ئۇيغۇرلار ھازىرغا قەدەر 6 دىننى بىشىدىن كەچۈرگەن. بۇلارنىڭ رەت-تەرتىپى ۋە ئىسىملىرى تازا ئىنىق ئىسىمدە قالماپتۇ، سۆزلىرىمگە بىر چېلەك گۇمان تاشلاپ قويۇڭ. تەڭرىزم بىلەن بىلەن شامانىزىمنى ئايرىماق تەس، ئەگەر توپلام بويىچە قارىساق، تەڭرىزىم شامانىزىمنى ئۆز ئىچىگە ئىلىشى مۇمكىن. ئەڭ بۇرۇنقى ئەجداتلىرىمىز سىرلىق تەبىئەتنى ئىلاھ سۈپىتىدە تونۇغان، بۇ خىل تونۇش دۇنيا خاراكتېرلىك ھەم، شۇڭا بىزدىكى تەڭرىزىمنىڭ ئوخشاخ بولمىغان ۋارىيانتىنى دۇنيانىڭ ھەرقانداق يىرىدىن تاپالايسىز. سىبىرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ياۋرۇ-ئاسىيا ئوتلاقلىرىدا ياشىغان يايلاق خەلىقلىرىدىن ساكلار، ھونلار، تۈركلەر، توڭگۇسلار(جۇرجىن، مانجۇ، موڭغۇل)، بۇلغارلار ۋە مەغيار(ھونگىر) قاتارلىقلارنىڭ تەڭرىزىم ئىتقادى ئالاھىدە ئوخشىشىدۇ، يەنى بىر-بىرىگە ۋارىسلىق قىلغاندەكلا. تەڭرىزىمدە دۇنيا ئۈچكە بۆلۈنگەن، يەر ئاستى (رەزىللىك ئىلاھلىرى)، يەر (ئىنسان ھاياتى) ۋە كۆك (تەڭرىلەر:ئاسمان، كۈن، ئاي). ئۇرۇش قىلىش پىلانلىرى دىگەندەك چوڭ ئىشلار كۈن(؟)، ئاينىڭ ھەركىتىگە ئاساسەن بولونغان. بۇ ھەقتە تارىخشۇناس تۇرغۇن ئالماسنىڭ كىتابلىرىدا خىلى كۆپ تەپسىلاتىلار بار. شامان بولسا ئادەملەر ئىچىدىكى ئىنسان بىلەن روھى دۇنيا ئارىسىدا ئالاقە ئىلىپ بارالايدىغان كىشى؛ كىشىلەرنىڭ روھىيەت مەسىلىلىرىنى (شۇنداقلا بىئولوگىيەلىك) رېمۇنتلايدىغان ئادەم، يەنى ئەڭ قەدىمكى 'دوختۇرلار'،'پىسخولوگلار'. بۇ نۇقتىدىن ئىيتقاندا تەڭرىزىم ئىلاھشۇناسلىق كاتىگورىيە بولسا، شامانىزىم روھىيەتشۇناسلىق دىسەك مۇۋاپىقتەك تۇرىدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە بۇلار زىچ گىرەلەشكەن. يەنى شاماننىڭ قولىدىكى دۈگلەك(!!) داپتا تەڭرىزىمنىڭ ئاساسى مەزمۇنى سىزىلغان بولىدۇ، داپنىڭ دۈگلەك بولوشى كۈن، ئاينىڭ شەكلىگە ئوخشىتىلغان دېيىلىدىكەن. خۇددى رەسىمدىكىدەك:
تەڭرىزىم ھازىرمۇ بەزى خەلىقلەردە بار، يەنى ئالتاي، سايان تاغلىرى ئەتراپىدىكى خاكاسلار بىلەن تۇۋالار (يەنە بىر ئىسمى كۆكمونچاق، نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئارخىئولوگىيەدىكى دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئۇيغۇر شەھەرچىسى مۇشۇلارنىڭ رايونىدا).تەڭرىزىم ئەڭ قەدىمى دىنمىز سۈپىتىدە ھازىرقى مەدەنىيىتىمىزدىمۇ قالدۇقلىرى خىلىلا بار. باخشىلار بۇنىڭ ئەڭ تېپىك مىسالى. يەنە خەلىقىمىزدە كەڭ تارقالغان ئىرىمىنى قىلىش ئادەتلىرى...
