باش بەت  تارىخ ۋە مەدەنىيەت   تەرمىلەر مىللەت ھەققىدە  ئەدەبىيات-سەنئەت 

  • چاغاتاي دەۋرىدىكى بۈيۈك ئۇيغۇرلار - [تارىخ ۋە مەدەنىيەت]

    2010-08-25

    چىڭگىزخان ئىستىلاسى نەتىجىسىدە چىڭگىزخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتاي (1179 - 1242 - يىللار) ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان زىمىنغا ئۇيغۇرلار رايونىنى قوشۇپ ئىدارە قىلدى. چاغاتاي  ھوكۇمرانلىق قىلغان ئاشۇ دەۋرنى تارىخچىلار ئۇنىڭ نامى بىلەن "چاغاتاي دەۋرى" دەپ ئاتىدى.

    چاغاتاينىڭ پايتەختى ئالمىلىق (ھازىرقى ئىلى) بولۇپ، مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى ۋە داڭلىق پىداگوگ سىراجىدىن ئەبۇ ياقۇپ ئىبنى ئەبۇ يۇسۇپ سەككاكى (1160 - 1128 - يىللار) چاغاتاينىڭ ئىلمىي مەسلىھەتچىسى ئىدى. مەشھۇر دىپلومات ۋە سىياسەتچى قۇتبىدىن بولسا چاغاتاينىڭ باش دوختۇرى، تالانتلىق مائارىپچى ۋە يىزا ئىگىلىك ئنژىنىرى مەسئۇتبەگ چاغاتاينىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدىكى باش ۋالىسى ئىدى.

    ئۇيغۇر ئالىمى سەككاكى ۋە مەسئۇتبەگنىڭ ئىجتىھات كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ كلاسسىك مائارىپى مۇشۇ دەۋردە يەنە قايتىدىن گۈللەپ، ئىنتايىن زور تەرەققىي قىلدى . بۇ چاغدا ئالمىلىق، بۇخارا ۋە قەشقەر ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە ئىلىم - پەن مەركەزلىرىگە ئايلاندى. بولۇپمۇ مەسئۇتبەگ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي - مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا ئىنتايىن زور ئەمگەك سىڭدۇردى.

    مەسئۇتبەگ نايامان - كىدانلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىۋەتىلگەن قەشقەردىكى مەشھۇر ئالىي بىلىم يۇرتى "مەدرىسەئى ساجىئە" نىڭ خارابىسى ئورنىدا مىلادىنىڭ 1260 - يىلى "مەسئۇدىيە" ناملىق نوپۇزلۇق بىلىم يۇرتى ۋە ئۇنىڭ يىنىدا "سائادەت" ناملىق داڭلىق كۇتۇپخانا تەسىس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپى قايتىدىن راۋاجلىنىپ، قەشقەر پۇتۇن ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە "سانى بۇخارا" (ئىككىنچى بۇخارا) دىگەن شەرەپلىك نامغا ئىگە بولدى.

    مەسئۇتبەگ 1254 - يىلىدىن 1289 - يىللارغىچە ئۆزىنىڭ نامىدا ئاتالغان بۇ ئالىي بىلىم يۇرتىغا شەخسەن ئۆزى بىۋاسىتە رىياسەتچىلىك قىلدى. مەسئۇتبەگنىڭ يىقىن دوستى - مەشھۇر ئالىم جامال قەرشى (1230 - يىلى تۇغۇلغان، "سۇرراھ" ناملىق يىرىك قامۇسنىڭ ئاپتورى) "مەسئۇدىيە" بىلىم يۇرتىنىڭ نوپۇزلۇق مۇددەررىسى (پروفىسورى) ئىدى. ئۇ، "مەسئۇدىيە" بىلىم يۇرتىنى تەرىپلەپ مۇنداق يازىدۇ:

    "... بۇ مەكتەپكە ھەممە ئىقلىمدىن ھەر يىلى مىڭلاپ ئوقۇغۇچى كىلىپ تۇرىدۇ. بۇ يەردە يالغۇز ئىلاھىي تەلىماتلا ئەمەس. بەلكى مۇھىمى ئارىستوتەل، سوقرات، ھارەزمى، فارابى، ئىبنى سىنا پەلسەپىلىرى... تەتقىق قىلىنىدۇ، ئەرب، پارس ۋە ئوردۇ قاتارلىق چەت ئەل تىللىرى ئوقۇلىدۇ" ("ساياھەت خاتىرىسى" - جامال قەرشى، 1273 - 1274 - يىللار).

