باغۋەندىكى تەۋسىيە تىما:
- تور سۈرئىتىنى تىزلىتىش (1)
- autorun ۋىروسى خاسلىقىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ھۆججەتلەرنى ئوڭشاش
- ئۇيغۇرلاردىكى 2010 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ باھالاش - [بىلوگ بىلىملىرى]
- winXP نىڭ كىرىش پارۇلىنى ئۇنتۇپ قالغاندا ....
- alimamaسىزنىڭ ئېلان ئىلتىماسىڭىزنى يەنە تەستىقلىمىدىمۇ !؟
- ئۆزىمىزنىڭ بىلوگىنى قانداق تەشۋىق قىلىمىز ؟
- بىلوگباستىكى خەنزوچە ئۇسلۇبلارنى چۈشۈرۈش ئۇسۇلى
-
2010-10-28
360 قا قورشاپ ھۇجۇم قىلىش - [خەۋەرلەر]
خەلىق تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، 10- ئاينىڭ 26- كۈنى بەيدۇ ، تېڭشۈن ، ئاۋيوۋ ، جىنشەن ، كې نيۇ قاتارلىق بەش شېركەت بىرلىكتە < 260 شىركىتىنىڭ ناتوغرا رىقابەت ھەركىتىگە قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى ئورتاق بايانات > نى ئېلان قىلىپ ، كەڭ تور ئەھلىنى بىرلىكتە 360 شىركىتىنىڭ ناتوغرا قىلمىشىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىق قىلغان . < ئورتاق بايانات>تا 360 شىركىتىنىڭ بەش تۈرلۈك < جىنايىتى > ئەيىبلەنگەن .
9- ئايدا باشلانغان تېڭشۈن ۋە 360 شىركىتىنىڭ جېڭى كۈنسىرى ئەۋەج ئېلىپ ، ئاخىرى 10كۈننىڭ ئالدىدا 360 شىركىتى تېڭشۈن شىركىتى تەرىپىدىن سوتقا ئەرز قىلىندى . بۈگۈنكى كۈندە 360 قا قارتىلغان ھۇجۇم بەش چوڭ تور شىركىتى تەرىپىدىن قورشاۋ ھۇجۇمغا ئايلىنىپ ، 360 شىركىتىنى تېخىمۇ تەس كۈنگە قارتىلدى .
باھاردا 360 ۋىروسخورى ۋە بىخەتەرلىك قوغدىغۇچىسى بەيدۇنىڭ جاھاننامە يامىقىنى چەكلىگەن ، 2 ئايدىن كىيىن تىغ ئۇچى جىنشەن تور -
2010-10-25
تور سۈرئىتىنى تىزلىتىش (1) - [توردىن پايدىلىنىش]
ئىلاۋە : Windows XP ئادەتتە بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق ئۈچۈن ،% 20 كەڭ بەلۋاغ ئېقىم مەنبەسىنى كونتىرۇل قىلىۋالىدۇ . ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن بۇ بىر ئىسراپچىلىق ، قىممەتلىك كەڭ بەلۋاغ ئېقىمىنى بېكارلا ئىسراپ قىلۋەتكەنلىك خالاس . ئۇنداقتا بۇ % 20 مەنبەنى قايتۇرۇپ كەلگىلى بۇلامدۇ ؟ ئەلۋەتتە بولىدۇ . بۇ تىمىدا تور سۈرئىتىنى تىزلىتىش بويىچە % 20 لىك تور ئېقىم چەكلىمىسىنى قايتۇرىۋېلىش ئۇسۇلىنى سۆزلەيمىز .
