باغۋەندىكى تەۋسىيە تىما:
- تور سۈرئىتىنى تىزلىتىش (1)
- autorun ۋىروسى خاسلىقىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ھۆججەتلەرنى ئوڭشاش
- ئۇيغۇرلاردىكى 2010 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ باھالاش - [بىلوگ بىلىملىرى]
- winXP نىڭ كىرىش پارۇلىنى ئۇنتۇپ قالغاندا ....
- alimamaسىزنىڭ ئېلان ئىلتىماسىڭىزنى يەنە تەستىقلىمىدىمۇ !؟
- ئۆزىمىزنىڭ بىلوگىنى قانداق تەشۋىق قىلىمىز ؟
- بىلوگباستىكى خەنزوچە ئۇسلۇبلارنى چۈشۈرۈش ئۇسۇلى
-
2009-06-25
ئۇيغۇر 12 مۇقامى (12木卡姆大全) - [تور تەرمىلىرى]
ئۇيغۇر 12 مۇقامى ئۆز ئىچىدىن < چوڭ نەغمە > ، < داستان > ، < مەشرەپ > قاتارلىق ئۈچ چوڭ بۆلەككە بۆلۈنىدۇ.
ئۇلارنىڭ رەت تەرتىۋى ۋە مۇقام ئىسىملىرىنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە :
. راك مۇقامى 24 نەغمە 1.
چوڭ نەغمىسى 13 ، داستان قىسمى 8 ، مەشرىپى 3
راك -- بۇ ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ بىرىنچىسىنىڭ نامى . ئۇ ئەسلىدە سانسىىكرىتچە سۆز بولۇپ ، ئۇنىڭ مەنىسى "ئاھاڭ" ، "كۈي" دېگەندىن ئىبارەت . بۇ سۆز ھازىرمۇ سېرىلانكىلىق بۇددىستلارنىڭ تىلىدا "كۈي" ، "ئاھاڭ" دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىكەن .
. چەپبايات مۇقامى 24 نەغمە 2.
چوڭ نەغمىسى 12 ، داستان قىسمى 8 ، مەشرىپى 3
چەپبايات -- "چەپبايات" ، " بايات" دېگەن ناملار سانسىكرىتچىمۇ ، پارىسچىمۇ ئەمەس بەلكى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدۇر . ئۇيغۇرچە سۆز بولغاندىمۇ ، باشقىلار ئۆز ماقالىسىدە بايان قىلغىنىدەك ، قەبىلە ۋە قەبىلە تارماقلىرىنىڭ نامىمۇ ئەمەس .