    "مەسئۇدىيە" بىلىم يۇرتىدا ئۇنۋان ۋە مۇنتىزم ئىمتىھان تۇزۇمى يولغا قويۇلغان. ئوقۇش پۇتتۇرگۇچىلىك ئەسەر يازغانلارغا ئەللامە (ئاكادىمىك، دوكتور)، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلار مۇدەررىس (پروفىسور)، ئۇچىنچى دەرىجىلىكلەرگە بولسا موللا ياكى خەلپەت ئۇنۋانى بىرىلەتتى.

    "مەسئۇدىيە" بىلىم يۇرتىدا ئوقۇش پۇتتۇرگەنلەر ئىچىدە نۇرغۇن زىيالىيلار چاغاتاي ئۇلۇسىنىڭ مەمۇرىي باشلىقى بولۇپ ئىشلىدى. ھەتتا خانبالىقتا ھوكۇمران بولۇپ تۇرغان چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى قۇبلاي (1215 - 1294 - يىللار) نىڭ باش مىنىستىرى (باشبۇغ) لىكىدىكى بەزى خادىملارمۇ ئەنە شۇ مەكتەپتە ئوقۇغان.

    بۇ يەردە شۇنىمۇ ئالاھىدە قەيت قىلىپ ئوتۇش زۆرۈركى، بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى، مەشھۇر پىداگوگ ۋە تالانتلىق مەمۇرىيەت باشقۇرغۇچى تاتا تۇڭا ئەينى زاماندا چىڭگىزخاننىڭ ھەممە ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. چاغاتاينىڭ ئۆزىمۇ ئەنە شۇ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىدا ئوقۇپ ساۋات چىقارغان. تاتا تۇڭا دەسلەپتە نايمان ئىلىنىڭ تايانخان (كۇنخان) ئوردىسىدا باش ئىلمىي مەسلىھەتچى ۋە ئوقۇتقۇچى بولغان. كىيىن چىڭگىزخان ئىمپريىسى قۇرۇلغان چاغدا چىڭگىزخان بۇ ئۇيغۇر ئالىمىنى ئۆز ھۇزۇرىغا تەكلىپ قىلىپ، ئوردا ئوقۇتقۇچىسى قىلغان. تاتا تۇڭا ئەنە شۇ چاغدا كىدان ۋە موڭغۇل ئىلىپبەسىنى ۋە گرامماتىكا قائىدىسىنى يەنى تۇنجى كىدان ۋە موڭغۇل يىزىقىنى كەشىپ قىلىپ بەرگەنىدى. بۇ يىزىق كىيىن جۇرجان ۋە چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوردا يىزىقىنىڭ نەمۇنىسى بولۇپ قالدى. تاتا تۇڭا ئىجاد قىلغان كىدان، موڭغۇل ۋە مانجۇ يىزىقى قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرخۇن ئىلىپبەسى ئاساسىدا تۇزۇلگەن.

    تاتا تۇڭانىڭ تەربىيىسى خىلى سىڭگەن چاغاتاي ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇرلار رايونىنى ئىدارە قىلىشقا باشلىغاندىن كىيىن بىرقەدەر كەڭ سىياسەت يۇرگۇزدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن ئىش قىلىشنى يولغا قويدى. ئۇنىڭ كەڭ ئىمپىريىسىدە ئۇيغۇر تىلى بىردىنبىر ھوكۇمەت تىلى ۋە ئالاقەت تىلى بولدى؛ مەمۇرىي ئىشلار ئەنە شۇ تىل بىلەن يۇرگۇزۇلدى.