ھەممىمىزگە مەلۇم ، كەڭ بەلباغ بولسا ، ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرى ئىشلىتەلەيدىغان ئەڭ يۇقىرى چاستوتا بىلەن ئەڭ تۆۋەن چاستوتىنىڭ ئارىسىدا بۇلىدۇ . بىز بىلىمىزكى يول قانچە كەڭرى بولسا ، بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭدىن ئۆتىدىغان قاتناش ۋاستىلىرى شۇنچە كۆپ بۇلىدۇ . تور ئۇچۇرلىرىنىڭ يەتكۈزۈلۈش سۈرئىتىنى قاتناش ئېقىمىغا ئوخشاتساق ، ئۇنداقتا كەڭ بەلۋاغ دەل يولنىڭ كەڭلىكىنى كۆرسىتىدۇ ، شۇڭا Windows XP نىڭ ئەسلى تەڭشىكىنى ئۆزگەرتىپ ، % 20لىك كەڭ بەلۋاغنىڭ يۇشۇرۇن رولىدىن تولۇق پايدىلانغاندىلا ، ئەڭ يۇقىرى چەكلىمىدىكى تور -
autorun ۋىروسى خاسلىقىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ھۆججەتلەرنى ئوڭشاش
بۈگۈن بىر خىزمەتدىشىمنىڭ كومپىيۇتىرىautorun ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قاپتۇ ، خېلى كۈچ سەرىپ قىلىپ بارلىق ۋىروسنى تازلىدۇق ، بىراقd،e دېسكىنى ئېچىپ شۇنداق قارىساق ،ئىچى قۇپقۇرۇق ! ھېچقانداق ھۆججەت يوق ، ھۆججەت خالتىسى تاللش تۈرى 文件夹选项 نىڭ ئىچىدىكى بارلىق ھۆججەت ۋە ھۆججەت خالتىسىنى كۆرسىتىش显示所有文件和文件夹 دىگەن تاللاشمۇ جايىدا .... خىزمەتدېشىم جىددىيلىشىپ كەتتى ، مەن دەرھال پىرىسلاش دېتالى ئارقىلىق دېسكىلارنى ئېچىپ قارىسام بارلىق ھۆججەتلەر جايىدا تۇرمامدۇ ، مەن شۇندىلاautorunۋىروسىنىڭ بارلىق ھۆججەتلەرنى سېستىما ھۆججىتىگە ئايلاندۇرىۋەتكەنلىكىنى بىلدىم . شۇنىڭ بىلەن مەن يۇشۇرۇنغان ھۆججەت ۋە ھۆججەت خالتىلىرىنى توپ بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بارلىق ھۆججەتلەرنى نورمال ھالەتكە ئەكەلدىم . تۆۋەندە مەن قوللانغان ئۇسۇلۇمنى -
2010-10-15
890 ئېلان ھەمكارلىقىغا تىزىملىتىش ئۇسۇلى - [بىلوگ بىلىملىرى]
ئىككى كۈندىن بويان 890 ئېلان ھەمكارلىقى بېكەت سېستىمىسىنى يېڭىلاش سەۋەبىدىن ئىلگىرىكى بارلىق ئەزالارنىڭ ئۇچۇرلىرى ئۆچۈرۈپ تاشلاندى . شۇڭا ئىلگىرى 890 ئېلانلىرىنى قويغان بارلىق بېكەت ھەم بىلوگلارنىڭ ئېلان ئورنىدا ئەسلىدىكى ئېلان يوق ياكى id خاتا ، قايتىدىن تىزىملىتىڭ دىگەن ئۇچۇر چىقىۋالدى . مەنمۇ ئېلگىرى باشقىلارنىڭ ئېلانىنى بۆلۈپ قۇيۇپ قويغان بولغاچقا بىلوگىمدا شۇنداق ئۇچۇر كۆرۈنىۋېلىپ بەكلا ئىچىمنى پۇشۇردى ، تۈنۈگۈن چۈشىتن كىيىن ئۇلارنىڭ بېتىگە نۇرمال چىققىلى بولغاندا كىرىپ قارىسام ئەسلىدىكى ئەزالىق ئۇچۇرلىرى يوق ، ئامالسىز قايتىدىن تىزىملىتىپ باقتىم . تىزىملىتىش بېتىمۇ ئۆزگىرىپ كەتكەن بۇلۇپ ، ئەڭ ئاۋال جەزىملەشتۈرۈش(تەكشۈرۈش ) تۈرى قۇشۇلغانكەن . تۆۋەندە مەن تىزىملىتىش ئۇسۇلىنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن :( بۇ جايدىن كىرىپ تىزىملىتىشنى باشلاڭ )