3. ئاتەشپەرەسلىك (ئاتەش=ئوت، =زورۇئاستېرنىزىم)
ئىلاھ ئىسمى ئاھۇرا مازدا، كىتابى:ئاۋىستا. 'پەيغەمبىرى': زوروئاستېر، يەنى مۇشۇ ئادەمنى بۇ دىننى بەرپا قىلغان ھەم تارقاتقان. مىلاددىن ئىلگىركى 5-ئەسىرلەرگە توغرا كىلىدۇ، ئەسلى ئىراننى مەركەز قىلغان. سۇ ۋە ئوت پاكلىقنىڭ سىمۋولى، گۇناھتىن ساقىت بولوشقا ئوخشاش ' نەزىرلەر' سۇ ۋە ئوتنى چۆرىدىگەن بولىدۇ. بۇ دىنمۇ بىزدە خىلى ئۇزۇن داۋاملاشقان، ھەم تەسىرىمۇ زور بولغان. ھازىرقى چاپچالدىكى ۋە مەن بىلمەيدىغان ۋەتىنىمىزدىكى باشقا يىراق يېزىلاردا توي مۇراسىمىدىكى تويى بولغان قىزنى ئوت ئۈستىدىن ئۆتكۈزۈشكە ئوخشاش ئىشلار مۇشۇ دىندىن قالغان.
4. بۇددىزىم
بەزىلەر بۇنى دىن ئەمەس دەيدۇ، ئاساسى بار، يەنى بۇددىزىم جەمئىتىدە ھەمما ئادەم راھىپ بولمايدۇ، شۇڭا دىن دىيىش توغرا ئەمەس دەيدىكەن. بۇ ئىقىم مىلادىدىن ئىلگىركى 6~4 ئەسىرلەردە بۇدداھ ساكيامونىنڭ قاراشلىرى ئاساسىدا تىكلەنگەن. ئىنسان ھاياتىنى ئايىغى چىقماس تۇغۇلۇش-ئۆلۈش- يەنە باشقا خىل شەكىلدە تۇغۇلۇش- چەمبىرى ئىچىدە دەيدۇ. بۇ دىن بىزدە خىلى ئۇزۇن داۋاملاشتى ھەم بىزگە تالاي مىڭ ئۆيلەرنى، كومىراجىۋادەك مەشھۇر دىنى ئالىملارنى، ناھايتى ئەتراپلىق تۈزۈلگەن تېل لۇغەتلىرىنى قالدۇرۇپ كەتتى. مەلۇم قالدۇقلىرى بىزدە بولوشى مۇمكىن، شۇ تاپتا بىرەر مىسال تاپالمىدىم. بۇ دىن ئۇيغۇردا ئىسلام پۈتۈنلەي ئومۇلاشقۇچە داۋام قىلدى.
5. نىستورىئان (خىرىستىئان)
چۈشەندۈرۈپ ئولتامىساممۇ بولىدىغۇ. پەقەت بىزدە دائىرىسى بەكلا كىچىك بولغان، پەقەت قىسمەن قەبلىلەرنىڭ ئىسلامدىن بۇرۇن ئىتقاد قىلغانلىق ھەققىدە خاتېرىلەر يىزىلغان. لىكىن ھازىر ئۈرۈمچىدەك شەھەرلەردە بۇلارنىڭ پائالىيىتى شىڭ شىسەي ۋاقتىدىكى قەشقەرگە ئوخشاش ئاۋۇپ قالدى.
