مايكل جېكسۇن، شابان، ئىبنى سىنا، ئاتاتۈرك، مەۋلانا ھەممىسى ئەنقەرەگە توپلاندى - [تاغدىن-باغدىن]
2011-02-12
تارىخقا ئايلانغان بۇ مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ھىچبىرى ھايات ۋاقتىدا بىر-بىرى بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ لېكىن موم ھەيكەللىرى ياسىلىپ ئەنقەرەدە توپلاندى ۋە كۆرگەزمىدە بۇلارنىڭ ھەيكەللىرى بىر-بىر بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.ئەنقەرەدىكى مەلۇم بىر سودا-سېتىق مەركىزىدە دۇنياغا مەشھۇر شەخسلەرنىڭ سېرىق موملۇق ھەيكەللىرى كۆرگەزمىگە قويۇلدى.كۆرگەزمە زىيارەتچىلەرنى ئالاھىدە جەلپ قىلدى ۋە تارىخقا باشلاپ كىردى.مايكېل جېكسون، 2-كاتېرىنا، دوستويېۋىسكى، ناپولېئون قاتارلىق مەشھۇر شەخسلەرنىڭ يېنىدا ئىبنى سىنا، ئاتاتۈرك، مەۋلانا، مىمار سىنان قاتارلىق تۈرك كاتتىلىرىنىڭ ھەيكەللىرىمۇ تۇنجى قېتىم كۆرگەزمىگە قويۇلدى.مۇزېيدا زىيارەتچىلەرنى ئەڭ جەلپ قىلغان ھەيكەللەر بولسا، ھۈررەم سۇلتان ۋە قانۇنى سۇلتان سۇلايماننىڭ ھەيكەللىرى ئىدى.
فىلىملىرى نەچچە قېتىملاپ قويۇلغان بولسىمۇ، ھېلىھەم كۈلكە ئىچىدە كۆرۈلىدىغان داڭلىق كىنو چولپىنى كامال سۇنال (شابان) نىڭمۇ ھەيكىلى كۆرگەزمىدىن ئورۇن ئالدى.
مەنبەسى؛دەۋىر تورى-
收藏到:Del.icio.us


ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.