• قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىملار - [بېلىۋىلىڭ]

    2010-08-10

    ( ئىسىملار ) _ ( مەنىسى )
    ئابا _ دادا ، ئاتا ، شۇنداقلا ئاپا ، ئانا دېگەن مەنىسىمۇ بار
    ئابامبەگ _ ئەبەدىيلىك بەگ
    ئابام ئۇلۇغ _ ئەبەدىيلىك ، مەڭگۈلۈك
    ئابىنچۇ _ خۇشاللىق ، كۈڭۈلنى ئالغۇچى
    ئابىنچۇ قاتىن _ كۈڭۈلنى ئالىدىغان خېنىم ، خانىش
    ئابىنىق _ بەختلىك ، تىنچ
    ئاتابېك _ ئوردا تەربىيىچىس ، تەربىيىچى
    ئاتات _ تاي ، قۇلان
    ئاتاش _ ئاتەش ، ئوت
    ئاتاي _ بالا ، باچكا
    ئاتلىغ _ ئابرويلۇق ، ئاتالغان ، مەشھۇر ، باشلىق
    ئاتىش _ ئېتىشماق
    ئاتمىش قارا _ ئاتمىش : ئىسمى ، قارا : سۈپىتى
    ئاتىم _ مەرگەن
    ئاچارى _ ھەزرەت ، ئۇستاز
    ئاچۇق _ ئوچۇق
    ئاچىق _ چوڭ ئاكا
    ئادام توغرۇل _ توغرۇل ( بىر خىل يىرتقۇچ قۇش )دەك چىۋەر ئادەم
    ئادايۇ _ ئېزىز ، قىممەتلىك
    ئادۇغ ( ئادىغ ) _ ئېيىق
    ئارا بۇغا _ ئوتتۇرا ھال بۇغا
    ئارتۇق _ ئارتۇق ، ئېشىپ كەتكەن ، جىق ، نۇرغۇن
    ئارتۇن _ زىرە ( ئۈسۈملۈك )
    ئارسلان _ شىر بالىسى
    ئارغۇ _ ئىككى تاغ ئارىسى
    ئارغۇن _ ئارغىماق
    ئارقار _ ياۋا قوي
    ئارقۇ _ باھالىق ، قىممەتلىك
    ئارقىش _ كارۋان باشلىقى ، خەۋەرچى
    ئارىش _ تازا ، پاك ، پاكىز
    ئارىغ _ پاكىز ، ساپ
    ئازغىر ( ئادغىر ) _ ئايغىر
    ئازۇق _ ئوزۇق ، يېمەكلىك
    ئازۇقلۇغ _ ئوزۇقلۇقى بار ئادەم
    ئازىغ _ ھوشيار كىشى
    ئاجھۇن _ دۇنيا ، دەۋر
    ئاسغۇ _ مارجان ( بويۇنغا ئاسىدىغان )
    ئاسىغ _ نەپ ، پايدا ، مەنپەئەت
    ئاسقىن _ ئېسىل ، ئالىيجاناب
    ئاشان _ ھۈرمەتلەن ، غىزالان
    ئاشان توغرۇل _ توغرۇلدەك غىزالان
    ئاشتال _ كەنجى ئوغۇل
    ئاشاي _ غايە ، مەقسەت
    ئاغارلاغ _ ھۈرمەتكە لايىق ، شەرەپلىك ، ئۇلۇغ
    ئاغۇش _ ئۇرۇق ، جەمەت
    ئاغىر _ قەدىرلىك ، ئېزىز ، شەرەپلىك ، ئۇلۇغ
    ئاقاش _ ئاكا ، ئاكاش
    ئاقى _ مەردانە ، جەسۇر ، مەرد
    ئاقخان _ ئاق : ئىسمى ، خان : قوشۇمچىسى
    ئالپ _ جەسۇر ، باتۇر ، قەھرىمان
    ئالپ ئايا _ ئەڭ ياخشى قەھرىمان
    ئالپ ئاتا ( ئەلپەتتا ) _ باتۇر ئاتا
    ئالپ ئەرتۇڭا _ قاپلاندەك باتۇر ئەر
    ئالپ تېكىن _ باتۇر شاھزادە
    ئالپاغۇت _ يېڭىلمەس قەھرىمان ، تاغ يۈرەك باتۇر