    مەشھۇر ئەرەب تارىخچىسى ئىبنى ئەل بەشىر (1388 - 1450 - يىللار) مۇنداق يازىدۇ: " ... بۇ يەردە مەنسەپ بەلگە ناملىرى، بۇيرۇق - پەرمانلار، يازما ئەسەرلەر ئۇيغۇر تىلى بىلەن بولىدىكەن، پەقەت مۇشۇ تىلنى بىلگەن كىشى روناق تاپالايدىكەن، ھۆرمەتكە ئامەتكە سازاۋەر بولالايدىكەن" (كىرىپورت، "ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى" 56 - بەت).

    ئەيىنكى تارىخچىلار ۋە تىلشۇناسلار بۇ تىلنى مۇشۇ چوڭ رايوننىڭ سۇيۇرغال ئىگىسى چاغاتاينىڭ نامى بىلەن باغلاپ "چاغاتاي تىلى" دەپ ئاتىدى.

    "قۇتادغۇبىلىك" - قاراخانىلار "خاقانىيە تىلى" ئاساسىنى تىكلىگەن بولسا، خوجا ئەھمەت يەسىۋى تەرىپدىن 1145 - يىلى يىزىلغان "دىۋان ھىكىمەت" ۋە قەشقەرلىك چوڭ مۇدەررس نەسىردىن ئىبنى بۇرھانىدىن رابغۇزى تەرىپىدىن 1310 - يىلى يىزىلغان "ئەۋلىيالار قىسسەسى" ناملىق رومان "چاغاتاي تىلى" ئاساسىنى تىكلىگەنىدى. چۇنكى بۇ ئىككى ئەسەر شۇ زاماندا ئۆيمۇ- ئۆي ئوقۇلىدىغان، تەسىرى پۇتۇن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا كەڭ تارالغان ئەدەبىي كىتابلار ئىدى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ تەسىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورنى كۇندىن - كۇنگە مۇستەھكەملەندى.

    چاغاتاي مائارىپىنىڭ مىراسلىرى تاكى كيىنكى ئەسىرلەرگە قەدەر ئۆز رولىنى يوقاتماي كەلدى. نەتىجىدە ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەڭ ئۇقۇمۇشلۇق خەلق بولۇپ كىلىۋاتقان سالاھىيىتىنى ئوچۇق كورسەتتى.

    پروفىسور مالوف مۇنداق دەپ يازىدۇ: "موڭغۇللار ئارىسىغا مەدەنىيەت تارقاتقان، ئۇلارغا ئۇستاز بولغان ۋە ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەت ئوردىسىدا ئىش يۇرگۇزگەنلەر ئۇيغۇرلار ئىدى."

    بۇ ئەھۋال يالغۇز چاغاتاينىڭ سۇيۇرغال زىمىنىدىلا ئەمەس، ھەتتا قۇبلايخان تەسىس قىلغان يۇەن سۇلالىسى ھاكىمىيىتىدىمۇ شۇنداق. بۇنىڭ مىسالى قىلىپ، قۇبلايخاننىڭ ۋەزىرى ھەسەن ئەييار، چەت ئەللەر بىلەن ئالاقەت باغلاش ۋەزىرى ساقى، كۆپ تىل، جۈملىدىن گرىك ۋە لاتىن تىلىنى بىلىدىغان ئالىم ۋە خىرىستىئان دىنىي ۋەزىرى رەببانى، جەنۇبىي جۇڭگو ۋەزىرى ئومەر، باش ئادۋۇكات ۋەزىرى بورۇل ئەييار، ھەربىي سەركەردە چاغان تۆمۇر بىلەن كۆك تۆمۇر، ئاسترونومىيە ئالىمى جامالىدىن، ئاتاقلىق ئەدىب يۇنۇس ھەييام، ئاتاقلىق دوختۇر يەھيا، يىزا ئىگىلىك ئالىمى تۆمۇر تۇۋرۈك، "جۇرجىن تارىخى" ناملىق ئەسەرنى يازغان تارىخچى سارابان، "سۇڭ سۇلالىسى تارىخى" نىڭ ئاپتورى يانسارى، مەشھۇر كومپوزىتور مۇھەممەت چولپان، كۆپ تىل بىلىدىغان تىلشۇناس ئەلسارىلارنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كۇپايە. بولۇپمۇ ئاتاقلىق ئالىم تۆمۇر تۈۋرۇك يازغان "زىرائەت ئوسۇملۇكلىرىنى يىتىلدۇرۇش پرىنسىپلىرى" ناملىق ئىلمىي ئەسەر تاكى يىقىنقى چاغلارغىچە ئىلىمىز مەكتەپلىرىدە ئوقۇلىدىغان مۇھىم دەرسلىك كىتاب بولۇپ كەلدى.

