قەدىمقى دەۋىردىكى مەشھۇر ئۇيغۇر بازارلىرى - [تارىخ ۋە مەدەنىيەت]
2010-11-01
داۋۇت ساۋۇت
خەن، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت ئىقتىساد ۋە مەدىنىيەت جەھەتتە تەرەققىي قىلغان، ئىچكى-تاشقى سودىسى گۇلەنگەن بىر باسقۇچقا قەدەم باسقان. بۇ دەۋردىكى’ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يۈكسەلگەنلىكىنى، مەدەنىيەتنىڭ گۇللەنگەنلىكى ھەققىدە تارىخىي ماتىرياللاردا كۆپلەپ خاتىرە قالدۇرۇلغان، بۇ ئاساسەن شەھەر كۆلىمىنىڭ كەڭەيگەنلىكى ، پۇلنىڭ كەڭ كولەمدە ئوبرۇت قىلىنغانلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ گەۋدىلىك، مول ئارخىلوگىيلىك ئاساسلار ئارقىلىق دەلىللەپ چىقىلغان. بولۇپمۇ، تاڭ سۇلالىسى دەۋردىكى غەربىي يۇرت بازارلىرىدا يەرلىك پۇللىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋرۇپا پۇللىرىنىڭ ئوبرۇت قىلىنغانلىقى يىقىنقى يىللاردا ئېلىپ بېرىلغان ئارخىلوگىيلىك تەكشۇرۇشلەردە نۇرغۇن ماددىي پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاندى. بۇ ئىچكى-تاشقى سودىنىڭ گۇللەنگەنلىكى، يىپەك يولىنىڭ ئاۋاتلاشقانلىغىنى چۇشەندۇرۇپ بېرىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى بازارلارنىڭ كۆلىمى، ئىقتىدارى، شەكلى ۋە قىياپىتىنىڭ زور دەرىجىدە ياخشىلانغانلىقىنى كورسىتىپ بېرىدۇ.
تۆۋەندە شۇ دەۋردىكى بىر قانچە بازارلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرماقچى
قۇچۇ بازىرى
ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي شەھەر-بازارلىرى ۋەبۇ جايلاردا بولىدىغان مول مەزمۇنلۇق سودا-ئالاقە ئىشلىرى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدەئىنتايىن روناق تاپقان ئىدى. مەشھۇر يىپەك يولى سودىسى تازا گۈللەنگەن بۇ دەۋرىدە كارۋانلار نۇرغۇن شەھەر-بازارلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، سودا-سېتىق قىلاتتى. ئۇلار بىر جايغا بېرىشتىن ئىلگىرى شۇ جاي ئېھتىياجلىق بولغان ماللارنى تاللايتتى ۋە كارۋان تەشكىللەپ ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ ئېلىپ كېلەتتى. ماللارنى سېتىپ بولۇپ، شۇ جايدىن يەنە باشقا جايلاردا بازار تاپىدىغان ماللارنى ئېلىپ كېللەتى. مۇشۇنداق قىلىپ شەھەرمۇ-شەھەر ، بازارمۇ - بازاركېزىپ يۈرۈپ ئاخىر نۇرغۇن پايدىغا ئىگە بولاتتى. ئەلۋەتتە بىر قىسىم ماللار يىپەك يولىنىڭ ئۇ چەتىدىن بۇ چەتىگە توشۇلاتتى. بۇ خىل ماللارنىڭ مىقدارى ئاز بولسىمۇ، ئەمما قىممىتى ئەڭ يوقۇرى، پايدىسىمۇ ئەڭ كوپ ئىدى.
يىپەك يولى سودىسى تەمىنلىگەن ئەۋزەل شارائىتتا تارىم ۋادىسىدىكى قەدىمىي، شەھەر-بازارلارجانلىنىپ قايناپ تاشقىنلىققا چومگەن ئىدى. بولۇپمۇ قوجۇ، سۇلى، پىشامشان، كوسەن، ئۇدۇن قاتارلىق شەھەرلەردىكى بازارلارنىڭ كۆلىمى مۇشۇ دەۋرىدە تىز سۇرئەت بىلەن كەڭەيگەن.