1. بېكەت ، بىلوگ ئادرىسىنى تولدۇرۇش . -
2010-10-13
بىلوگ يىزش ۋە ئۇلىنىش توغرىسىدا - [بىلوگ بىلىملىرى]
نەقىل :
ھەممىمىزگە مەلۇم ئويغۇر تور بېكەتلىرى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ ، ئازغىنە 5-6 يىللىق بوران - چاپقۇندا تاۋلىنىپ ، بۈگۈنكىدەك زور قوشۇننى ھاسىل قىلدى . بۇنى جاپاكەش تور بېكەت قۇرغۇچىلارنىڭ غەيرەت - جاسارىتى ، قابىل باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئۈن - تىنسىز ئەجرى ۋە كەڭ قىزغىن ئىشتىراكچىلارنىڭ سەمىمىي قوللىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ ، ئەلۋەتتە . دەسلەپكى ئاددىي شەكىلدىن ھازىرقىدەك مەخسۇسلاشقان ، ھەربىر سەھىپە ئېنىق ئايرىلغان مۇكەممەل شەكىلگە كېلىشكە ئەگىشىپ ، ھەممە ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنى ۋە تورداشلارغا لازىملىق بولغان ئىشلىتىلىشچان قوراللارنى بىر يەرگە جەملەيدىغان ئۇلىنىش تور بېكەتلىرىمۇ ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى .
ئۇلارنىڭ ئاساسلىق رولى تور دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ياخشى ، ئەڭ مۇنەۋۋەر تور بېكەتلىرىنى بىر يەرگە جەملەپ ، ئۇنى كەڭ تورداشلارنىڭ زىيارەت قىلىشىغا قۇلايلىق تۇغدۇرۇپ بېرىش ئىدى . ھازىرغىچە نۇرغۇن تورداشلار بىر قەدەر داڭلىق تور بېكەتلەردىن باشقا يېڭىدىن قۇرۇلغان ياكى تازا نامى چىقمىغان تور بېكەتلەرنى ئاساسەن ئالدى بىلەن ئۇلىنىش تور بېكەتلىرىگە كىرىپ ئاندىن زىيارەت قىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى . -
2010-10-10
alimama دىن ئەمدى ئۈمىد كۈتمەڭ - [توردىن پايدىلىنىش]
ئالدىنقى بىر مەزگىللەردە ( مەنمۇ يېڭى ئۆگەنچە بولغاچقىمىكىن ) توردا ئېلان چىكىپ پۇل تېپىش دىگەن گەپلەرنىڭ قىزىقتۇرىشى ئاستىدا ،
گوگىلدىن ئېلان ئالالمىغاندىكىن ( ئېنگىلىسچىنى بىلمەيمىز ئەمەسمۇ ) ، تىلىنى ئانچە- مۇنچە بولسىمۇ بىلىدىغان بولغاندىكىن دەپ ئالىمۇمايدىن ئېلان ئىلتىماس قىلىپ ، تەستىقلىشىغا تەلمۈرۈپ يۈرۈپتىكەنمىز .. ( دەرۋەقە ، دەسلەپكى مەزگىلدە يامان ئەمەس ئىدى ، دەسلەپكى ئايدىكى ئېلان كىرىمى 100 يۈەن ئەتراپىدا بۇلۇپ ، مىنى خېلىلا خوش قىلىۋەتكەن ....) لىكىن يېقىنقى ۋاقىتتىن بويان ( دىيارىمىزدىكى تور ئەسلىگە كەلگەندىن بويان ) تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قالدى ... يېقىنقى بىر قانچە ئايدا كۈندىلىك زىيارەت مېقدارى 1000غا چىشلىشىپ ماڭسىمۇ ، ھېچقانچىلىك كىرىم يوق ....