    چاغاتاي ئوردىسىنىڭ باش دوختۇرى مىجىت ۋە قۇبلاينىڭ باش دوختۇرى يەھيانىڭ ئالمىلىق ۋە خانبالىقتا ئاچقان سۇنۇق كىسەللىكىنى داۋالاش مەكتىپى ۋە مال دوختۇرلۇق مەكتەپلىرى نۇرغۇن شاگىرتلارنى يىتىشتۇرگەن. بۇ دو ختۇرلار سىر دەريا ۋادىسىدىن تارتىپ تاكى خۇاڭخى ۋادىسىغىچە ئات ئۇستىدە يۇرۇپ بىمالال ۋىراچلىق ۋە تىڭقچىلىق قىلاتتى. بۇ ھەقتە ئىلىمىزنىڭ مىدىتسىنا كىتابى - مەشھۇر "نەيجىڭ" ناملىق كلاسسىك قامۇستا يىزىلغان تۆۋەندىكى پاكىتلارنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ:

    "غەربىي رايون - ئالتۇن ۋە قاشتىشى ماكانى، ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ ئوزۇقلىنىشى ياخشى، گۆش، ماي بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، تائاملىرى قۇۋۋەتلىك بولغاچقا، كىسەللەر ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ تىنىنى زەھەرلىيەلمەيدۇ."

    "ئۇيغۇرلار ئۈزۈم، بىدە، ئانار، زىغىر، ياڭاق، پۇرچاق، يۇمغاقسۇت، پىياز، سامساق، زاراڭزا چىچىكى قاتارلىق ئۆسۈملۈك ۋە گىياھلاردىن ياخشى دورىلارنى ياسايدۇ. ئانارنىڭ پوستى مەددە قۇرتىنى يوقىتىدىكەن. ئانار گۇلى كىشىنىڭ روھىنى زوقلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىكەن. زىغىرنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، مىجەزنى تەڭشەيدىكەن، ئۈزۈم پەي بىلەن سۆڭەككە قۇۋۋەت بىرىدىكەن."

    يەنە "جۇگىڭلۇ" ناملىق تىببىي ئەسەردە قۇبلايخاننىڭ باش دوختۇرى يەھيانىڭ ئىچىتقۇ دورىسىنى كەشىپ قىلىپ، سىچۇەن ئۆلكىسىدە پەيدا بولغان قورقۇنچلۇق ۋابا كىسىلىنى ساقايتقانلىقى بايان قىلىنغان. شۇ كىتابنىڭ 22 - تومىدا يەنە مۇنداق تەسۋىرىي پاكىتلار يىزىلغان:

    رىن زىجاۋ دىگەن كىشى ئىيتىدۇ: "ئۆيگە قايتىۋاتسام قوشنامنىڭ ئوغلى بىشى قاتتىق ئاغرىپ، نالە - پەرياد ئىچىدە يىتىپ قاپتۇ، بىر ئۇيغۇر تېۋىپ كىلىپ، يىنىدىكى ئۇستىرا بىلەن بالىنىڭ پىشانىسىنى يىرىپ، بىر كىچىك قۇرتنى ئىلىۋەتتى. ھىلىقى قۇرت قاتتىق تاشتەك ئىدى. قۇرت بىرئاز ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلۈپ قالدى. بالىمۇ دەرھال ساقايدى."

