭ بولغاچقا ئۇيغۇرلۇق سېنىڭ،
    ئانا تىل بىرلە جاھان ئىچرە يۈزۈڭ نۇرلۇق سېنىڭ.

    ئانا تىل --- تىل غەزىنىسىدە قىپتۇ باي بىلسەم مېنى،
    ئەرەب، پارس ھەم --- ئۈگەندىم --- ئوردۇچە، خەنزۇچىنى.
    ئەي ياران! مەن "ھاجى" لىقتا قايسى يۇرتنى كەزمىدىم،
    ئانا تىل --- ئۇيغۇر تىلىدەك تەمدە بالنى سەزمىدىم.

    جان ياشاردى ئۈز زۇۋانىم بىرلە بىر سۈز ئاڭلىسام،
    قالدى ھەيران خەق شۇ تىلدا ئۈز ئېلىمنى داڭلىسام.
    چۈنكى بۇ تىل قانغا سىڭگەن ئەتىۋا تىل --- يۇرت تىلى،
    ئۇشبۇ تىلدا پۈتتى داستان، شائىرلىرىم --- يۇرت بۇلبۇلى.

    ئۇشبۇ تىلدا يازدى ئەللامە-ئەدىبلەر كۈپ زامان،
    ئۇشبۇ تىلدا قالدى مەۋجۇت شۇ يۈسۈپ، ماھمۇت ھامان...
    ئۇشبۇ تىلنى سەپكە تىزساق نەچچە پەرسەڭلار قاتار،
    بىرسى ئۇيغۇر، بىرسى ئۈزبېك ھەم قازاق، قىرغىز، سالار،تاتار.

     
    تىلغا ئەل ئەقدە، ئۇنىڭ ۋايى قەلەمكەش تىلچىدىن،
    ئۆچمىسۇن بۇ تىل ئىلى، تۇرپانۇ، قەشقەر، ئىلچىدىن.
    دەۋرىمىز بەردى ھوقۇقنى، تىل ساپلىقىن ساقلا دەپ،
    تىل-يېزىق ئەركى سېنىڭ ئىلكىڭدە بۇرچنى ئاقلا دەپ.

    ئەي زامانىم ياشلىرى ئەجرىڭدە پەرۋىش تاپسا تىل،
    شىر ناۋايىدەك چۈشۈپ بەيگىگە يەڭسە، چاپسا تىل.
    كىم خۇشال بولمايدۇ روھلار شاد بۈگۈن ھەم ئەتە شاد،
    ئانا تىل --- بايلىق! ئۇنى قوغدا، بۇ يولدا تۆھپە قات ! 
     


    收藏到:Del.icio.us





    评论

  • بلوگىڭىزغا قويغان ئېنگىلىزچە ئېلان توغرىسىدا ئازراق چۈشەنچە بېرەمسىز؟
    بارخان回复atashart说:
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ،بۇ ئىلاننى ئوتكەن يىلى كونا بلوگىمغا قويۇپ سىناپ باققانتىم ئۇچاغدا كىرىم ئەھۋالى بەك ياخشىتى.لىكىن بۇقىتىم كۈندۈزى ھەقسىز ئىلانلا چىقىپ تۇرىدۇ .كىچىسى پۇللۇق ئىلان چىقىدۇ.بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمىدىم.ئىلاننى قويغىلى بىر ئايدىن ئاشتى.جەمئى 6قىتىم چىكىلىپتۇ.0.3دوللار.ھەرچىكىلىشى 0.05دوللار ئەتراپىدا بوپتۇ.ئەگەر بلوگنىڭ زىيارىتى كۆپ بولسا ئىلان باھاسىمۇ يۇقرى بولىدىكەن.
    2010-08-23 20:22:59
  • بارخان ئەپەندى مەنمۇ ئېلگىركى بلوگۇمغا ئاۋۇ بدىۋىستىر ئېلانىنى( ئاۋۇ ئېنگىلىزچە ئېلاننى) قويغان ئىدىم ! ھازىر مەن ئۇنى ئەنئەنە بلوگىغا قويماقچى! سىز بىر تەڭشەپ بىرەلەرسىزمۇ ؟
    بارخان回复anana05说:
    قولۇمدىن كەلسىلا ياردەم قىلىمەن ،مەنمۇ ئۇنى بۇرۇن ئىشلەتكەن ،ئۇنىڭدا كىرىم خىلى يۇقۇرتى لىكىن بۇ قىتىم ھەقسىز ئىلانلا چىقىپ تۇرىدۇ.
    2010-08-20 20:29:11