5. مانى دىنى
بۇ دىن مىلادى 3~4 ئەسىرلەردە بارلىققا كەلگەن، مانى---ئادەم ئىسمى، يەنى دىن بەرپا قىلغۇچى، مەنبەسى ئىران. بۇ دىن ئۆزىگە ئاتەشپەرەسلىك، بۇدداھ ۋە خىرىستئان دىنىنىڭ ئىلمېنىتلىرىنى بىرلەشتۈرگەن دەپ قارىلىدۇ. دۇنيا ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ مەڭگۈلۈك تىركىشىشىدە داۋام قىلدۇ. بىزگە مانى مىسسىئونلىرى تەرىپىدىن كىرگەن، لىكىن تەسىرى زور ھەم ئۇزۇن بولمىغان.
يۇقارقىلار توغرىسىدا تۇرغۇن ئالماس كىتابىدا خىلى كۆپ تەپسىلاتلار بار، مەنچە ئەڭ ياخشى يىزىلغىنى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ «قەدىمكى مەركىز ئاسىيا» ناملىق كىتابى. كىيىن پۇشايمان قىلمايمەن دىسىڭىز بۇ كىتابنى ئىلىپ قويۇڭ، ھەقىقەتەن ئىسىل كىتاب، ئۆيىڭىزدە باشقا كىتاب بولمىسىمۇ بۇ كىتاب چوقۇم بولسۇن. بۇ خىل مەزمۇنلار باشقا يېڭى چىققان كىتابلاردا ھەم بولوشى مۇمكىن، بىلمىدىم.
6. ئىسلام دىنى
10-ئەسىردىكى قاراخانىلارنىڭ شاھزادىسى ساتۇق بۇغراخانىنىڭ سامانىلار خاندانلىقىدىن كەلگەن ئۇستازى تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلغان. دىيىلىشىچە ساتۇق بۇغراخان توققۇز يىشىدا(؟) مەخپى ئىمان ئىيتىپ، كىيىن خان بولغاندا دۆلەت دىنى قىلغان، شىمالدىكى ۋە خوتەندىكى ئۇيغۇرلاغا تارقىتىش ئۈچۈن تالاي قىتىملاپ ئۇرۇش قىلغان. بۇ ئۇرۇشلار ھەم نەچچە ئەسىر داۋام قىلدى. «غۇلجا خەلق قوشاقلىرى» ناملىق كىتابنىڭ بىرىنچى بىتىدە بىرىلگەن خەلق قوشىقى دەل شۇ چاغلاردىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار بىلەن كاپىر ئۇيغۇرلار (تات) ئارىسىدىكى ئىلىبالىق (ھازىرقى غۇلجا شەھرىگە يىقىن يەر) شەھىرىدەئىلىب بىرىلغان شىددەتلىك جەڭ تەسۋىرلەنگەن.
دۇنيادا بىزگە ئوخشاش بۇنچە كۆپ دىنلارغا ئىتقاد قىلغان مىللەتتىن يەنە قانچىسى بار بۇنى بىلمىدىم، ئەمما ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنى دۇنيانىڭ نەرىگىلا بارسۇن يۇرتىنى بۆلەكچىلا سىغىندۇرىدىغان رەڭگارەڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى جۇلاسىدا بۇ دىنلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق سىماسى بار. بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئىسلام دىنى ئىتقادىمىزمۇ ئۇيغۇرلاشقان ئىسلام دىنى دىگەن تۈزۈك، ئۇنىڭدا شۇنداق ھەر خىل دىن ئىلمىنېتلىرى شۇنچىلىك زىچ ئارلىشىپ كەتكەنكى، بەزىدە ھەتتا ئايرىيالماي قالىسىز زادى قايسى ئادەتنىڭ ئىسلامغا يادلىقىنى.
دىننىڭ رولىنى مەنچە ئايرىم يازغان تۈزۈك، بۇنى ئىككى-ئۈچ ئىغىز گەپ بىلەن ئىيتىپ بولغىلى بولماس. ئەگەر ئىنسان بىر مەدەنىيەت ياراتتى دىيىلسە، ھازىرقى قەدەر بۇ پۈتۈنلەي دىگۈدەك دىننىڭ رولىدىن بولغان، مىسالەن، غەرىبنىڭ كىلاسسىك مۇزىكىلىرىدىن تارتىپ ھازىرقى ئىلىم-پەنگىچە.