    ئالتۇن _ (1) ئالتۇن ، (2) زۈھرە يۇلتۇزىنىڭ ئىسمى
    ئالتۇن قارا : ئالتۇن : ئىسمى ، قارا : سۈپىتى
    ئالقا _ مەدھىيىلىمەك
    ئالقىش _ بەخت ، خۇشاللىق ، تەنتەنە
    ئامساق _ ھەۋەس
    ئامۇل _ تەمكىن ، ئېغىر – بېسىق
    ئاناچ _ ئۈزىنىڭ زېرەكلىكى بىلەن ھەممىگە ئانىدەك تۇيۇلىدىغان قىز
    ئانۇغ _ ئۈمىد ، ئارزۇ
    ئاي _ ئاسماندىكى ئاي
    ئايۇق _ ئايىغۇچى ، قوغدىغۇچى
    ئايكۈن _ ئاي ۋە كۈن
    ئاي سىلىگ _ ئايدەك پاك
    ئايخان _ ئايدەك خان
    ئايتەڭرى _ تەڭرى : ئىسمى ، ئاي : سۈپىتى
    ئاي تۇغمىش _ ئايدىن تۇغۇلغان
    ئايتولدى _ ئايدەك تولغان
    ئاي چەچەك _ ئايدەك چىرايلىق ( قىز )
    ئەدگۈ ( ئەزگۈ ) _ ياخشى ، ئېسىل ، چىرايلىق
    ئەرەن _ يىگىت ، ئەركەك ، ئەر
    ئەر بۇقا _ بۇقىدەك كۈچلۈك ئەر
    ئەردەم _ ئەدەب ، ئەخلاق ، پەزىلەت
    ئەردەنى _ گۈھەر ، مەرۋايىت ، ئۈنچە
    ئەردەنى قاتىن _ گۈھەر خېنىم
    ئەرك _ ئەركىنلىك ، سەلتەنەت
    ئەركەچ _ تېكە
    ئەسەن _ ئېسەن ، ساق – سالامەت
    ئەسەن قارا _ بۈيۈك ساقلىق ، كاتتا ئېسەنلىك
    ئەكە _ ئۇكا ، سىڭىل
    ئەلكۈن _ خەلق ، قەبىلە
    ئەۋلىك _ خوجايىن ، ئۈيلۈك ، ئۈي ئىگىسى
    بابا _ بوۋا ، ئاتا
    باخشى ( باقشى ) _ ئۈگەتكۈچى ، موللا ، ئۇستاز ، دوختۇر
    بادۇر _ ئۈلچەن
    بارچا تۇرمىش _ ھەممىسى تۇرغان ، ھەممىسى تەل
    بارچا تۇغمىش _ ھەممىسى تۇغقان
    بارس _ يولۋاس
    بارغۇت _ قەبىلە نامى
    بارغۇت كۈن _ بارغۇت : ئىسمى ، كۈن : سۈپىتى
    بارلىغ _ باي ئادەم
    بارمان _ دۈلەتمەن
    باسا تەمۈر _ تەمۈر ( تۈمۈر ) : ئىسمى ، باسا ( ياردەم ) : سۈپىتى
    باسمىل _ قەبىلە نامى
    بارسغان _ يولۋاستەك خان
    باسۇت _ ياردەمچى ، يۈلىگۈچى
    باشلاغ _ باشلىغۇچى ، باشلىق
    باقلان _ پاقلان
    بالتۇ _ پالتا
    بالىغ _ (1) شەھەر ، قەلئە ، (2) بېلىق
    باياغۇت _ دۈلەتمەن ، باي
    باي تەمۈر _ تەمۈر : ئىسمى ، باي : سۈپىتى
    بەدۈك _ بۈيۈك ، كاتتا ، يۈكسەك
    بەرك _ كۈچلۈك ، ساغلام
    بەكرىش _ مۇستەھكەم
    بەكتۇر _ چىڭ تۇر
    بەگ _ بەگ ، خان ، شاھزادە ، ئەركەك ، ئەر
    بەگى _ بەگدەك
    بەگ ئارسلان _ ئارسلاندەك ئەر
    بەگ بۇقا _ بۇقىدەك كۈچلۈك ئەر
    بەگلەن _ بەگ بول ، بەگدەك بول ، قابىل ئەر بولۇپ چىق
    بەگتاش _ تاشتەك مۇستەھكەم ئەر