قوجۇ شەھىرى مىلادىيە 4-5-ئەسىرلەردىلا ئىچكى-تاشقى سودا بويىچە زور تەسىرگە ئىگە ئىدى. يىپەك بازىرىنىڭ موھىم ئۆتەڭ بازىرى ھېسابلىنىدىغان بۇ قەدىمىي شەھەر ئەينى دەۋرلەردە خەلقئارا بازارغا ئايلىنىپ شەرىق بىلەن غەرىپ ئوتتۇرسىدىكى ئەڭ چوڭ مال ئالماشتۇرۇش مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان ئىدى. ئارخىئولىگىيلىك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە قارىغاندا شۇ دەۋرىدە شەھەرنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشىدا تىپىك سودا شەھىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئەكس ئەتكەن. ئۇنىڭدا يايمىچىلار تىجارەت قىلىدىغان مەيداندىن سىرىت يەنە بىر-بىرىگەتۇتاش ئورۇنلاشقان دۇكانلارمۇ بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە كەسپىي تىجارەت ئورۇنلىرى ئاشلىق رەستىسى، قازان - قومۇش رەستىسى، يىپەك ماللار رەستىسى....قاتارلىق رەستىلەر بولغان. تۇرپاندىن تېپىلغان << كىيۇ جەمەتى ھوججىتى >>دە خاتىرلىنىشىچە قوجۇدا يەنە << قۇل بازىرى >> مۇ بولغان.
قوجۇ شەھىرى ئىچكى شەھەر، تاشقى شەھەر رايۇنىداسودىگەرلەر، ھۇنەرۋەنلەر ۋەباشقا ھەر-خىل كەسىپتىكى ئاھالىلەرئولتۇراقلاشقان ئىدى. << مانى ئىبادەتخانىسىنىڭ ھوججىتى >> دە خاتىرلىنىشىچە، قوجۇدا << شىمالىي شەھەرىستان >>، << جەنۇبىي شەھەرىستان >> بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. << قوجۇدىن تېپىلغان ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ھوججەتلەر >>دە << قوجۇ بازىرىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئالدىدا“ "باھاسىنى قوجۇبازىرىدا ئوتىدىغان ئىككى بېنىغا سىززىقچە يول چۇشۇرۇلگەن، ئوتتۇرسىغا تامغابېسىلغان يۇز قانىپۇغا كېلىشتۇق >> دېگەندەك بايانلار بار. بۇلاردىن قوجۇ بازىرىنىڭ ئاۋاتلىقى ۋە ئىقتىسادىي ئورنىنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
ئۇدۇن بازىرى:
ئۇدۇن غەربىي يۇرتتىكى ئەللەر ئىچىدە ئىقتىساد ۋە مەدىنيىتى بىر قەدەر بۇرۇن تەرەققىي قىلغان قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ بىرىدۇر. تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇدۇننىڭ تاشقى سودىسىمۇ خېلى بۇرۇن راۋاج تاپقان بولۇپ، ئەنەتكەك(ھىندىستان) سودىگەرلىرى بىلەن بولغان سودا ئالاقىسى خېلى قويۇق ئىدى. بۇددا دىنىنىڭ ھىندىستاندىن ئۇدۇنغا غەربىي يۇرت بويىچە ئەڭ بۇرۇن تارقىلىپ كىرىشىمۇ بۇ نوقتىنى دەلىللەپ بېرىدۇ.
ئۇدۇننىڭ قەدىمقى زامان تاشقى سودىسى قاشتېشىدىن باشلانغان ھەمدە << يىپەك يولى >> دىن بۇرۇنلا << قاشتېشى يولى >> ئېچىلىپ، يىراق ئەللەرگىچە تونۇلغان.
ئۇدۇندىن باشلىنىپ شەرقتەچەرچەن، كىروران، دۇنخۇاڭنى؛ غەربتە سۇلى، كوسەن، قوجۇ، ئىۋىرغۇلنى بېسىپ ئۆتكەن. بۇ ئىككى يول يۇمەن قوۋۇقى، جىئۇچۇەن قاتارلىق ئىككى جايدا قوشۇلۇپ، ئاندىن داۋاملىق شەرققە قاراپ سوزۇلۇپ، ئوتتۇرا تۇزلەڭلىكتىكى ھەر قايسى شەھەرلەرنى بېسىپ ئۆتۈپ، چاڭ ئەن، لوياڭ قاتارلىق شەھەرلەرگە بارغان. << قاشتېشى يولى >> يەنە غەرىپتە كابۇن، ئىسپاھان، باغدات ئارقىلىق ئوتتۇرا دېڭىزغا تۇتاشقان.
غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇدۇننىڭ ئوتتۇرا تۇزلەڭلىك سۇلالىرى بىلەن سودا ئالاقىسى تېخىمۇ كۇچەيگەن. ئات، قاشتىشى بۇيۇملىرى ئۇدۇننىڭ تاشقى سودىسىدا مۇھىم ئورۇنداتۇراتتى. ئۇدۇن سودىگەرلىرى ئوتتۇرا تۇزلەڭلىكتىن چاي، يىپەك، مىس، تۇمۇردىن ياسالغان بۇيۇملارنى ئەكىلىپ، خانلىقنى تەمىنلەيتتى ۋە بازارلاردا ساتاتتى. تەتقىقاتچىلار ئەينى دەۋردىكى ئۇدۇننىڭ تاشقى سودا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تۇزۇمىنى يولغا قويغانلىقىنى دەلىللەپ چىقتى. ئۇدۇن خانلىقى ئوز تەۋەسىدىكى جايلارداجازا-توساقلارنى قۇرۇپ، مەخسۇس ئەمەلدار تەيىنلەپ، كارۋان سودىسى ۋە باشقا ئۇزۇنيوللۇق قاتناش ئىشلىرىنى باشقۇرغان. ئۇلار چىگرا ئغىزىدا تۇرۇپ كارۋانلار ۋەئەلچىلەرنىڭ رەسمىيەت ھەم يول خەتلىرىنى، ماللىرىنى تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش، مەنئىي قىلىنغان تاۋارلارنى كىرگۇزمەسلىك، مۇسادىرە قىلىش، رەسمىيەت ھەققى، يول بېجى، تاۋار(مال) بېجى ئېلىش، ئامانلىق ساقلاش ۋە خەۋەرچىلىك قىلىش قاتارلىق ۋەزىپلەرنى ئۈستىگە ئالغان، چەتئەللىك سودىگەرلەردىن يۇقۇرى باج ئالغان.
قارۇشتى يېزىقىدىكى پۇتۇكلەردە خاتىرلىنىشىچە، شۇ چاغلاردا سودىگەرلەر ئاز دېگەندە، نەچچەئون كىشى،كوپ بولغاندا يۇز نەچچە كىشى بىر كارۋان تەشكىلى بولۇپ مال يۆتكەيتتى.
ئۇدۇن پايتەختى يىپەك يولىدىكى موھىم مال ئالماشتۇرۇش، يۆتكەش بازىرى ئىدى. نىيە خارابىسىدىن تېپىلغان تارشا پۇتۇكتە كورسىتىلىشىچە، نىيە شەھىرىنىڭ يېنىدا بىر تەكشۈرۈش ئېغىزى بولۇپ، سودىگەرلەر يول خېتىگە ئاساسەن ئوتكۇزىلەتتى. بۇ ئەھۋال گۇما ناھيىسى سانجۇدىكى قىيا تاش رەسىمىدە مۇنداق تەسۋىرلىگەن: يولنىڭ ئوتتۇرسىدا تۇرغان بىر ئادەم بەشيۇلتۇزلۇق بىر تاختاينى ئېگىز كۆتىرىپ، يولدا ئاتلىق ھەم پىيادە كېلىۋاتقانلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ تۇرغان. تاختايغا خەت ھەم بەلگىلەر ئۇيۇلغان. بۇنى كۆرگەن يولوچىلارنىڭ بەزىلىرى ئارقىغا قايتىپ ماڭغان، يەنە بەزىلىرى ئۆتەلمەي تۇرۇپقالغان. بۇ سۇرەتلەرنىڭ ئومۇمىي كۆرىنىشىدىن قارىغاندا، قەدىمدە بۇ جايدا بىرتەكشۈرۈش ئورنى بولۇپ، سودا كارۋانلىرى، ئەلچىلەر ئومىگى ۋە باشقا يولوچىلارنى قاتتىق تەكشۇرۇپ ئوتكۇزگەن. قارۇشتى يېزىقىدىكى ھۆججەتلەرنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، بۇ تەكشۈرۈش ئورنىدىن ئوتىدىغان كىشىلەرنىڭ يول خېتى بولۇشى كېرەك ئىدى. يول خېتىگە شۇ كىشىنىڭ ئىسمى، يېشى، چىراي شەكلى، كىيىم-كىچىگى، مىللىتى، بەگلىكى، مېلى، ئات، توگە سانى يېزىلاتتى. نىيە خارابىسىدىن تېپىلغان تارشا پۇتۇكتەخاتىرلىنىشىچە، بىر توپ سودىگەرنىڭ بىر قېتىمدا ئېلىپ ماڭغان تاۋار-دۇردۇنى ئۇچيۇزئون توققۇز توپ، يەنە بىر تۇركۇم سودىگەرلەرنىڭ ئېلىپ ماڭغان تاۋار-دۇردۇنى توتمىڭئۇچيۇز يىگىرمە ئالتە توپ بولغان، بۇنىڭدىن ئۇدۇن بازىرىدا تاۋار-دۇردۇن سودىسىنىڭ ئىتتىكلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