تازا دېققەت قىلىپ قارىسام ئەسلىدە ئىلگىرىكى چېكىلىشىگە ۋە زىيارەت مېقدارىغا قاراپ پۇل ھېساپلاش پۈتۈنلەيلا ، پۈتۈشۈشكە ( ئۈنىمىگە ) قاراپ -
2010-10-09
ئۇيغۇرلاردىكى 2010 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ باھالاش - [بىلوگ بىلىملىرى]
Blog دىن ئىبارەت بۇ يېڭى شەيئى ئارىمىزدا قانچىلىك تېز پەيدا بولغان بولسا، شۇنچىلىك تېز تەرەققىي قىلدى. ھەش – پەش دېگۈچە ئۇيغۇر بلوگگىر ( Blogger، بلوگ نەشىر قىلغۇچى، بلوگ يازغۇچى ) لار قوشۇنىمۇ تېز زورايدى. كۆركەم لايىھىلەنگەن، مەزمۇنى رەڭدار، پايدىلىقلىقى يۇقىرى بلوگلار ئارقا – ئارقىدىن بارلىققا كەلدى. Blog بىزگە يېڭىچە ياشاش، ئۆگىنىش، خىزمەت قىلىش ئۇسۇلى ئاتا قىلىپ،بلوگ بىزنىڭ ئۆزىمىزنى ئىپادىلەيدىغان، ئۆز – ئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، ھەمكارلىشىدىغان يېڭىچە سورۇنىمىز بولۇپ قالدى. Blog بارغانسېرى كۆپ كىشىلەرنىڭ قوبۇل قىلىشى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشىپ، ھاياتىمىزغا ئۈزلۈكسىز تەسىر كۆرسەتمەكتە. قىسقىسى، Blog ھاياتىمىزغا تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ سىڭىپ كىرمەكتە.
-
2010-09-29
سەمىمى مەسلىھەت :-بىخەتەر ئورۇقلاشنىڭ ئاددىي ئۇسۇللىرى - [سۆزۈم بار]
سېمىزلىك مەسلىسىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك ؟ بۇ ناھايىتى ئاددىي ، پەقەت ھەر كۈنى مەيلى ئائىلىدە ، مەيلى ئىشخانىدا بولسۇن ، شارائىتىڭىزنىڭ يار بېرىشىگە قاراپ تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى سىناپ بېقىڭ : 1 . ھەر كۈنى سائىتىڭىزنى 30 مىنۇت ئالدىغا سۈرۈپ قويۇڭ ، مۇشۇ يېرىم سائەت ئىچىدە ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرماي ۋېلىسپىت بىلەن ئىشقا بارسىڭىز ياكى مېڭىپ بارسىڭىزمۇ بولىدۇ . 2 . ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا چىققاندا ئامال بار چىداپ ئۆرە تۇرۇڭ ، بوش ئورۇن بولغان تەقدىردىمۇ ھەرگىز ئولتۇرماڭ . 3 . تېلېفوندا سۆزلەشكەن ۋاقتىڭىزدا ئامال بار مېڭىپ تۇرۇپ ، ياكى ئۆرە تۇرۇپ سۆزلىشىڭ ، ئولتۇرماڭ . 4 . چۈشلۈك تاماققا ئامال بار مېڭىپ بېرىڭ ، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىنمۇ يەنە مېڭىپ قايتىپ كېلىڭ ياكى
-
2010-09-29
بۈگۈر ناھىيىسى - [تور تەرمىلىرى]
بۈگۈر ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. بۈگۈرنىڭ يەر مايدانى 14،189 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 90،000.] تارىخ
بۈگۈر خەن سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ يەردە قۇرۇلغان ئۇرمتاي دۆلىتىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كۈسەن قۇرۇقچىبەگ مەھكىمىسى قارمىقىدىكى ئوڭېرى ئايمىقىغا قارىغان. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدە <بۈگۈر> دەپ ئاتالغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 12 - يىلى (1886 - يىلى) بۈگۈر مۇپەتتىشى تەسىس قىلىنغان. گۇاڭشۈ 28 - يىلى (1902 - يىلى) بۈگۈر ناھىيىسى دەپ ئۆزگەرتىلگەن ھەمدە قاراشەھەر مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگو دەۋرىدە ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە قاراشەھەر باش ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن قاراشەھەر ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. 1954 - يىلى كورلا ۋىلايىتىگە قارىغان. 1960 - يىلى بايىغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا قارايدىغان بولغان. -
2009-06-25
ئۇيغۇر 12 مۇقامى (12木卡姆大全) - [تور تەرمىلىرى]
ئۇيغۇر 12 مۇقامى ئۆز ئىچىدىن < چوڭ نەغمە > ، < داستان > ، < مەشرەپ > قاتارلىق ئۈچ چوڭ بۆلەككە بۆلۈنىدۇ.
ئۇلارنىڭ رەت تەرتىۋى ۋە مۇقام ئىسىملىرىنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە :
. راك مۇقامى 24 نەغمە 1.
چوڭ نەغمىسى 13 ، داستان قىسمى 8 ، مەشرىپى 3
راك -- بۇ ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ بىرىنچىسىنىڭ نامى . ئۇ ئەسلىدە سانسىىكرىتچە سۆز بولۇپ ، ئۇنىڭ مەنىسى "ئاھاڭ" ، "كۈي" دېگەندىن ئىبارەت . بۇ سۆز ھازىرمۇ سېرىلانكىلىق بۇددىستلارنىڭ تىلىدا "كۈي" ، "ئاھاڭ" دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىكەن .
. چەپبايات مۇقامى 24 نەغمە 2.
چوڭ نەغمىسى 12 ، داستان قىسمى 8 ، مەشرىپى 3
چەپبايات -- "چەپبايات" ، " بايات" دېگەن ناملار سانسىكرىتچىمۇ ، پارىسچىمۇ ئەمەس بەلكى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدۇر . ئۇيغۇرچە سۆز بولغاندىمۇ ، باشقىلار ئۆز ماقالىسىدە بايان قىلغىنىدەك ، قەبىلە ۋە قەبىلە تارماقلىرىنىڭ نامىمۇ ئەمەس .
-
2009-06-22
سىزمۇ ئالى مەكتەپتە ئوقۇغانغا پۇشايمان قىلامسىز !؟ - [سۆزۈم بار]
جوڭگۇ ياشلار گىزىتى نەشىرياتى تەكشۈرۈش مەركىزى بىلەن مەلۇم تور پونكىتىنىڭ بېيجىڭ ، شاڭخەي قاتارلىق 4چوڭ شەھەردىكى ئالى مەكتەپلەردىن 8777 نەپەر ئوقۇغۇچىنى زىيارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ، %34.7 سىناققا قاتناشقۇچى ئۆزىنىڭ ئالى مەكتەپتە ئوقۇغانلىقىغا پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
ئۇلار ئاساسەن مۇنداق قاراشتىكەن :
1- خىل قاراش : -4 يىل ئالى مەكتەپتە ئوقۇش پەقەت ئاتا - ئانىمىزنىڭ قان - تەرى بەدىلىگە كەلگەن پۇلنى بۇزۇپ -چېچىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسكەن ، ئۇلار مىڭبىر جاپادا بىزنى ئوقۇتسا ، بىز پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئۇلارنى بېقىش -
2009-04-16
ئۆزىمىزنىڭ بىلوگىنى قانداق تەشۋىق قىلىمىز ؟ - [بىلوگ بىلىملىرى]
ئۆزىمىزنىڭ بىلوگىنى قانداق تەشۋىق قىلىمىز ؟
بىر بىلوگنى قۇرغانكەنمىز ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئېقىم مېقدارىنىڭ كۆپ بۇلىشىنى ، زىيارەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشىنى ( بۇ ئارقىلىق ئېلان قۇيۇش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن ئازراق بولسىمۇ كىرىم قىلىشنى ) ئويلايسىز . لىكىن سىز بىلوگىڭىزغا يازمىلارنى يوللاۋەرسىڭىز ، يازمىڭىز ھەرقانچە بەك ياخشى بولسىمۇ ، تەشۋىقاتنى ياخشى ئىشلىمىسىڭىز سىزنىڭ بىلوگىڭىزنى بىلىدىغانلار چىقمايدۇ ياكى زىيارەت مېقدارى كۆپەيمەيدۇ . شۇڭا ھەرخىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئۆز بىلوگىڭىزنى تەشۋىق قىلىپ بېقىشىڭىز كېرەك . تۆۋەندە مەن بىر قانچە خىل ئۇسۇللارنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن . پايدىلىنىپ باقارسىز . -