    بەگ تەمۈر _ تۈمۈردەك بەگ ، تۈمۈردەك ئەر
    بەگلىك _ بەگ ئەۋلادى ، ئالىيجاناب
    بەگ تۇتۇق _ مەرتىۋىلىك ئەر
    بەگ تۇرمىش _ بەگدەك تۇرغان
    بوتۇق _ بوتىلاق
    بۇرخان قۇلى _ بۇدداھنىڭ قۇلى
    بۇغۇغ _ ئالىم ، دانىشمەن
    بۇرسلان _ قاپلان
    بۈرە تېگىن _ بۈرىدەك باتۇر شاھزادە
    بۇزاغۇ _ موزاي
    بۇغرا _ ئەركەك تۈگە
    بوغۇ _ بۇغا
    بۇقا _ بۇقا
    بۇقاخان _ بۇقىدەك كۈچلۈك خان
    بۇلاق _ (1) بۇلاق ، (2) قەبىلە نامى ، (3) ئېقىن دەريا
    بۇلان _ بىر خىل ھايۋان ئىسمى
    بۇيان _ ساۋاب ، بەخت ، ياخشىلىق
    بۇيان قار _ بەخت ياغدۇرغۇچى قار
    بۇيرۇق _ ئەمەلدار
    بۈكە ( بۇكا ) _ (1) جەسۇر ، پالۋان ، باتۇر ، (2) ئەجدىھا ، ياۋۇز
    بۈكەخان _ باتۇر ، پالۋان خان
    بۈگۈ _ بىلىملىك ، ئەقىللىق
    بۈگۈ بىلگە _ ئەقىللىق ئالىم
    بۈگۈ خان _ دانىشمەن خان
    بۈگۈش _ ئەقىلدار ، دانىشمەن
    بىكە _ خېنىم
    بىگۇ _ ئەقىللىق
    بىلگە _ ئالىم ، دانىشمەن ، بىلىملىك
    بىلگە بەگ _ دانىشمەن بەگ
    بىلگە قاغان _ دانىشمەن خان
    بىلگە تۇتۇق _ بىلىملىك ، مەرتىۋىلىك ، ئىدارە قىلغۇچى بەگ
    بىلگە ئەر _ بىلىملىك ئەر
    بىلگە قاتىن _ بىلىملىك مەلىكە
    تابدۇ _ تاپار
    تاردۇش _ مەرتىۋە ، دەرىجە
    تارىقچى بەگ _ دېھقان يىگىت
    تاڭسۇق _ نەپىس ، قىممەتلىك ، كەم ئۇچرايدىغان
    تارخان _ خان ، بەگ
    تاش _ تاشتەك مۇستەھكەم
    تايۇق _ تۇيغۇن ، زېرەك
    تايانغۇ _ تايىنىدىغان ، ئىشىنىدىغان
    تايانچ _ تىرەك ، يۈلەك
    تەركەن _ خاقان ، پادىشاھ ، ۋىلايەت ھۈكۈمدارى
    تەكىش _ ھەر نەرسىنىڭ ئاخىرى
    تەگىن ( تىگىن ، تېكىن ) _ (1) قۇل ، (2) شاھزادە
    تەگىن ئۈگە _ بىلىملىك شاھزادە
    تەمۈر _ تۈمۈر
    تەمۈر بۇقا _ تۈمۈردەك بۇقا
    تەڭىز _ دېڭىز
    تەڭىزخان _ دېڭىزخان
    تەڭرى _ تەڭرى ، ئىلاھ ، ئاسمان
    تەڭىرلى _ تەڭرىلىك ، خۇداگۇي ، مۈمىن
    تەڭرى تۇغمىش _ تەڭرى تۇغقان
    تەڭرىدە بولمىش _ تەڭرى ياراتقان
    توزۇن _ كېلىپ چىقىشى ياخشى ، ئېسىل ، ئوچۇق – يورۇق
    تورۇم _ بۇتا ( ھايۋان ئىسمى )
    تورۇمتاي _ بىر خىل يىرتقۇچ قۇشنىڭ ئىسمى
    توسۇن _ مىنىلمىگەن ئات
    توغرۇل _ بىر خىل يىرتقۇچ قۇش
    توقىش _ جەڭ ، ئۇرۇش ، توقۇنۇش
    تولۇن _ تولغان ، تولۇق ، يېتىلگەن ، پۈتۈن