ئۇدۇنغاباشقا ئەللەرنىڭ تاۋارلىرى زور مىقداردا كەلتۇرۇلگەندىن سىرىت، ئۇدۇننىڭ ئۆزىمۇتاشقى سودا بىلەن شۇغۇنلۇنۇپ، ئوتتۇرا تۇزلەڭلىك ۋە ھىندىستان قاتارلىق ئەللەرگەقاشتشى، بوز رەخت، كىگىز، ياۋرۇپادىن كىرگۇزۇپ يۆتكەيدىغان ئەينەك قاتارلىق ماللارنى چىقىراتتى. يىپەك ماللار ئىچكى بازار ۋە قوشنا بەگلىكلەردە سېتىلاتتى.
ئىچكى سودىنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ زور بولۇپ، ئۇدۇننىڭ قول-ھۇنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى، يەرلىك مەھسۇلاتلىرى ۋەخەلقئارا بازارلاردىن كەلتۇرۇلگەن تۈرلىك ماللارنىڭ تاڭ دەۋرىدا << ئۇدۇننىڭ پايتەخت شەھىرى توت تەرەپكەسەككىز-توققۇز چاقىرىم كەڭەيگەن، ئۇنىڭ تەۋەلىگىدە بەش چوڭ شەھەر، ئون نەچچە كىچىك شەھەربولغان >> . ئىقتىساد پۇختاقەدەم بىلەن راۋاجلانغان بولۇپ، ھەرقايسى جەھەتلەردە ئالدىنقى دەۋىرلەرنىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەن. شەھەر-بازارلارنەچچە ئونغا يەتكەن. شەھەر-بازارلاردا << خەلىق خۇددىي يۇلتۇزلاردەك ئولتۇراقلاشقان >>. ئۇدۇننىڭ << خان شەھرىدە ئوي-كوچىلار رەتلىك سېلىنغان، مىۋە-چىۋە، كۆكتاتلار ئوتتۇرا تۇزلەڭلىك بىلەن ئوخشاش >> ئىدى.
<< فاشىيەننىڭ سەپەر خاتىرى >> گە ئاساسلانغاندا، << ئۇدۇننىڭ خان تۇرۇشلۇق ئوي، مەھكىمە، قورو، بازارغا ئالما، ئامۇت، كوكتاتلار تولغان>> ئىدى. "فاشىيەننىڭ سەپەر خاتىرى" گە ئاساسلانغاندا، "ئۇدۇننىڭ خان تۇرۇشلۇق شەھرىدە خەلق زىچ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، سانى ناھايتى كوپ ئىدى "، "نىيەشەھىرىنىڭ دا’ئىرىسى كەڭ، شەرقتىن غەربكە ۋە جەنۇپتىن شىمالغا سوزۇلغان شەھەر كوچىسى بار ئىدى. يەنەتاۋارلارنى توپلايدىغان ۋە تارقىتىدىغان بازارلىرى بار ئىدى >>. ئۇدۇن شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن ئۇچيۇز سەكسەن چاقىرىم يىراقلىقتا گۇما شەھرى، غەربىي ئىككى يۇزچاقىرىم يىراقلىقتا گۇچىڭ بازىرى، ئۇچيۇز توقسان چاقىرىم يىراقلىقتا گولىئاڭ بازىرى، جەنۇپتىن ئالتەيۇز چاقىرىم يىراقلىقتا ھۇنۇ بازىرى، شەرىقتىن ئۇچيۇز توقسان چاقىرىم يىراقلىقتا كىۋەنچىڭ بازىرى بار ئىدى. چەت ياقىدىكى بۇبازارلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۇدۇن شەھرىدىن كەلتۇرىلەتتى. دېمەك، ئۇدۇن بۇ بازارلارغا نىسپەتەن مەركىزىي بازار(توپ تارقىتىش بازىرى) ئىدى.