    يەنە شياشۇسۇ دىگەن كىشى ئىيتىدۇ: "پىڭچياڭ ئەگمىسى يىنىدا بىر كىشىنىڭ ئېتى قورسىقى كۆپۈپ يىتىپ قالغانىكەن. بىر ئۇيغۇر دوختۇر كەلدى - دە، ئاتنىڭ پۇتىدىن بىر نىمىنى كىسىۋەتتى، ھايال بولماي ئات ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى..."

    يۇەن سۇلالىسى تەزكىرىلىرىدە يەنە مۇنداق تارىخىي پاكىتلار نەقىل كەلتۇرۇلگەن:

    ... ئىچكىرىگە كىلىپ تىجارەت قىلىدىغان بىرنەچچە مىڭ سودىگەرلەر قاتارىدا ئۇيغۇر تىۋىپلىرىمۇ كۆپ ئىدى. ئۇلار بىيجىڭ قاتارلىق جايلاردا نۇرغۇن دورىخانىلارنى ئاچقان ۋە داۋالاش ئورگانلىرىنىمۇ قۇرغان. بۇ دورىخانىلاردا سىرىق قۇيرۇقلۇق جەرەننىڭ ئەزالىرىدىن ياسالغان قىممەتلىك دورىلار بار ئىدى. بۇ دورىلار ئادەمنى سەمرىتىش، سوغۇق يەلنى ھەيدەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىدى. ياز كۇنلىرى دورىخانىلاردا قىمىزمۇ سىتىلاتتى. قىمىز بولسا قىرىلىقنى كەتكۇزۇپ، ئادەم ئورگانىزمىنى، بولۇپمۇ ئوپكە بىلەن يۈرەكنى ياشارتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىدى.

    يۇقىرىدىكى پاكىتلار چاغاتاي زامانىسىدىكى ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئەينى زامان شارائىتىدا ئىختىساسلىق كىشىلەرنى قانچىلىك يىتىشتۇرگەنلىكىنىڭ بىر تەرىپى.

    شۇنىڭ بىلەن بىللە بىز چاغاتاي مائارىپىنىڭ يادروسى بولغان قەشقەردىكى "مەسئۇدىيە" بىلىم يۇرتىنىڭ كىيىنكى ئەۋلادلار ئۇچۇن يەتكۇزگەن مىراس مىۋىلىرىنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ ئۈگىنىپ كۆرىدىغان بولساق، ئۇنىڭ پارلاق نەمۇنىلىرى كۆز ئالدىمىزدا تىخىمۇ جانلىق نامايەن بولىدۇ.

    بىز يۇقىرىدا قەيت قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك تۈرلۇك جايلاردىن مىڭلىغان تالىپلار "مەسئۇدىيە" بىلىم يۇرتىغا كىلىپ بىلىم ئالاتتى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى كەشمىر ۋە لاھۇردىن، بەزىلىرى بالاساغۇن ۋە قىپچاق دالىلىرىدىن، بەزىلىرى ھۇراساندىن ھەم تارىم بويلىرىدىكى تۈرلۇك شەھەر - يىزىلاردىن ۋە ئىلى دەريا ۋادىسىدىن كىلىپ مەكتەپتە قونۇپ ئوقۇيتتى. ئوقۇش پۇتتۇرگەنلەر ئىچىدە نۇرغۇن كىشىلەر ئاتاقلىق شائىر ۋە ئالىملاردىن بولۇپ تونۇلۇپ، تۈرلۈك جايلاردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھۇراساندا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن ۋە پۈتۈن ئۆمرىنى مائارىپ ئۈچۈن بىغىشلاپ چوڭ نەتىجە بىلەن ئابروي قازانغان سەئىد قەشقەرى، مەۋلانا ئەبەيدۇللا لۇتفى قاتارلىقلار بار. سەئىد قەشقەرى ھۇراساندا ئومرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىشلەپ، كۆپ ئالىملارنى يىتىشتۇرگەن. مەشھۇر پارس شائىرى ئابدۇراھمان جامى (1414 - 1492) مۇ سەئىد قەشقەرىنىڭ شاگىرتلىرىدىن بىرى ئىدى.