    تويزۇن _ يېزا ئاقساقىلى
    تويىن _ راھىب
    تويىن قۇلى _ راھىبنىڭ قۇلى
    تۇتۇق _ (1) مەرتىۋە ، (2) ئىدارە قىلغۇچى
    تۇتۇق ئەر _ (1) مەرتىۋىلىك ئەر ، (2) ئىدارە قىلغۇچى بەگ
    تۇتۇش _ كايىماق ، قاتتىق سۈزلىمەك
    تۇدۇش _ ئۇرۇش ، سوقۇش
    تۇدۇڭ _ باشلىق
    تۇرمىش _ تۇرغان ( ئورنىدىن تۇرغان )
    تۇغمىش _ تۇغۇلغان ، ئەۋلاد
    تۇڭا _ قاپلان جىنسىدىن بىر ھايۋان
    تۇڭاخان _ قاپلاندەك خان
    تۈلىك _ جاسارەت ، غەيرەت
    تۈركان قاتىن _ تۈرك خانىشى
    تۈزمىش _ تۈزۈلگەن ، توغرا ، قۇسۇرسىز
    تۈزۈن – تۈزۈتلۈك ، كەمتەر ، مۇلايىم
    تېتىك _ تېتىك ، جانلىق ، ماھىر
    تىگىن بەگ _ شاھزادە يىگىت
    چاغرى _ (1) لاچىن ، (2) بۈركۈت
    چاغرى بەگ _ بۈركۈتتەك ئەر
    چاۋىش _ يول ، تەدبىر ، تەدبىرچى
    چەبەر _ چېۋەر ، قابىل
    چەچەك ( چېچەك ) _ گۈل ، غۇنچە ، چېچەك
    چوغلۇق _ (1) نۇرلۇق ، ئىسسىق ، (2) بىر خىل گۈل ئىسمى
    چوبەن _ چوپان ، پادىچى
    چىگىل _ تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ بىرى
    چىگىل ئارسلان _ چىگىللارنىڭ ئارسلانى
    خان _ (1) خان ، ھۈكۈمدار ، (2) قان
    خانبابا _ خاندەك ئاتا
    راتنا _ ئۈنچە ، گۈھەر
    راتنا قار _ ئۈنچىدەك قار
    زەمۇران _ زۇمرەد
    ساچۇ _ چۇچا ( ياغلىق چۇچىسى )
    سارسال _ سۈسەر ( بىر خىل ھايۋان )
    سارمۇساق _ سامساق
    سارىغ _ سېرىق رەڭ
    سارىغ خان _ سارىغ : ئىسمى ، خان : سۈپىتى
    ساغۇن _ قارلۇق قەبىلىسىنىڭ چوڭلىرىغا بېرىلىدىغان ئۇنۋان
    سالچۇق _ قەبىلە نامى
    سانگۈن ( سەنگۈن ، سانغۇن ) _ سەركەردە ، قوماندان
    سانمىش _ سانالغان
    ساۋ _ شۈھرەت ، خەۋەر
    سەۋۈگ _ سۈيگۈ
    سەۋىگ _ ئەزىز
    سەۋىگلى _ سۈيۈملۈك
    سەۋىنچ _ شادلىق
    سوغۇن _ تاغ تېكىسى
    سۇنغۇش _ نەيزىۋازلىق
    سۇقاق _ بۈكەن ( ھايۋان ئىسمى )
    سۇڭقۇر _ شۇڭقار
    سۈڭو _ خەنجەر ، نەيزە
    سۈپۈرگۈ _ سۈپۈرگە
    سىم _ كۈمۈش
    سىلىگ _ سىلىق ، پاكىز ، زېرەك ، مۇلايىم
    سىلىغ _ سىلىق ، مۇلايىم
    سىنان _ سىنالغان
    قابان _ تاۋاق
    قاپان _ قاۋان
    قاپلان _ يولۋاس
    قاتمىش _ قاتقان ، مۇستەھكەم ، چىڭ
    قاچڭار _ توشقان
    قارا _ (1) قارا رەڭ ، (2) پۇقرا ، خەلق ، مىللەت ، (3) ئۇلۇغ ، كاتتا ، چوڭ