سۇلى بازىرى:
خەنسۇلالىسى دەۋرىدە سۇلى، قەشقەر يىپەك يولىنىڭ جەنۇبىي لىنىيىسىدىكى مۇھىم تۇگۇن ئىدى. قاتناش سودا بىلەن شۇغۇنلىنىدىغان سودا كارۋانلىرى سۇلى بازىرىدا چۇشكۇن قىلىپ، بىر قىسىم ماللارنى ئالماشتۇراتتى. يەنە بىر قىسىم ماللىرىنى سۇلى بازىرىداسېتىۋېتىپ، ئورنىغا سۇلىنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالاتتى. بولۇپمۇ بۇ جايدىن چىقىدىغان كىمخاپ بىلەن قاشتىشى داڭلىق بولۇپ، يىراق ئەللەرگىچەتۇشۇلۇپ سېتىلاتتى.
خەن سۇلالىسى دەۋرىدە سۇلى غەربىي يۇرتتىكى ئوتتۇز ئالتە بەگلىكنىڭ بىرى ئىدى. ئاستانسى سۇلى بولۇپ، شەھەر رايۇنىدا ئاھالىلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان. سۇلى بازىرى دەل مۇشۇ رايۇندا بولۇپ، قول ھۇنەرۋەنلەر، ئۇششاق تىجارەتچىلەر، دۇكاندار ۋە چەتئەل سودىگەرلىرى توپلانغان جاي ئىدى. << خەننامە غەربىي يۇرت تەزكىرىسى >> دە خاتىرلىنىشىچە ، سۇلى ئاستانىنىڭ ئايلانمىسى بەش چاقىرىم كېلىدۇ. چوڭ شەھەردىن ئون ئىككىسى، كىچىك قەلئەلەردىن نەچچە ئونى بار ئىدى. << كىيىنكى خەننامە >> دە سۇلى بەگلىكىنىڭ ئاھالىسى يىگىرمەبىرمىڭ تۇتۇن(ئائىلە) ئىكەنلىكى خاتىرلەنگەن. دېمەك سۇلى بۇنىڭدىن ئىككىمىڭ يىل ئىلگىرىلا شەھەر تۇرمۇشىغاكۆچكەن بولۇپ، شەھەر كۆلىمى كىچىك ئەمەس ئىدى. سۇلى بازىرى سۇلى شەھرىدە بولۇپ، سۇلى بەگلىكىگە قاراشلىق يىگىرمە بىر چوڭ شەھەرنىڭ ئىچىدەمەركىزىي شەھەر ئىدى. مەركىزىي شەھەرنىڭ سودا-بازارلىرى ئىنتايىن ئاۋات بولۇپ، باشقا شەھەر-بازارلارنى ھەر خىل ماللاربىلەن تەمىنلەيتتى.
سۇلى بازىرى-شەرق بىلەن غەرب ئوتۇرسىدىكى موھىم سودا مەركىزى بولۇپلاقالماستىن، يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نۇرغۇن شەھەرلەر بىلەنمۇ قۇيۇق سودائالاقىسى بار ئىدى.
ئوتتۇرائاسىيا سودا كارۋانلىرى سۇلى بازىرىدىن غەرب ۋە شەرقنىڭ ئېسىل ماللىرىنى سېتىۋېلىپ كېتەتتى. كېيىنكى مەزگىللەردە سەمەرقەنت شەھىرى جەنۇبىي دەرۋازىسىنىڭ << قەشقەر دەرۋازىسى >> دەپ ئاتالغانلىقى سۇلى بازىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا شەھەرلىرىدىكى ئورنىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
收藏到:Del.icio.us


ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.
评论
لوگو ئادىرسىم :كۆچەگىنى بولمايدىكەن