    چاغاتاي ئەۋلادلىرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئۇيغۇر مائارىپى ئۇچۇن ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن مەرىپەتپەرۋەر يازغۇچى مەۋلانا ئەبەيدۇللا لۇتفى (1366 - 1465 - يىللار) بىلەن ئەلىشىر ناۋايى (1441 - 1501 - يىللار) مائارىپ تارىىىمىزدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.

    لۇتفى ئىستىداتلىق يازغۇچى بولۇپلا قالماي، يەنە نوپۇزلۇق مائارىپچى ئىدى. شۇڭا كىشىلەر ئۇنى "پاساھەتلىك ئەدىپ" ھەم "ئەزىز، تەۋەرۇك زات" دەپ قوش ئۇنۋان بىلەن ھۆرمەتلەيتتى. ئەلىشىر ناۋايى ئۇنى "مەلىكۇل كالام" (سوز پادىشاھى) ۋە "تەۋەرۈك ئۇستاز" دەپ مەدھىيلىگەن.

    لۇتفى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا بىرىپ، چوڭ مەكتەپلەردە لىكسىيە سۆزلىگەن؛ ئەدەبىيات نەزەرىيىسى، پارس، ئەرەب تىل گرامماتىكىسىدىن دەرس ئۆتكەن. ئۇ 20 دىن ئارتۇق ئەسەر يازغان. ئۇنىڭ 2400 مىسرادىن ئارتۇق كىلىدىغان "گۇل ۋە نورۇز" ناملىق داستانى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىغا ئاساس تىكلەپ بەرگەن. لۇتفىنىڭ پارس تىلىدا يازغان شەئىرىي ئەسەرلىرى ئىران تىلى سىستىمىسىدىكى خەلقلەر ئىچىدىمۇ چوڭ شۆھرەت قازانغان. لۇتفى يەنە مەشھۇر تومۇرلەڭ (ئاقساق تومۇر) ھەققىدە يىزىلغان "زەپەرنامە" ناملىق ئەسەرنى پارسچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان.

    ئاتاقلىق شائىر ئەلىشىر ناۋايى بولسا ئۇيغۇر مائارىپى ۋە شىئىرىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن مۇتەپەككۇر ۋە كلاسسىك يازغۇچى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كلاسسىك مۇزىكىسى - 12 مۇقامنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى مۇقام كۇيلىرى ئەلىشىر ناۋايىنىڭ شىئىر تىكستلىرىگە سىلىنغان.

    ناۋايىنىڭ تاللانغان شىئىرلار توپلىمى - "ناۋايى" ناملىق دەرسلىك كىتاب ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە رەسمىي ئوقۇشلۇق بولۇپ كەلگەنىدى. ناۋايىنىڭ "ھەمىسە ناۋايى" ھەم "چاھار دىۋا" قاتارلىق يىرىك داستان ھەم شېئىرىي ئەسەرلىرى، شۇنىڭدەك يەنە بىر قانچە پەلسەپىۋى ئەسەرلىرى بار. ئۇ بۇ ئەسەرلىرىدە ئىلىم - مەرىپەتنى، ھەققانىيەتنى، ئادالەتپەرۋەرلىكنى كۈيلىگەن، ئەمگەكنى ۋە ئەمگەكچى خەلقنى مەدھىيىلىگەنىدى.