    قاراخان _ پۇقرانىڭ خانى ، ئۇلۇغ خان
    قارا باقشى _ چوڭ ئۇستاز
    قارا بۇغا _ چوڭ بۇغا
    قارا تەمۈر _ تەمۈر : ئىسمى ، قارا : سۈپىتى
    قارا تويىن _ چوڭ راھىب
    قارا قۇش _ بىر خىل چوڭ قۇش
    قارۇغچى _ مۇھاپىزەتچى
    قارغىلاچ _ قارلىغاچ
    قارلۇق _ ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدىن بىرى
    قاسۇق _ مىق
    قاغان _ خاقان ، خان ، پادىشاھ
    قانتۇرمىش _ قاندۇرغان ، رازى قىلغان
    قاۋۇش _ كېلىشمەك ، ئۇيۇشماق
    قاۋشۇت _ كېلىشتۈر ، ئۇيۇشتۇر
    قاي _ قەبىلە نامى
    قاياق _ قايماق
    قەدىر _ قەيسەر ، كەسكىن
    قەيسەر _ رۇم شاھلىرىنىڭ ئۇنۋانى
    قورۇمچى ئوغۇل _ چوڭ ئوغۇل
    قوزى _ (1) قوزا ، (2) سۈيۈملۈك
    قۇرسۇز _ يۈز – ئابروي ، سالاپەت
    قۇنشى _ قوشنا
    قۇت _ بەخت ، دۈلەت
    قۇتادمىش _ بەخت كەلتۈرگەن
    قۇتلۇغ _ قۇتلۇق ، بەختلىك
    قۇتلۇغ بەگ _ بەختلىك ئەر
    قۇتلۇغ بۇغا _ بۇغا : ئىسمى ، قۇتلۇغ : سۈپىتى
    قۇتلۇغ بۇقا _ بۇقا : ئىسمى ، قۇتلۇغ : سۈپىتى
    قۇتلۇغ بىلگە قاغان _ بەختلىك ، دانىشمەن پادىشاھ
    قۇتلۇغ تىگىن _ بەختلىك شاھزادە
    قۇتلۇغ تەڭرى _ بەخت بەرگۈچى تەڭرى
    قۇتلۇغ تەمۈر : تەمۈر : ئىسمى ، قۇتلۇغ : سۈپىتى
    قۇتلۇغ تۇرمىش _ بەختلىك تۇرغان ، خۇشال تۇرغان
    قۇتلۇغ ئوغۇل _ بەختلىك ئوغۇل
    قۇتغان _ بەختلىك ، بەخت تاپقان
    قۇرتۇلمىش _ قۇتۇلغان ، يەڭگىللىگەن
    قۇشتر _ مۇئەللىم ، ئۇستاز
    قوغۇرسۇ _ ئۇيغۇر قەبىلىلىرىن بىرى
    قوغۇرسۇ ئالتۇن _ ئالتۇن : ئىسمى ، قوغۇرسۇ : سۈپىتى
    قۇلان _ قۇلان ( ياۋا ئېشەك )
    قۇلۇن _ قۇلۇن ( ھايۋان ئىسمى )
    قۇلۇن قارا _ قارا رەڭلىك قۇلۇن
    قۇنتۇز ( قۇندۇز ) _ قۇندۇز ( بىر خىل ھايۋان ئىسمى )
    قۇنچۇي ( خۇنچۇي ) _ مەلىكە
    قىرا _ ئېتىز
    قىرچەچەك _ قىردا ئۈسكەن گۈل
    قىز _ قىز بالا ، قىزچاق
    قىنىم _ جەسۇر
    قىيىمتۇ _ ھۇشيار
    كەنچ ( كەنج ) _ كەنجى ، كىچىك ، كېيىنكى ، ئاخىرقى
    كەنچ تۇغمىش _ كېيىن تۇغۇلغان
    كەنچ ئوغلان _ كەنجى ئوغۇل
    كۈركلۈگ _ كۈركەم ، چىرايلىق
    كۈزۈن _ كۈچ ، قۇۋۋەت
    كۈل _ كۈل ، دېڭىز
    كۈلتىگىن _ ئەقلى كۈلدەك شاھزادە
    كۈۋشەك _ گۈزەل ، چىرايلىق ، يۇمشاق
    كۈچ تەمۈر _ تەمۈر : ئىسمى ، كۈچ ( كۈچلۈك ) : سۈپىتى
    كۈچ تىگىن : كۈچلۈك شاھزادە