2009-03-10
موھىم خاتىرە كۈنلەر (1) - [تور تەرمىلىرى]
موھىم خاتىرە كۈنلەر (1)
1- ئاينىڭ 1- كۈنى يېڭى يىل بايرىمى
2-ئاينىڭ 2- كۈنى خەلىقئارا نەم يەر كۈنى
2- ئاينىڭ 4-كۈنى خەلىقئارا راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، داۋالاش كۈنى
2- ئاينىڭ 20-كۈنى دۇنيا ئىجدىمائى ئادىللىق كۈنى ... -
2010-10-12
2009-يىلدىكى 10چوڭ ۋىروس - [توردىن پايدىلىنىش]
1-ماشىنا ئىت
ۋىروسنىڭ ئىنگىلىزچە ئىسمى: Trojan.Psw.Onlinegame.Dog
ۋىروسنىڭ خەنزۇچە ئىسمى: 机器狗
ۋىروس شەكلى:ياغاچ ئات
خەتەرلىك دەرىجىسى: ★★★★
تەسىر كۆرسىتىدىغان سەھنىسى: Win9X/2000/XP/NT/Me
-
2010-10-12
شىنجاڭنىڭ ئۇمۇمىي ئەھۋالى - [تور تەرمىلىرى]
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، قىسقارتىپ شىنجاڭ دېيىلىدۇ، ئاسىيا - ياۋروپا قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە،
جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال چېتىگە جايلاشقان، ئومۇمىي كۆلىمى 1 مىليون 664 مىڭ كۋادرات كېلومېتىر، جۇڭگو زېمىنىنىڭ 6 دىن 1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، ئەتراپتا رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، پاكىستان، موڭغۇلىيە، ھىندىستان، ئافغانىستاندىن ئىبارەت 8 دۆلەت بىلەن چېگرىلىنىدۇ؛ قۇرۇقلۇق چېگرىسى 5600 كىلومېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت قۇرۇقلۇق چېگرىسىنىڭ 4 تىن 1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، شىنجاڭ جۇڭگودىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، قۇرۇقلۇق چېگرا لىنىيىسى ئەڭ ئۇزۇن، چېگرلىنىدىغان دۆلەت ئەڭ كۆپ بولغان ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون. شىنجاڭ قەدىمدە غەربىي دىيار دەپ ئاتالغان ، قەدىمدىن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ كەلگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 138 - يىلى، خەن ۋۇدى جاڭ چيەننى غەربىي دىيارغا ئەلچىلىككە ئەۋەتكەن، بۇنىڭ بىلەن، غەربىي خەن سۇلالىسى ھاكىمىيىتى بىلەن غەربىي دىياردىكى ئەللەر ئالاقە ئورناتقان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 60 - يىلى غەربىي خەن سۇلالىسى ھاكىمىيىتى ئۇرلى (ھازىرقى بۈگۈر
-
2010-10-11
بېلگايتىسنىڭ ئون جۈملە سۆزى - [سۆزۈم بار]
بېلگايتىسنىڭ بۇ ئون جۈملە سۆزى سىزنىڭ ھاياتىڭىزدا بۇرلۇش ھاسىل قىلغۇسى
ھەرقانچە زېرىكىشلىك بولسىمۇ ، كۈلۈمسىرەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ؛ ھەرقانچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇ تەلەپپۇزىڭىزغا دېققەت قىلىڭ .