    ئەلىشىر ناۋايى ئۆزىنىڭ "مەھبۇبۇل قۇلۇپ" ناملىق ئەسىرىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەجىر - مىھنىتىنى يۇقىرى باھالاپ مۇنداق يازىدۇ:

    "ئوقۇتقۇچى يۇمران بالىلارنى جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق ئۆزىگە رام قىلىدۇ. بالىلارغا تەربىيە سىڭدۇرۇشتە ئۇلارنىڭ تىلى ئىرىگەن قوغۇشۇنغا ئوخشايدۇ. ئۇلار بەڭباش بالىلارنى تۇزەشتە، ئەدەب ئۈگىتىشتە نۇرغۇن جاپا، ئەجىر چىكىدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلاردا ھەققى ئىنتايىن كۆپ. ئەگەر ئوقۇغۇچى كىيىن پادىشاھ، شەيىخۇل ئىسلام ياكى قازى بولسۇن، ئۇ، ئوقۇتقۇچىسىغا قۇللۇق قىلغىنى خوپ. چۈنكى ئۇنىڭدىن ئۇستازى رازى بولسا تەڭرى رازى بولىدۇ..."

    ھەق يولىدا كىم ساڭا بىر ھەرپ ئوقۇتمىش رەنج ئىلە،

    ئەيلىمەك بولماس ئۇنىڭ ھەققىن ئادا يۇزگەنچ ئىلە.

    (ساڭا بىر ھەرپ ئۈگەتكەن ئۇستازنىڭ ھەققىنى يۇز تىللا بىرىپمۇ ئادا قىلالمايسەن) (ئەلشىر ناۋايى "مەھبۇبۇل قۇلۇپ" 113 - بەت)

    ناۋايى ئىلىم - مەرىپەت توغرىسىدا يەنە مۇنداق دەگەنىدى:

    ئىلىمدىن ئارى ئۇلۇسنىڭ ھۇدكامەسى،

    ئورگۇنۇرگە جىد - جەھىد ئوتكەن جاھان ئەللامىسى.

    ناۋايى ھەلقپەرۋەرلىك توغرىسىدا مۇنداق يازىدۇ:

    يۇز جاپا قىلسا ماڭا بىر قەتلە پەرياد ئەيلەرەم،

    ئەلگە قىلسا بىر جاپا يۇز قەتلە پەرياد ئەيلەرەم.

    ئەلىشىر ناۋايىنىڭ دىداكتىك مەزمۇنىدىكى ھەكىمەتلىك شەئىرلىرى ئىنتايىن كوپ بولۇپ، كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر تەسىر كورسەتكەن:

    # توقلۇق ھىرسىن كوڭۇلدىن يوق قىل،

    ئوزۇڭ ئاچ بولۇپ، بىر ئاچنى توق قىل.

    # لىباس ھەر نەچچىكىم زىبادۇر.

    كىيگىنىڭدىن كەيدۇرگىنىڭ ئەلادۇر.

    # چىراغىنى ھەق ياندۇردى، كۆيدى،

    ئۇنى كىم پۇپ دىدى، ساقىلى كۆيدى.

    ئەلىشىر ناۋايىنىڭ 16 خىل لىرىك ژانىردىن تەركىب تاپقان "خازانىئۇل مەئانى" (مەنىلەر خەزىنىسى) ناملىق شىئىرىي ئەسەرلەر توپلىمى 48 مىڭ 803 مىسرالىق 3130 پارچە شىئىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت چوڭ دىۋان ("چاھار دىۋان") دىن ئىبارەت غايەت چوڭ ھەجىملىك يىرىك ئەسەردۇر. يەنە بەش چوڭ داستاندىن تەركىب تاپقان "خەمىسە ناۋايى" ناملىق ئەسىرى ئارقىلىق ئەلىشىر ناۋايى مول ھوسۇللۇق ئىجادىيەت نەمۇنىسى بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلىرى ئەسىرلەردىن بۇيان ئۇيغۇر ئەدەبىيات دەرسلىكى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىجتىمائىي ئەخلاق ۋە تەلىم - تەربىيە دەرسلىكى بولۇپ كەلدى. 

     

    چاغاتاي دەۋرىدىكى بۈيۈك ئۇيغۇرلار


    收藏到:Del.icio.us