    كۈچلۈگ _ كۈچلۈك ، قۇدرەتلىك
    كۈسەمىش _ ئارزۇ قىلغان
    كۈسەن _ كۇچارنىڭ قەدىمكى نامى
    كۈسەنچ _ ئارزۇ ، تىلەك
    كۈگەلىك _ مۇقەددەس ، مەشھۇر
    كۈلچىرە _ خۇش چىراي
    كۈل بىلگە قاغان _ بىلىملىك ، ماختاشقا لايىق خان
    كۈل قاغان _ خۇش چىراي خان
    كۈمۈش تىگىن _ تېنى كۈمۈشتەك ئاق شاھزادە
    كۇرشاد _ قەدىمكى ئۇيغۇر شاھزادىسىنىڭ ئىسمى
    كۇشان _ قەدىمكى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ نامى
    كۈن _ كۈن ، قۇياش ، شەرق
    كۈنخان _ كۈندەك خان
    كۈن بەرمىش _ كۈن بەرگەن ، بەختكە ئېرىشتۈرگەن
    كۈنتۇغدى _ كۈن چىقتى
    كۈن تەڭرى _ كۈندەك تەڭرى
    كۈن سىلىگ _ كۈندەك ئىللىق
    كىشى _ ئۇستاز
    كىشى قارا _ چوڭ ئۇستاز
    لاچىن _ لاچىن ، بۈركۈت
    مەڭۈ تەمۈر _ ئەبەدىي تۈمۈردەك مۇستەھكەم
    مەڭلىگ ( مەڭلىك ) _ (1) بەلگىلىك ، (2) مەڭلىك ، (3) بەختلىك ، خۇشال
    مەڭلىگ سەنگۈن _ قۇتلۇق باتۇر
    مۇڭسۇز _ غەم – قايغۇسىز ، خاتىرجەم
    مىڭ تەمۈر _ مىڭ : ئىسمى ، تەمۈر : سۈپىتى
    مىڭ قارا _ مىڭ : ئىسمى ، قارا : سۈپىتى
    نوم قۇلى _ دىن قۇلى
    نىكۇ _ ياخشى
    ئوتاچى _ تېۋىپ ، دورىگەر
    ئوردۇبەگ _ ئوردىدا خىزمەت قىلغۇچى بەگ
    ئوزمىش _ قۇتۇلغان ، نىجاد تاپقان
    ئوغلان _ ئوغۇل بالا ، ئەزىمەت
    ئوغلاغۇ قاتىن _ دۈلەتمەن خوتۇن
    ئوغۇز _ (1) ئوغۇز سۈتى ، (2) تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ بىرىنىڭ نامى
    ئوغۇل _ ئوغۇل بالا
    ئوغۇل تىگىن _ ئوغۇلدەك شاھزادە
    ئۇتار _ ئۇتۇپ چىقىدۇ
    ئۇتۇش _ يەڭگۈچى ، ئۇتقان
    ئۇچقۇر _ بىلىملىك كىشى
    ئۇدغۇرمىش _ ئۇيۇشقان ، غەلىبە قىلغان
    ئۇدمىش _ شەپقەتلىك
    ئۇز _ چىرايلىق ، گۈزەل
    ئۇسۇق _ ئۇسسىغان
    ئۇسۇن _ ئۇزۇن ، ئۇزاق
    ئۇغراق _ ئارزۇ ، نىيەت
    ئۇلۇغ _ ئۇلۇغ ، كاتتا ، چوڭ
    ئۇلۇغ بەگ _ ئۇلۇغ ئەر
    ئۇلۇغ خان _ ئۇلۇغ پادىشاھ ، كاتتا خان
    ئوماي _ (1) بىر خىل ھايۋان ئىسمى ، (2) يولداش ، ھەمراھ ، (3) تەڭرى
    ئۇمۇن _ ئۈمىد
    ئۇىغۇر _ ئۇيغۇر
    ئۈتەمىش _ ئۈتكۈر ، ئۈزۈپ ماڭغۇچى
    ئۈتكۈر _ ئىتتىك ، تېز ، كەسكىن
    ئۈتكۈرمىش _ ئۈتكۈرلەشكەن
    ئۈتۈنچ تەمۈر _ تەمۈر : ئىسمى ، ئۈتۈنچ ( قەرزدار ) : سۈپىتى
    ئۈكۈش قارا _ ئۈكۈش ( يىلقا ) : ئىسمى ، قارا : سۈپىتى