ھەرقانچە جاپالىق بولسىمۇ بەرداشلىق بېرىڭ ؛ ھەرقانچە ھارسىڭىزمۇ ئۆزىڭىزنى قەدىرلەڭ .
كىچىك پېئل بۇلۇڭ ، قەدەممۇ - قەدەم ئالغا باسالايسىز ؛ ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلەڭ ، پەللىمۇ -پەللە مۇنەۋەرلەدىن بۇلالايسىز.
مۇۋەپىقىيەت قازانغان ۋاقتىڭىزدا ئۆتمۈشىڭىزنى ئۇنۇتماڭ ؛ مەغلۇبىيەتكە يۇلۇققىنىڭىزدا كېلەچىكىڭىزدىن ئۈمۈدۋار بۇلۇڭ .
ئېرىشىشكە ئىشەنچىڭىز بارلىرىغا تىرىشىڭ ؛ ئىشەنىچ يوقلىرىغا ئۆزىڭىزنى ئۇرماڭ .
تۇرمۇش ھەرگىزمۇ تۈزسىزىق ئەمەس ، بىر يولدا ماڭالمىسىڭىز ، ئەگىپ ئۈتۈپ كېتىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ .
ياش ۋە تەرنىڭ خېميىلىك تۈزىلىشى ئوخشاپ كېتىدۇ ، لىكىن ئالدىدىكىسى پەقەت سىزگە ھېسداشلىق ئېلىپ كېلەلەيدۇ ؛ كىينكىسى بولسا سىزگە -
2010-10-11
blogbus تىكى بۇ يېڭىلىقنى كۆردىڭلارمۇ ؟ - [بىلوگ بىلىملىرى]
blogbus تىكى بۇ يېڭىلىقنى كۆردىڭلارمۇ ؟
بەلكىم نۇرغۇنلىغان بىلوگىرلار دېققەت قىلمىغان بۇلىشى مۆمكىن ، مەنمۇ تېخى تۈنۈگۈنلا بايقىدىم . بىلوگنىڭ يازمىسىغا رەسىم قىستۇراي دەپ ، ياخشىراق ئالبوم ئىزدەپ تېپىپ بۇلالماي ، بىلوگبۇسنىڭ ئۆزىنىڭ بوشلۇقىدىكى ماتىريالنى كۆرۈپ باقاي دەپ قاراپ ھەيرانلا قالدىم ، بىلوگبۇسنىڭ ئىلگىرىكى 10مىگابايىتلىق بوشلۇقى 50مىگابايىتقا ئۆزگىرىپ قاپتۇ . -
2010-09-29
مەكتەپتىكى ئوخشۇتۇشلار - [تور تەرمىلىرى]
مەكتەپتىكى ئوخشۇتۇشلار
مەكتەپ مۇدىرى ---- ھۇكۇمراننىڭ ھۇكۇمرانى
مۇئەللىم _______ خاسىيەتلىك ئادەم
سىنىپ باشلىقى ____پۇخراچە كىيىنگەن ساقچى
ئۆگىنىش باشلىقى __يالغان ھولمىس
ئىتتىپاق ئەزالىرى __ 5- باشقارما ھەرىكەتتە