    ئۈگرۈنچ _ خۇشاللىق ، شادلىق
    ئىدىقۇت _ مۇقەددەس بەخت
    ئىسىگ تارخان _ مۇلايىم خان
    ئىش بۇغا _ بۇغا : ئىسمى ، ئىش ( دوست ) : سۈپىتى
    ئىش قارا _ ئىش ( چاچ ئۈرۈمى ) : ئىسمى ، قارا : سۈپىتى
    ئىل _ ھۈكۈمدار ، مەملىكەت ، دۈلەت ، خەلق
    ئىل ئاشمىش _ ھۈكۈمدارلىقتا يۈكسەك
    ئىل ئالمىش _ دۈلەت ئالغان
    ئىل ئەتمىش _ دۈلەت قۇرغان ، ئەلنى ئىدارە قىلغان
    ئىل ئەتمىش بىلگە قاغان _ ئەلنى ئىدارە قىلغان دانىشمەن خان
    ئىل ئەردەم _ (1) خەلقپەرۋەر ، (2) دۈلەتنىڭ ئەدەب ، ئەخلاقى
    ئىل بۇغا _ بۇغا : ئىسمى ، ئىل : سۈپىتى
    ئىل تەمۈر _ تەمۈر : ئىسمى ، ئىل : سۈپىتى
    ئىل تۇتمىش _ دۈلەتنى تۇتۇپ تۇرغۇچى
    ئىل تۈزمىش _ ئەلنى تۈزگۈچى
    ئىل قۇتادمىش _ ئەلنى بەختىيار قىلغان
    ئىل ئۈگەسى _ دۈلەتنىڭ دانىشمىنى ، ئەلنىڭ ئۇستازى
    ئىل ئىككەرمىش _ ئەلنى ئىدارە قىلغان ، دۈلەتنى قۇدرەت تاپقۇزغان
    ئىل ئىنانچ _ دۈلەتنىڭ ئۈمىدى ، ئەل ئىشىنىدىغان
    ئىل ئىنانچ تىرەك _ دۈلەتنىڭ ئىشەنچلىك تىرىكى
    ئىل يىغمىش تەڭرىم _ ئەلنى توپلىغان تەڭرىم ( پادىشاھىم )
    ئىلىكتا _ يەر ئىگىسى
    ئىلىگ ( ئىلىك ) _ (1) خان ، خاقان ، (2) ئەل ، قۇل ، (3) ھۈكۈمدار
    ئىلىگ بەگ _ (1) شاھزادە ، (2) ھۈكۈمدار بەگ ، (3) خان
    ئىلىگ قان _ پادىشاھ
    ئىلچى _ ئەلچى
    ئىلچى قارا _ كاتتا ئەلچى
    ئىنىگە _ ھىڭگان تۈگە
    ئىنىك _ ئۇكا
    ئىناق قۇلى _ دوستلۇق قۇلى
    ئىنانچ _ (1) ئىشەنچ ، ئىشەنچلىك ، (2) ۋەزىر
    ئىنانچ بۇيرۇق _ ئىشەنچلىك ئەمەلدار
    ئىنال _ ئانىسى ئېسىلزادە ، ئاتىسى ئاددىي خەلقتىن بولغان كىشى
    ياپغۇ _ بىر خىل ئۇنۋان نامى
    ياچانقىر _ ئۇياتچان ، ھايالىق
    ياراغ ( ياراق ) _ قورال
    ياران _ دوست ، ھەمراھ
    يارۇغلۇ _ ئوتلۇق ، نۇرلۇق
    يارۇق _ يورۇقلۇق ، يورۇق
    يارىچى _ ياردەمچى
    ياشقان _ ياش يىگىت
    ياغما _ تۈرك قەبىلىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى
    يانداق _ يانتاق
    ياغان _ پىل
    يەتمىش قارا _ يەتمىش : ئىسمى ، قارا : سۈپىتى
    يۇرتۇغ _ ھەمراھ
    يوللۇغ تىگىن _ يولى بار شاھزادە
     


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    无觅相关文章插件
  • ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.